خۇ پىڭ: ئۇيغۇرلارنى چاغان ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاش ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.02.09
ئۇيغۇر دىيارىدىكى چاغان داغدۇغىسى ۋە خىتاي يوشۇرۇۋاتقان يۇقۇم ۋەزىيىتى
Yettesu

2024-يىل يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىدا قەشقەر، ئاتۇش، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چاغانلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە سىن فىلىملىرى بارغانچە كۆپەيگەن. خەۋەرلەردە بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاينىڭ چاغان بايرىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئادەتلەر، مۇراسىملار ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىشىك-دەرۋازىلىرىغا خىتايچە پانۇس ئېشىپ، مەسنەۋى چاپلاۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كوچا ئايلىنىپ دۇمباق چېلىپ ئوينىغان شىر ئويۇنى، ئەجدىھا ئۇسۇلى قاتارلىقلارنىڭ چاغانلىق بايرام كەيپىياتى ياراتقانلىقى، كوچىلاردا چاغانلىق يېمەكلىكلەر سېتىلىپ، قەشقەر قاتارلىق جايلارنىڭ ساياھەتچىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان جايغا ئايلانغانلىقى كەڭ تەشۋىق قىلىنغان.

7-فېۋرال كۈنى چىققان سۈرەتلىك خەۋەرلەردە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى مەيدانلىرىنىڭ بىرى بولغان «قەشقەر قەدىمىي شەھىرى» دە بالىلارنىڭ پۇتبول مەشىق قىلىۋاتقانلىقى، ئاقسۇ شەھىرى كوچىلىرىنىڭ تامامەن قىزىل پانۇسلار، گۈللۈك قەغەزلەر، چاغانلىق مەسنەۋىلەر بىلەن بېزەلگەنلىكى، ئاممىنىڭ چاغانلىق تەنتەربىيە، سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكى، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا بەزىلىرىنىڭ ئەجدىھا ئۇسۇلى مەشىق قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاينىڭ چاغان ھەققىدىكى تەشۋىقات ئۇچۇرلىرى يەنە چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىگىمۇ كۆپلەپ خ يوللانغان. بۇلارنىڭ بىرى خىتاي دىپلوماتى ۋە باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تەرىپىدىن 6-فېۋرال كۈنى يەنى ئىلگىرىكى تۋىتتېر ھېسابىدا يوللىغان قەشقەردىكى چاغانلىق كەيپىيات ھەققىدىكى سىنتلىق ئۇچۇر.

خۇا چۈنيىڭ يوللىغان سىنلىق ئۇچۇرىدا، قەشقەر خان بازىرىدا قىزغىن كەيپىياتتا خېرىدار چاقىرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاشپۇزۇللىرى ۋە مول يېمەكلىكلەر كۆرسىتىلىپ، يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى قەشقەردىكى چاغانلىق كەيپىياتنىڭ ساياھەتچىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى مەدھىيەلىگەن.

چەت ئەللەردە خىتاينىڭ چاغان ھەققىدىكى تەشۋىقات پروگراممىلىرىنى تارقاتقۇچىلار ئارىسىدا يەنە چەت ئەللەردىكى قىسمەن ئۇيغۇر تور چولپانلىرى يوللىغان چاغانلىق سىن كۆرۈنۈشلىرىمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىغان.

بۇلاردىن بىرى يېقىندا پارىژ كوچىلىرىدا ئۇيغۇرچە كىيىنىپ، خىتاي باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىڭنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر تور چولپىنى دىلرەبا. ئۇنىڭ 6-فېۋرال تارقاتقان بىر سىن فىلىمىدا، پارىژدىكى تاللا بازىرىنىڭ چاغانلىق بايرام كەيپىياتىدا بېزەلگەنلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر سىن فىلىمى تارقالغاندىن كېيىن، چەت ئەللەردىكى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى قوزغىغان. مەلۇم بولۇشىچە دىلرەبا ئىسىملىك بۇ ئايال ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا «چاچ ئۆستۈرىدۇ» دەپ ساتقان ۋىتامىنلىق كەمپۈتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغانىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان، جۈملىدىن چاغان تەشۋىقاتىغا دىققەت قىلغان، ئامېرىكادا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۆز پېتى ساقلىنىشى ئىكەن.

خۇ پىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتالغان بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان دىنى ۋە مىللىي بايراملىرىنى چەكلەپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل مىللەت بويىچە چاغانغا ئوخشاش خىتاينىڭ مەدەنىيەت بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىنىشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا ئاشكارا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئىكەن.

خۇ پىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىتىنى ئەيىبلەپ يەنە مۇنداق دېدى: «سەن باشقا مىللەت مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭ كېرەك ئىدى. بۇ ئەڭ ئەقەللىي بىر بەلگىلىمە. ئەسلى خىتاي دۆلىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە قانۇنىي جەھەتتىن رۇخسەت قىلىنىشى ۋە قوغدىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ھازىر ئەكسىچە ھالدا خىتايلارنىڭ مەدەنىيەت بايراملىرى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىلماقتا. ئەسلى ئۇيغۇرلاردا خىتاي بايراملىرىنى ئۆتكۈزىدىغان ئادەت يوق ئىدى. ئەمما ھازىر ئۇلار بۇ بايراملارنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ بايراملىرىنى يوقاتماقتا. شۇڭا بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە بىر مەدەنىيەتنىڭ يوقىتىلىشى ياكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر».

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناش تەتقىقاتچىلاردىن گېرمانيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنى ستېنبېرگ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ چاغان ئۆتكۈزۈۋاتقان ۋە يۇقىرى چاغان قىزغىنلىقىغا ئائىت بۇ خىل تەشۋىقاتلار ئارقىلىق، «ئۇيغۇرلار خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى، ئۇلار خىتايلار بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ» دېگەن ساختا كۆرۈنۈشنى خىتاي دۆلىتى ۋە چەت ئەللەرگىچە كەڭ تەشۋىق قىلماقتىكەن.

رونى ستېنبېرگ ئەپەندى يەنە، ئۆزىنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىدا بېرىلگەن، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2024-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى پروگراممىسىدا قەشقەر شەھىرىنىڭ چاغانلىق سەنئەت پروگراممىسى نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىغان 4 شەھەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرگە دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا چاغانلىق تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي تېڭىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي جەھەتتە ئىپادىلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىرىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئەمەلىيەتتە، چاغانغا ئوخشاش خىتاي مەدەنىيەت بايراملىرىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشنى نىشان قىلغانىكەن.

خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى خۇ پىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت جەھەتتە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئەمەلىيەتتە بۇ مىللەتنى ئىرقىي جەھەتتە يوقىتىش سىياسىتىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار مىللەت بويىچە ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.