ئىگىلىشىمىزچە 3-فېۋرال باشلانغان خىتاينىڭ 2022-يىللىق «چاغان» بايرىمىدىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ناھىيەلىرىدە، خىتايچە كىيىندۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار كوچا ئايلىنىپ، كوللېكتىپ ھالدا خىتاينىڭ «ياڭگېر ئۇسسۇلى»، «يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى»، «بەلدۇمباق ئۇسسۇلى» قاتارلىق خىتايچە ئۇسسۇللارنى ئويناشقا سېلىنغان.
خىتاي تاراتقۇلىرى خەۋەرلىرىدە بۇ مەنزىرە، «تەشكىللەنگەن كوچا ئۇسۇلى ئويۇنچىلىرى چاغان ۋە پانۇس بايرىمىدا بايرام كەيپىياتىنى ياراتتى، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن مەدھىيەلەندى.
16-فېۋرال كۈنى ئاقسۇ ئاخبارات تورىدا «داقا دۇمباق چېلىنىپ كوچا ئويۇنى قويۇلۇپ، يۈەنشياۋ بايرىمى بەك قىزىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر بېرىلدى. خەۋەردە، «ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرىدا كوچا ئويۇنى پائالىيىتى ئەۋجىگە چىققانلىقى، پائالىيەتكە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى كەنتلەردىن كەلگەن پۇقرا مەدەنىيەت ماھىرلىرى قاتناشقان» لىقى، تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە «ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا بايراملىق كىيىملەرنى كىيىپ، ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىكى تىلىگەنلىكى، داقا-دۇمباق ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىپ ئەجدىھا، شىر ئۇسسۇلى ئوينىغانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى ئانالىزچىلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر بۇنى «ئۇيغۇرلار كوللېكتىپ ھالدا ئۇچراۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئەيىبلىمەكتە.
ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئوبزورچى خۇ پېڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي بايراملىرىنى چەكلەپ، خىتاينىڭ «چاغان»، «پانۇس بايرىمى» غا ئوخشاش خىتاي بايراملىرىنى ئۇيغۇرلارغا تېڭىشى، تىپىك ھالدىكى «مەدەنىيەت يوقىتىشى» ھېسابلىنىدىكەن.
خۇ پېڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۇلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى قانۇنلۇق بايراملىرى قىلىپ بېكىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز بايراملىرىدىن ھۇزۇر ئېلىشىغا يول قويۇشى كېرەك ئىدى. ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما ھازىر بۇ ھۆكۈمەت پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئىش قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر خىتاي بايراملىرىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلاردا ‹چاغان›، ‹پانۇس بايرىمى›غا ئوخشاش خىتاي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئادىتى يوق. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارغا خىتاي بايراملىرىنى مەجبۇرىي تېڭىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بايراملىرىنى چەكلەپ يوقىتىۋاتىدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى تىپىك ھالدىكى ‹مەدەنىيەت يوقىتىشى› ھېسابلىنىدۇ».
خۇ پېڭ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل مەجبۇرلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ياش ئەۋلادلارغا بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. چۈنكى يېشى چوڭلار ئۆزلىرى شۇ مۇھىتتىن كەلگىنى ئۈچۈن، ئۇلار ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۇنتۇمايدۇ. ئۇلار ئۆز بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشتىن چەكلەنگەن ھالەتتىمۇ، قەلبىدە مىللىي بايراملىرى ساقلانغان بولىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھېكايىلىرىنى بىلىدۇ. ئەمما ھازىر بۇ خىل ئۇسۇل قوللىنىلغاندا بىر ئەۋلاد ياشلار ئۆزىنىڭ مىللىي بايراملىرى بىلمەيدىغان بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۇلاردا مىللىي بايراملىرىغا بولغان تەسىراتمۇ يوقىلىدۇ. مانا بۇ ئەھۋال مەدەنىيەت يوقىلىشىدەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ».
خۇ پېڭ ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئارقىلىق مىللەتنى يوقىتىش نىشانىغا يېتىشتەك خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭغا قارشى جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
خۇ پېڭ مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئاددىي. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارغا، تىبەتلەرگە ئۆز كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش. يەنى ئۇلاردىكى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ تىبەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى يوقىتىش. ئۇنىڭ مەقسىتىمۇ ھازىر ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل ئۇسۇلدا ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى›نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. بۇنىڭ خەتىرىمۇ مۇشۇ نۇقتىدا. چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تۈگىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرالايدۇ. شۇڭا ئۇ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يوقىتىش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەھمىيىتى دەل مۇشۇ نۇقتىدا. ئەگەر ئۇنىڭ بۇ تەدبىرى بىرنەچچە ئەۋلاد داۋاملاشقاندا، ئۇ بۇ جىنايى قىلمىشىنىڭ ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن بولىدۇ. كېيىن بىز ئۇيغۇرلارنى كۆرگىنىمىزدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئۇنۇتقان بولىدۇ. مانا بۇ ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋال. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدىن جىددىي ئاگاھ بولۇشىمىز ۋە بۇنىڭغا قارشى مەيدانىمىزنى ئىپادىلىشىمىز كېرەك».
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن ئامېرىكادىكى دوكتۇر قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ «چاغان»، «پانۇس بايرىمى» غا ئوخشاش خىتاي بايراملىرىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىشتىكى مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنى مىللەت بويىچە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، خىتايلاشتۇرۇپ ئېرىتىپ تۈگىتىش ئىكەن.
قاھار بارات ئەپەندى ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېڭىۋاتقان «چاغان» بايرىمى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن پۈتۈنلەي يات بولغان مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «چاغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خىتايلارنىڭ باھار بايرىمى بولۇپ، كېيىنچە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرى ۋە شەرقىي شىمالدىكى مانجۇلارغا كېڭەيگەن. تۈركىي مىللەتلەر قوۋمىدىن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىدا خىتايلار بىلەن ھېچقانداق قانداشلىقى ۋە مەدەنىيەت ئورتاقلىقى بولمىغان. تارىخىي مەنبەلەردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزگەن مەلۇماتلار يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ باھار بايرىمى دەل 3-ئاينىڭ 22-كۈنى قار-مۇزلار ئېرىگەندىن كېيىن كېلىدىغان نورۇز بايرىمى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە خىتاينىڭ چاغان، پانۇس بايرىمىغا ئوخشاش مىللىي بايراملىرىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى».
قاھار بارات ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئالاھىدىكى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ، كوچىلارغا مەجبۇرىي چىقىرىلىپ، خىتايچە كىيىنىپ، خىتايچە چاغان تەبرىكلەشكە مەجبۇر قىلىنىشىنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئەمەلىي پاكىتى» ئىكەن.
دوكتۇر قاھار بارات ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ھەققىدىكى قاراشلىرىنىمۇ ئورتاقلاشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.