لېئو مايلارت: «ئەنئەنىۋىي مەھەللىلەرنىڭ چېقىلىشى ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر تۇرالغۇ مەدەنىيىتىنى يوق قىلىدۇ»

0:00 / 0:00

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك لېئو مايلېت (Leo Maillet)، يەنى شىرئەلى ئەپەندى، سىز بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەھەللىلىرىنىڭ چېقىلىشى ۋە ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلىشى ھەققىدىكى بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزنى داۋاملاشتۇرساق. بىلگىنىڭىزدەك، ئۇيغۇر مەھەللىلەرنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كىچىكلىتىلگەن ۋەتەن، يەنى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرى مۇجەسسەملەنگەن ئەڭ كىچىك ئاھالىلەر نۇقتىسى دېيىشكە بولىدۇ. سىزگە ئوخشاش چەت ئەللىك زىيارەتچىلەرنىڭ كۆزىدە ئۇيغۇر مەھەللىسى زادى قانداق جاي؟ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەھەللىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، ئۇ جايلاردىكى ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھايات كۆرۈنۈشلىرى قانداق خاسلىققا ۋە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟

لېئو مايلارت: بىزگە ئوخشاش ئۇيغۇر دىيارىنى ياكى شەرقىي تۈركىستاننى 2016-يىلىدىن بۇرۇن، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ جايدا كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇشتىن ئىلگىرى زىيارەت قىلغۇچى چەتئەللىكلەرگە نىسبەتەن، ئۇيغۇر مەھەللىرى ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھايات ئۆزگىچىلىكلىرى جۇغلانغان جاي ئىدى. بۇ خاسلىقلار نۇرغۇنلىغان كىتاپلاردىمۇ تەسۋىرلەنگەن. ئەمدى غۇلجاغا كەلسەك، چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلار ئىچىدە ئامېرىكالىق ئانتىروپولوگ جەي دوۋچېر (James Dautcher) نىڭ «تار كوچا» ناملىق كىتابىدا غۇلجادىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە خاسلىقى ئەڭ ياخشى شەكىلدە يورۇتۇلغان دەپ قارايمەن.

مەزكۇر كىتابتا ئاپتور ئۆزىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى بىر مەھەللىدە ئېلىپ بارغان ئۇزۇن مەزگىللىك تەكشۈرۈشى ۋە تەتقىقات جەريانىنى خاتىرىلىگەن. بۇ كىتابتىن غۇلجا يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز. ئۇلارنىڭ بۇ مەھەللىلەرنى قانداق بەرپا قىلغانلىقى، ئۆي ۋە باغ-ۋارانلارنى قانداق قۇرۇپ چىققانلىقى، بۇ مەھەللىلەرنىڭ مۇھىتى ۋە قۇرۇلمىسىنى قانداق قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا ماسلاشتۇرغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز. يەنى بۇ مەھەللىلەر ئۇلارنىڭ بىر بىرىنىڭ ئۆيلىرىنى يوقلاپ-زىيارەت قىلىشىغا، ئۆز-ئارا مۇھەببەت يەتكۈزۈشىگە، قوشنا-خولۇملار ئارىسىدا تاماق سۇنۇشۇپ ھەمبەرھرلىنىشىگە قۇلايلىق شەكىلدە قۇرۇلغان. ئۇيغۇرلار ياشايدىغان مەھەللىلەردە مەھەللە مويسىپىتلىرى ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە ئىنسانلاردۇر. ئۇلار باھار، يازنىڭ ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۆينىڭ ئىچىدە ئولتۇرمايدۇ، بەلكى دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ ئولتۇرۇشۇپ، ئۆز-ئارا پاراڭلىشىدۇ. ئۇلار يالغۇز مەھەللىدىكى قوشنىلار بىلەنلا ئەمەس، يولدىن ئۆتكەن-كەچكەن كىشىلەر بىلەنمۇ ئۆز-ئارا سالاملىشىپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ جەرياندا قوشنا-قۇلۇملاردىن بىرەرىنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجى بارمۇ-يوق، بۇلارنى سوراپ بىلىدۇ. ئۆز-ئارا خەير-ئېھسان يەتكۈزۈش بولسا ئۇلاردىكى قوشنىدارچىلىقنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئەخلاق ئۆلچەملىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ قىممەت قاراش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

ئۇيغۇرشۇناس جېي داۋچېر ئەپەندى يازغان «تار كوچىنى بويلاپ» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
ئۇيغۇرشۇناس جېي داۋچېر ئەپەندى يازغان «تار كوچىنى بويلاپ» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى. (RFA/Eziz)

مۇخبىر: سىز مىسالغا ئالغان جەي داۋچېر ئەپەندىنىڭ «تار كوچا» ناملىق كىتابىدا تەسۋىرلەنگەندەك، ئۇيغۇرلارمۇ ئاشۇنداق مەھەللە ھاياتى تەسۋىرلەنگەن «تار كوچا» ناملىق ناخشىنى بەكمۇ ياخشى كۆرۈپ ئاڭلايدۇ. سىزچە، بۇ خىل مەھەللىۋى ھاياتتىكى ئۆز-ئارا يېقىنچىلىق، قوشنىدارچىلىق، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشتەك ئىنسانىي خىسلەتلەرنىڭ مەنىۋى ئەھمىيىتى قانداق ۋاقىتلاردا بەكرەك گەۋدىلىك بولىدۇ؟

لېئو مايلارت: مېنىڭچە، ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدىغان ۋاقىتلار، دەل ھېيت-ئايەم ۋە بايرام مەزگىللىرىدۇر، بولۇپمۇ رامزان ئېيى مەزگىلىدە بۇ ئەھۋال تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، رامزان ئايلىرىدا بالىلار كېچىلەردە رامزان ناخشىلىرىنى ئېيتىشىپ ئۆيمۇ-ئۆي ئارىلاپ، كىشىلەرنى ئويغىتىدۇ، ئۇلارنى زاكات ۋە نازۇنېمەتلىرىنى بېرىشكە ئۈندەيدۇ.

مەن شەخسەن ئۆزۈم غۇلجاغا بېرىپ باقمىغان بولساممۇ، ئەمما 2014-يىلىدىكى قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىلەرگە قىلغان قىسقا مەزگىللىك زىيارەتلىرىم داۋامىدا، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدىكى مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بولۇپمۇ تائام مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا، ئۇلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىدە قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

مۇخبىر: سىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغىنىڭىز، ھەتتا نان ۋە ناۋايچىلىق ھەققىدە مەخسۇس كىتاب يېزىۋاتقىنىڭىز مەلۇم. سىزنىڭ ئىستانبۇلغا بېرىپ ناۋايلىقنى قانداق ئۆگەنگەنلىكىڭىز ھەققىدىمۇ ئىلگىرى مەخسۇس سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان ئىدۇق. ئۇيغۇردىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەردىمۇ نان مەدەنىيىتى ئەنئەنىسى بار. سىزچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار، سىزنى ئەڭ جەلپ قىلغان ئۆزگىچىلىكى زادى نېمە؟

لېئو مايلارت: توغرا، مېنىڭ بەكرەك قىزىقىشىمنى قوزغىغىنى نان، يەنى ناۋايلىق بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نان ئەنئەنىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. مەھەللىلەردە ئاياللار قولۇم-قوشنىلىرى بىلەن يىغىلىپ، ئۆز ئارا ياردەملىشىپ ناننى بىللە ياقىدىكەن. ئۇلار نان يېقىش باھانىسىدە ئۆزئارا مۇڭدىشىپ، چاقچاق قىلىشىپ ياكى ئۆزى بىلگەن خەۋەرلەرنى ھەمبەھرلىشىپ، تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىنى سۆزلىشىدىكەن، نان يېقىش ۋە نان ئەنئەنىسى ئۇلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتى ۋە مەنىۋى ھاياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر مەزمۇن ھېسابلىنىدىكەن.

ئەگەر مەھەللىدە بىرەرى توي قىلىپ قالسا، مەھەللىدىكىلەر توي قىلغان ساھىبخانا ئائىلىگە ياردەملىشىپ، مېھمانلارغا ئىسسىق نانلارنى يېقىپ، تاماقلارنى تەييارلىشىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تاماق تۈرلىرى ئۆزلىرىگە خاس ئالاھىدىلىككە ۋە تەييارلاش ئۇسۇللىرىغا ئىگە بولغىنىدەك، نان يېقىشمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن.

مۇخبىر: ئۇيغۇر مەھەللىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى ھاياتى بىلەن جىپسىلاشقان قانداق خاسلىقلارنى بايقىدىڭىز، بۇ خاسلىقلارنىڭ رولى نېمە دەپ قارايسىز؟

لېئو مايلارت: مىمارلىق ئالاھىدىكىلىگە كەلسەك، ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدىكى ئۆيلەر بىر-بىرىگە ئالاھىدە جىپسىلاشقان، دەپ قارايمەن. ئەلۋەتتە، بۇ ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخىي جەرياندىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك-پارس بىناكارلىق ئالاھىدىلىكلىرى مۇجەسسەملەنگەن، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆزىگە خاس بىناكارلىق ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇرلار زېمىندىن پايدىلانغاندا ياكى مەھەللە-كويلارنى بەرپا قىلغاندا، ئېرىق-ئۆستەڭلەرنىڭ بويلىرىغا، يول ياقىلىرىغا يەرلىك تېرەكلەرنى تىكىش ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەن. بۇ پەقەت دەرەخلەرنىڭ سايىسىدىن پايدىلىنىش ياكى شامال ۋە قۇم-بورانلاردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە ئۆي ياساش ۋە تۇرمۇش بويۇملىرىغا ماتېرىيال قىلىشتىمۇ پايدىلىنىدۇ. ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى ئالدىن ئويلىشىپ لايىھەلەنگەنلىكى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئادەتتە مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئوپچە پائالىيەتلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئىشلىتىشكە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن قورۇلارنىڭ ئالدى ياكى ئارقا باغچىلىرىغا ئوچاق، تونۇر ۋە باشقا تۇرمۇشقا لازىملىق ئەسلەھەلەر ياساپ قويۇلىدۇ.

مۇخبىر: سىز ئېيتقان ئالاھىدىلىكلەردىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلا-ئاراملىرىنىڭ ھەممىسى يېشىللىق، يەنى باغۋارانلىق بولىدۇ. بۇنىڭ كۆكەرتىشتىن باشقا يەنە قانداق رولى بار دەپ قارايسىز؟

لېئو مايلارت: ئەلۋەتتە، كۆكەرتىشمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللە ۋە ھويلا-ئارام مەدەنىيىتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ. مەسىلەن، ھويلا-ئاراملاردىكى ئۈزۈم باراڭلىرى ياز كۈنلىرى سايە چۈشۈرۈش ئۈچۈنلا تىكىلگەن ئەمەس، ئۇ يەنە قولۇم-خوشنىلار بىلەن بىللە پاراڭىشىدىغان قۇلايلىق ۋە راھەت جايدۇر. تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرالغۇ قۇرۇلۇشلىرىنى تەتقىق قىلغان فرانسىيەلىك ئارخىتېكتور ژون پائولۇپ، بۇ ھەقتىكى كىتابىدا تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلىلىرىنى ئىنتايىن كۈچلۈك ئېكولوگىيەلىك بىناكارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە دەپ باھا بەرگەن. مېنىڭچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرى ۋە مەھەللىلىرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئىنتايىن تىپىك ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرنى نامايان قىلىدۇ.

مۇخبىر: بىلگىنىڭىزدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر يەرلىك نىزامىنى ئىلى ئوبلاستىدا يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدىكى ئائىلىلەرنىڭ ئارىسىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى قىستۇرۇش، ئەسلىدىكى مەھەللىنىڭ قۇرۇلما ۋە قىياپەتلىرىنى ئۆزگەرتىش، «زامانىۋىلاشتۇرۇش» ياكى «تەرەققىي قىلدۇرۇش» دېگەندەك ناملاردا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەھەللىلىرىنى خىتايچە قىياپەتكە كىرگۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسلىق يەرلىك مىللەت ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولغان تارىخىي ۋە ئەنئەنىۋى مەھەللىلەرنىڭ يوق قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار يەنە نېمىلەردىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن؟

لېئو مايلارت: بۇ ئۆزگەرتىشلەر يالغۇز ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ ئورنىنى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ ئىگىلىنىشىدىنلا دېرەك بېرىپلا قالمايدۇ. خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلەرگە كۆپلەپ قىستۇرۇلۇپ كىرگۈزۈلۈشى بىلەن، خىتايچە مەدەنىيەت مەركەزلىرى، سودا-سېتىق ئورۇنلىرى تەدرىجىي ھالدا ئەسلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكان-بازارلىرى، ئەنئەنىۋى مەسچىت ۋە ناۋايخانىلىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىز يۇقىرىدا تەسۋىرلىگەن ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ۋە كوچىلىرىدىكى تۇرمۇش ئۇسۇللىرى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ. بىز ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كونا مەھەللىلىرىنى ئاشۇنداق ناملاردا تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىمۇ ئىنتايىن زور سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سېمونت بىتونلار بىلەن قوپۇرۇلغان ئاتالمىش «زامانىۋى مەھەللىلەر» ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بۇ زېمىندا ئۇزاق تارىخىي ئەسىرلەردىن بۇيان تەبىئەتكە ماسلىشىپ بەرپا قىلغان، مۇقىم ۋە تەبىئىي ياشاش مۇھىتىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.