خىتاي ھۆكۈمىتى نېمىشقا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەھدىت دەپ قارايدۇ؟

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە خىتاينىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا خىتاي نوپۇس كۆپ بولسىمۇ تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەن بولغان. ئۇزۇن يىللاردىن بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئاياللارنى كۆپ بالىلىق بولۇشقا ئىلھاملاندۇرغان، ئەمما يەرلىك مىللەتلەرگە بولسا تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى ناھايىتى قاتتىق يۈرگۈزگەن. 2016-يىلدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ تەدبىرلەر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتماقتا.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «خىتاي شىنجاڭدىكى تۇغۇلۇشنى باستۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمان ئاياللارنى نىشانلىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي دائىرىلىرى مۇسۇلمان ئاياللارنى نىشانلاش ئارقىلىق ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تەسىر كۆرسىتىدىغان نوپۇس ئۆزگىرىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرلىك تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ رايوندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ئاللىقاچان تۆۋەنلەپ كەتكەن.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان نوپۇس ئىستاتىىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ۋە خوتەندىن ئىبارەت بۇ ئىككى رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسى 2015-يىلىدىن باشلاپ تىك سىزىق بىلەن تۆۋەنلەپ ماڭغان. 2020-يىلىغا كەلگەندە نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى نۆل بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلارنى قۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە تۇتۇش باشلىغاندىن بۇيان رادىيومىز ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ مەلۇمات بېرىشنى كۈچەيتكەنىدى. تەكشۈرۈش جەريانىدا لاگېرغا سولانغان، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغان، خىتاي ئەرلىرىگە مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇلغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ سانى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان ئاياللار ئىچىدە تۇغۇت يېشىدىكى ياش قىزلارمۇ، بىرقانچە پەرزەنتلىك بولغانلارمۇ زور سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

ھەتتا ئۆيىدە نەۋرىسىنى بېقىۋاتقان ياشتا چوڭ ئاياللارمۇ ھەرخىل باھانىلەر بىلەن لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە سولانغان بولۇپ، ئۇلار بالىلىرىدىن، نەۋرىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن.

ئاۋسترىيەدە تۇرۇشلۇق مەھبۇبە ئابلا خانىمنىڭ ئاپىسى پەيزۆھرە ئۆمەر بۇ يىل 61 ياشتا بولۇپ، 19 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئاپىسىنىڭ تىككۈچىلىك ھۈنىرى بار بولۇپ، مەھەللىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال ئىكەن.

ئانالىزچىلار ياشتا كىچىك قىزلارنى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن لاگېرلارغا سولاپ، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋاتقان بولسا، ئوتتۇرا ياش، ياشانغان ئاياللارنى مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان ئەۋلادلارنى تەربىيەلەيدىغانلىقى، ئائىلىدە، جەمئىيەتتە ئۆرپ-ئادەتنى ساقلاپ قىلىشتا ئاساسلىق رول ئوينايدىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى، قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ تۇرۇشتىكى ئاساسىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ئاياللارنى نىشان قىلغان تەدبىرلەرنى سىستېمىلىق ھالدا يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

گوللاندىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى «يوقىتىش سىياسىتى» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئاياللارنىڭ، ئانىلارنىڭ ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى نىشان قىلىشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلاشتۇر.»

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرىسىتېتى تۈركولوگىيە كەسپىنىڭ دوكتورانتى رابىگۈل ھاجىمۇھەممەتنىڭ ئاپىسى تۇخان ھاجىمۇ 2017-يىلى لاگېرغا ئىلىپ كېتىلگەن بولۇپ، بۇ يىل 53ياش ئىكەن. رابىگۈل ئاپىسىغا ئوخشاش ئائىلە ئاياللىرىنىڭمۇ خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا سولىنىشى ئاددىيلا باستۇرۇش سىياسىتى بولماستىن بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ۋەيران قىلىش ئىكەنلىكىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە بالايىئاپەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈپ يوقىتىش پىلانىنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئىجرا قىلىنىشى دەپ قارالماقتا.

تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىتنىڭ ئانىسى تاجىگۈل قادىر بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 2017-يىلى 13 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. نۇرسىمانگۈل خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئانىسىغا ئوخشاش ئائىلە ئاياللىرىنىمۇ بوش قويماسلىقى ئۇيغۇر ئائىلە قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە خىتاي بۇنىڭ بەدىلىنى ھەسسىلەپ ئۆتىشى كېرەك، دېدى.

ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ قارىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئائىلە ئىشىدىن باشقا ئىشلار بىلەن كارى بولمىغان، بالا بېقىشتىن باشقا دەردى بولمىغان ئانىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىگە بولغان تەھدىت، دەپ قارىغان.

ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «خىتاي ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ ھەممە شەكلىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.»

ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىلارى كلىنتون 1998-يىلدىكى ئائىلە زوراۋانلىقى يىغىنىدا «ئاياللارنىڭ ئەزەلدىن ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق قۇربانى» بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر رايونىدا سۈرىيە، پەلەستىن قاتارلىق رايونلاردا بولۇۋاتقاندەك ئاشكارا ئۇرۇش بولمىسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېغىر باستۇرۇش مەۋجۇت ئىكەن.