ئاتۇشتىكى ساقچى خادىملىرى: چاغاننى تەبرىكلەشكە قاتناشقانلار مۇكاپاتلىنىدۇ، قاتناشمىغانلار جازالىنىدۇ

0:00 / 0:00

بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر ئېلىدە چاغانلىق پائالىيەتلەرنىڭ داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ۋە چاغاننى تەبرىكلەۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئاتۇشتىكى ئالاقىدار خادىملار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چاغاننى تەبرىكلىنىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مۇكاپاتلاش تەدبىرى قوللانسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن سىياسىي ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەش ۋە قاتناشمىسا جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە قورقۇتۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئاتۇشتا ئەڭ داغدۇغىلىق شەكىلدە داۋاملاشماقتا. ھەتتا ئاتۇشتىكى قاتناش ساقچىلىرى ساقچىلارنى مەدھىيەلەيدىغان خىتايچە ناخشىلارنى تەمبۈردە ئورۇنلىغان. بىز بۇ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاتۇشتىكى ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىملارغا تېلېفون قىلدۇق. ئاتۇشتىكى بىر ساقچى خادىمى بۇ پائالىيەتلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتقانلار ئارىسىدا كەنت دەرىجىلىك ساقچى ئىشخانىلىرى بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم تەشۋىقات كومىتېتى بىلەن سىياسىي قانۇن كومىتېتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنى چاغانلىق پائالىيەتلەرگە كەڭ-كۆلەمدە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن قورقۇتۇش تەدبىرىنى تەڭ قوللانغان. يۇقىرىقى ساقچى خادىمنىڭ دېيىشىچە، چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلارغا ھەقسىز كىيىم-كېچەك تارقىتىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۇلارغا پائالىيەت ئاخىرىدا ھەر خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سوۋغات قىلغان؛ بەزى جايلاردا كۈنىگە 150 يۈەندىن ئىش ھەققى بەرگەن.

مەزكۇر خادىم كىشىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، شۇڭا، چاغاننى تەبرىكلەشنى چىن قەلبىدىن قوبۇل قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئازاق يېزىسىدىكى يۇقىرىقى سېكرېتار، چاغان پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى ئاشكارا رەت قىلمىسىمۇ، ئارقىسىغا تارتشقانلار، قاتناشماسلىق ئۈچۈن باھانە ئىزدىگەنلەر بولغانلىقىنى، ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەنتلەردە ھەر كۈنى سىياسىي ئۆگىنىشلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزىسىدىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر، ئۆزىنىڭ سەنئەت ئىقتىدارى تۇرۇپ، يەنى ناخشا-ئۇسۇل ماھارىتى بار تۇرۇپ، تەبرىكلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلارغا مەخسۇس ئىدىيەۋى تەربىيە ئېلىپ بارغان. بۇ تەربىيەدە چاغاننى تەبرىكلەشنىڭ ماھىيەتتە دۆلەتنى سۆيۈش ۋە دۆلەتنى ھىمايە قىلىش مەنىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. دائىرىلەر بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، چاغانلىق پائالىيەتتىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرغانلارنىڭ قانۇنىي جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئازاقتىكى سېكرېتارنىڭ دېيىشىچە، كىشىلەرنى چاغاننى تەبرىكلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە قاتناشمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى بۇ تەلىم-تەربىيە يىغىنلىرى ئىككى ئايدىن بېرى داۋام قىلماقتا. ئارغۇدىكى ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك دائىرىلەر بۇ خىل رىغبەت ۋە تەھدىت ئارىلاشقان تەشۋىقات پائالىيىتىنى نۆۋەتتە ھەپتىدە يەتتە كۈن، ئەتىگەن ۋە ئاخشاملىرى ئېلىپ بارماقتا.

يۇقىرىقى خادىملارنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مانا مۇشۇنداق قاتتىق-يۇمشاق تەدبىرلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى «غەلىبىلىك»، يەنى توسالغۇسىز ۋە ماجىراسىز داۋام قىلماقتا.

يۇقىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە ئەۋجىگە چىقىۋاتقان چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ پەردە ئارقىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.