مۇھاجىر مەمەتتوختى ئىمىننىڭ يۇرتى توققۇزاقتىكى بىر مازارلىقتا بەرپا قىلغان بىر ئارامگاھى بۇزۇۋېتىلگەن

0:00 / 0:00

مۇھاجىر مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا تۈركىيەدە ئۆتكەن 50 يىللىق مۇھاجىرلىق ھاياتىدا تاپقان-تۈگكەنلىرىنى ئانا يۇرتى قەشقەر توققۇزاقتىكى لەڭگەر يېزىسىغا مەبلەغ قىلىپ سالغان. كېيىنكى يىللاردا يېزىدىكى بۇۋىخېنىم مازارلىقىنىڭ بىرقىسمىغا بىر گۈمبەز ياسىتىپ ئەتراپىغا گۈل-گىياھ ۋە مېۋە دەرەخلىرى تىككەن، شۇنداقلا گۈمبەزنىڭ يېنىغا ئۆز قەبرىسىنىمۇ ياساتقان. يۇرتداشلىرىنىڭ ئارامى ۋە ئۆزىنىڭ يۇرت ھەسرىتىنى بېسىش ئۈچۈن ياسالغان بۇ باغچە سىياقىدىكى گۈمبەز يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇزۇۋېتىلگەن، تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا، تۈركىيەدە ئۆز ھالىدىن ئېشىنغۇدەك ئىقتىسادىي كۈچكە ئېرىشكەندىن باشلاپ، تاپقان-تۈگكىنىنى يۇرتى توققۇزاقنىڭ لەڭگەر يېزىسىغا مەبلەغ قىلىپ سېلىشقا باشلىغان. ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىسى شۇنداقلا تۇنجى ئايالىدىن بولغان 5 بالىسىنىڭ ماكانى بولغان بۇ يېزىغا ئەڭ دەسلەپتە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ سېلىپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن تاغ باغرىدىن 150مو يەر ئېچىپ باغ-ۋاران بىنا قىلغان. يېشى چوڭىيىپ قالغان كېيىنكى مەزگىللەردە، لەڭگەر يېزىسىدىكى قەدىمىي زاراتگاھلىق-بۇۋىخېنىم مازارلىقىنىڭ 15 موچە قىسمىغا گۈل-گىياھ ۋە مېۋە دەرەخلەر ۋە بىر گۈمبەزدىن تەركىب تاپقان بىر ئارامگاھ ياساتقان. ئۈستى يېپىق، 4 ئەتراپى ئوچۇق بۇ گۈمبەز زاراتگاھلىققا كەلگۈچىلەرنىڭ دەم ئېلىشى ۋە خەتمە قۇرئان قىلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، گۈمبەزنىڭ يېنىغا يەنە ئۆزىنىڭ ئاخىرقى نەپىسىنى ئانا يۇرتىدا ئېلىش ئارزۇسىنىڭ بىر نامايەندىسى سۈپىتىدە ئۆزى ئۈچۈن بىر قەبرە ياساتقان. ئۇ بۇ ئىشى ئارقىلىق، ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسى ۋە يۇرت جامائىتى ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىشقا تىرىشقان. مەزكۇر گۈمبەز ۋە قەبرە 2009 ‏-يىلى ياسىتىلغان، ئۇ 2017 ‏-يىلى سالامەتلىكى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاخىرقى نەپىسىنى ئانا يۇرتىدا ئېلىش ئۈچۈن يۇرتىغا زىيارەتكە بارغان. ئەمما ئۇ بۇ قېتىم ئالدىنقى يىللاردىكىدىن پەرقلىق بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن؛ ئىلگىرى ئۇنىڭ مەزكۇر يېزىغا سالغان مەبلەغلىرى ۋە قىلغان خىزمەتلىرى سەۋەبلىك ئۇنى مەدھىيەلىگەن دائىرىلەر بۇ قېتىم ئۇنى جىددىي يوسۇندا تەقىب ئاستىغا ئالغان، ھويلىسىدىن سىرتقا چىقىشىغا يول قويمىغان ۋە مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن يۇرتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىغان. ئۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىش ئۈچۈن بارغان قەشقەردىن ئامالسىز ئايرىلغان. ئۇ تۈركىيە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرىدىن 10 نەچچە كىشىنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى ۋە كېسىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ ئەينى چاغدا بۇ ئەھۋاللارنى رادىيومىز ئارقىلىق خەلقئاراغا ئاشكارىلىغان ۋە تۈركىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئائىلە نۆۋىتى پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان. مەمەتتوختى ئاكا يېقىنقى ئايلاردا مۇناسىۋەتلىك قاناللىرى ئارقىلىق ئۇ 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ بەرپا قىلغان مەزكۇر ئارامگاھنىڭ بۇزۇۋېتىلگەنلىكى، جۈملىدىن گۈمبەزنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگۈچى ئۇنىڭغا دائىرىلەرنىڭ ئۇنى يۇقىرىقى پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت بولغان قەبرە ۋە ئۇ ياسىغان ئارامگاھ-گۈمبەزنىمۇ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا، سۈنئىي ھەمراھ خەرىتىسىدىن كۆزىتىش ئارقىلىق مەزكۇر مازارلىقتا ئۆزى بىنا قىلغان گۈمبەزنىڭ راستىنىلا چېقىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان.

بىز مەزكۇر ئۇچۇلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، لەڭگەر يېزىسىدىكى ئالاقىدار خادىملارغا تېلېفون قىلدۇق.

مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان، يۇرتىدىكى بىر قىسىم مال-دۇنياسىنى پەرزەنتلىرىگە مىراس قىلىپ بۆلۈپ بېرىش ئۈچۈن يۇرتىغا بېرىشقا بىر نەچچە قېتىم ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، خىتاي كونسۇلخانىسى ۋىزا بەرمىگەن، لەڭگەردىكى ئالاقىدار خادىملار تېلېفونلىرىغا جاۋاب بەرمىگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىملاردىن بىرى مەمەتتوختى ئىمىن ئاكىنىڭ پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرىدىن 7 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. يەنە بىر خادىم مەمەتتوختى ئاكا بەرپا قىلغان مەزكۇر گۈمبەزنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا 82 ياشلىق مۇھاجىر مەمەتتوختى ئىمىن ئاكىنىڭ يۇرتى توققۇزاققا بىنا قىلغان بىر ئارامگاھنىڭ بۇزۇۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.