نىكول مورگىرت: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى ئاخباراتتىن يوشۇرۇۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-05-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى» دا ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خەلقئارا خاتىرە كۈنى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى نىكول مورگېرت خانىم سۆز قىلماقتا. 2018-يىلى 30-ئاۋغۇست.
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى» دا ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خەلقئارا خاتىرە كۈنى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى نىكول مورگېرت خانىم سۆز قىلماقتا. 2018-يىلى 30-ئاۋغۇست.
RFA/Eziz

دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 1-ماي كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» نى يورۇتۇشتىكى خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

خىتاي دۇنيادا مۇخبىرلار ئاڭ كۆپ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 2020-يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ «كومپارتىيەنىڭ ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش»، «تەنقىدىي كۆز قاراشلارنى باستۇرۇش ۋە ئۇچۇر ئوغرىلاش» ئارقىلىق دۇنيادىكى باشقا تاراتقۇلارغا تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى لايىھە تۈرى دىرېكتورى نىكول مورگرىت خانىم بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئەركىنلىكى توغرىلىق ئېلان قىلغان باياناتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەر يىلى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يىل بىز شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالنى خەۋەر قىلىشنىڭ بارغانسېرى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدۇق. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زادى نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئاخباراتتىن يوشۇرۇۋاتقانلىقى ئېنىق».

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەرنى يازغان مۇخبىرلار، مەسىلەن 2015-يىلى ئۇرسۇلا گاۋتىيېر ۋە 2018-يىلى مېگا راجاگوپالانغا ئوخشاشلارنىڭ ۋىزىسىنى رەت قىلغانىدى. 2020-يىلى «نيۇ-يورك ۋاقتى» «ۋال سىترېت ژۇرنىلى» ۋە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىنى خىتايدىن قوغلاپ چىقاردى. بۇ ئۈچ گېزىتنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، يۇقىرى تېخنىكىلىق ساقچى دۆلىتى تۈزۈمى ۋە جازا لاگېرلىرىنىڭ رايونغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە باشقىلارغا ئائىت مۇھىم پاكىتلارنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بۆسۈش خاراكتېرلىك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغانىدى.

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام-2014 يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاتالمىش «مىللىي قۇتراتقۇلۇق ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى ئارتىلىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان دادىسى ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇر بىز» تورى ئارقىلىق ئۆز پىكىرلىرىنى ئەركىن بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «دادام ئىلھام توختى ئۆزىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇربىز. چوم تور بېكىتىدە ئاشكارا ھالدا ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. ئەمەلىيەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: ‹ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز پىكرىنى ئەركىن بايان قىلىش ھوقۇقى بار›؛ بۇ ھوقۇق، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەر قانداق ئاخبارات ئارقىلىق ئۇچۇر ئىزدەش، قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دادام پەقەت ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى ئىشلەتتى. ئەركىن سۆزلەش بولمىسا، كىشىلەر قانداق قىلىپ ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلالايدۇ؟ ئەركىن ئاخبارات بولمىسا كىشىلەر ھەقىقەتنى قانداق ئۆگىنىدۇ؟ مەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە توغرا قاراپ، دۇنيادىكى باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش ھەقىقەتنى بىلىشكە لايىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى گۈلنار ئىمىن، غەيرەت نىياز، تۇرسۇنجان ھېزىم ۋە باشقا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاخبارات خادىملىرىنى، تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنى تۈرمىگە تاشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى نامەلۇم. بۇ ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرىنىڭ خېلى كۆپى ئۇزۇن يىللىق تۈرمە جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغانىدى. 2016-يىلى، تۇتقۇن قىلىش باشلىنىپ، كىشىلەرنى لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە سولىغاندىن بۇيان يەنە ئابدۇراخمان ئەبەي، يالقۇن روزى، چىمەنگۈل ئاۋۇت، ئىلھام ۋەلى، مىركامىل ئابلىمىت ۋە باشقا نەچچە ئونلىغان ئاخبارات-نەشرىيات خادىملىرى تۇتۇلدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنىڭ ئەھۋالى ھازىرغىچە نامەلۇم.

«ۋايىس» ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى ئاخبارات خادىملىرىنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئارقىلىق تەھدىت سالغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىمۇ ئۆز باياناتىدا بۇ ئەھۋالنى تىلغا ئالغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت