توققۇزاقتىكى رامىزان بەلگىلىمىلىرى ھەققىدە مۇخبىرىمىزغا مەلۇمات بەرگەن كەنت ساقچىسى بۇ ناھىيەدە بۇ يىل گەرچە ئىلگىرىكىدەك رامىزان چەكلمىسى يولغا قويۇلمىغان ۋە روزا تۇتۇش ئەركىنلىكى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاھالىلەر ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلەر» تېرىغان ئاۋارچىلىقتىن بىزار بولغانلىقى ئۈچۈن تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىش ۋە كۆرۈشكەندە «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ سالاملىشىش قاتارلىق ئەقەللىي قائىدىلەردىنمۇ رايى يانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدا رامىزان ھەققىدە شۇئار نېمە بولسا بولسۇن، ئىجرائاتلارنىڭ دىنىي ھەق-ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ماھىيىتىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىل رامىزان مەزگىلىدىمۇ يىللاردىكىگە ئوخشاشلا دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن تولۇق بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقى ۋە دەخلى-تەرۈزسىز ھالدا دىنىي ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى بازارغا سالماقتا. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىل رامىزاننىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى دەستىدىن ۋەھىمە ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بەزى ساقچى خادىملىرى ئۆز تەۋەلىكلىرىدە رامىزاننىڭ نورمال كېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى رامىزان تەدبىرلىرى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.
يىللاردىن بېرى ئۆز تەۋەلىكىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر كەنت ساقچىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، گەرچە دائىرىلەر بۇ يىل رامىزان چەكلىمىسىنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك قاتتىق تەكىتلىمىگەن، ھەتتا ئاھالىلەرنىڭ روزا تۇتۇش ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئېغىزلىرىغا ئېلىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ يەنىلا ئىلگىرىكى ئادىتى بويىچە ئاھالىلەرنىڭ روزا تۇتۇۋاتقان ياكى تۇتمايۋاتقانلىقىنى كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئىلگىرىكى «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى تەدبىر ۋە قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ يۈرىكىگە ئورناپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ خادىم، «دىنىي ئەسەبىيلىك» نىڭ تەكرار يامراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، دائىرلەردىن بۇيرۇق كۈتمەستىن نازارەتنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ۋە رامىزان باشلانغاندىن بۇيان ئۆزىدە روزى تۇتقانلىقى گۇمانى تۇغۇلغان بىر كىشى ئۈستىدىن يۇقۇرىغا مەلۇمات تاپشۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ خىل ئاتالمىش ئاڭلىقلىق ئۆزىگە ئوخشاش ساقچى خادىملىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى پۇقرالاردىمۇ ئومۇملاشقان. شۇڭا گەرچە دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر بىرەر ئېنىق چەكلىمە بۇيرۇقى چىقارمىغان بولسىمۇ، پەقەت ئېھتىيات يۈزىسىدىن، يەنى «دىنىي ئەسەبىيلەر» سېپىگە چېتىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىش ئادىتىدىنمۇ ئومۇمىييۈزلۈك ۋاز كەچكەن. ئۇ يەنە ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە كىرگىنىدە داستىخان ئۈستىدە جامائەتكە ئەگىشىپ دۇئاغا قول كۆتۈرگەن بەزى خىتاي كادىرلارنىڭ ئەمدىلىكتە ئۆزلىرىنى دۇئا قىلغانلارنى تىزىملاشقا بۇيرىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىدىمۇ ئىلگىرى رىياسەتچىنىڭ گەپنى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» بىلەن باشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يەنە شۇ ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىي» لەرنىڭ دەستدىن مەركەزدىن كەنتكە قەدەر، پۈتۈن ئىدارە-جەمئىيەت ۋە شەخسلەرنىڭ دىنىي تۈسى قويۇق بولغان ئاتالغۇلارنى قوللىنىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي تەسىراتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ خادىم يەنە دىنىي تۈسى قويۇق ئىسىملارنىڭ ھېلىھەم چەكلىمىدە ئىكەنلىكى، گەرچە مەھەللىدە ئەسلىدىكى 12 مەسچىتتىن بىرسى قېپقالغان ۋە ئۇنىڭ ئىشىكى ئوچۇق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ كىرىپ چىقىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.
يۇقىرىقى ئۇچۇرلار ھەققىدە پىكىر بايان قىلىغان دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدا رامىزان ھەققىدە شۇئار ۋە چاقىرىقلار نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىجرائاتلارنىڭ ئوخشاشلا دىنىي ھەق-ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىش ماھىيىتىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىدى.