ئۇيغۇر دىيارىدىكى چاغان داغدۇغىسى ۋە خىتاي يوشۇرۇۋاتقان يۇقۇم ۋەزىيىتى

0:00 / 0:00

خىتايدا بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامالى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە ۋە كۆپلىگەن خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۇقۇملىنىش ۋەزىيىتى ئېغىرلىشىپ كەتكەن، شۇنداقلا يۇقۇملىنىپ ئۆلگۈچىلەرنى كۆيدۈرۈشمۇ تەسلەشكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەسلىكى، گۇمان قوزغاپ كەلگەن ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە، ئۇيغۇر رايونىدا ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەشكىللىشىدە داغدۇغىلىق چاغانلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىلىۋاتقانلىقى كۆپلەپ خەۋەر قىلىنماقتا.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 19-يانۋاردىكى سانىدا، 18-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ داۋانچىڭ رايونىدا «قاشتېشى توشقان بىلەن باھار بايرىمىنى كۈتۈۋالايلى» تېمىسىدا 2023-يىللىق چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

«باھار بايرىمىنى كتۈۋېلىش» نامىدىكى تىپىك خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە چاغانلىق پائالىيەتلەر يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىدىمۇ كەڭ-كۆلەملىك ئۆتكۈزۈلگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە خوتەن ۋىلايىتىدە چاغان مەزگىلىدىكى «مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە يەنە خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن چاغانلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىكى خىتاينىڭ شىچۈ تىياتىرى، قەدىمىي خىتايچە شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش، چاغانلىق پانۇس سەيلىسى قاتارلىقلارنىڭ بۇ يىللىق قىشلىق ساياھەتنىڭ مۇھىم تېمىلىرى بولغانلىقى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ھالبۇكى، خوتەندىكى چاغانلىق پائالىيەتلەر ھەققىدە تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە بولسا، چاغانلىق پائالىيەتلەردە خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى كىيملىرىنى كىيىپ، كوچىلاردا ئويۇن قويۇۋاتقانلارنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يۇقۇم ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ھەرقانداق ئۇجۇرلارنى قامال قىلىۋاتقان ۋەزىيەتتە، خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ چاغانلىق پائالىيەتلىرىگە تەشكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مەقسەتلەر، ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددى دىققىتىنى قوزغىدى.

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن گېرمانىيەدىكى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى ۋىرۇس يۇقۇمى شىددەت بىلەن كېڭىيىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «چاغاننى تەبلىكلەش» نامىدىكى بۇ خىل ئاممىۋى يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشى، رايوندىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىدىن خەۋەر ئالالمىغان چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلارنى تۈرلۈك گۇمان ۋە ئەندىشىلەرگە سالماقتا ئىكەن.

ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي تەشكىللەپ، ئۇلارنى خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمىغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى خىتايچە بايراملارنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلىنىدىغان ئەھۋالنىڭ بارغانچە ئومۇملاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىپ پروفېسسورى، ئادۋوكات تېڭ بىياۋنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن رايوندىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىنتايىن ئاشكارا ھالدا كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە تىلى قاتارلىقلارغا بولغان كونتروللۇق سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ھەتتا دائىرىلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىگە بولغان چۈشەنچىلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي يوقاتماقچى بولىۋاتىدۇ.»

ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى خىتايچە كىيىملەرنى كىيىپ، خىتايچە چاغانلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە مەجبۇرلىنىشىنىڭ ئۆزى، ئۇيغۇر دىيارىدا «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» نامىدىكى ئاسسىمىلاتسىيەگە مەجبۇرلاش سىياسىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈرگۈزىلىۋاتقانلىقىنىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى ئىكەن. يۇقۇم ھەققىدىكى خەۋەرلەر قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، دائىرىلەرنىڭ چاغانلىق پائالىيەتلەرنى بۇ دەرىجىدە داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئۆزى، رايوندا يۇقۇم ۋەزىيىتىگە بولغان نارازىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، رايوندا ۋەزىيەت مۇقىم ۋە تىنچ دېگەن ساختا كۆرۈنۈشنى ھازىرلاش ئۈچۈن ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى ھەقىقەتتەنمۇ ئەندىشىلىك ئىكەن.