مۇتەخەسسىسلەر: ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا ئاسسىمىلىياتسىيە بولۇپ كەتمەسلىكىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قالقاندۇر

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.05.09
jume-namaz-saqchi.jpg خىتاي ئالاھىدە قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ جۈمە نامىزىدىن قايتقان ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 23-ماي، ئۈرۈمچى.
Yomiuri of AFP

خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىكىنى، شۇنداقلا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى داۋام قىلماقتا.

خىتاي بىر تەرەپتىن ئۇلارنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلارغا سولاش، كوللېكتىپ جازالاش ئارقىلىق يوقىتىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقاد، تىل، مەدەنىيەت ۋە قىممەت قاراش قاتارلىق ھەر جەھەتتىن ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» گە قوشۇۋېتىش مەقسىتىدە شىددەتلىك سىياسەتلەرنى قوللانماقتا. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرىنىڭ بىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزىۋاتقان «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىدۇر.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلىنىڭ بېشىدا ئىسلامنى كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي «خىتايچىلاشتۇرۇپ بولۇش» نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

مەزكۇر لايىھە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر رايونىدا «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» نامىدا 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قاماپ، دۇنيادا قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىغان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇيغۇر رايونىدا 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپلا ئوقۇغۇچىلار ۋە 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ ناماز ئوقۇشى، روزا تۇتۇشى ۋە مەسچىتلەرگە كىرىشى «قانۇنسىز قىلمىش» دەپ بېكىتىلىپ، يەرلىك بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق چەكلىنىپ كېلىنگەن ئىدى.

2016-يىلى نويابىردىن باشلاپ، خىتاي «ش ئۇ ئا ر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى» ۋە «ش ئۇ ئا ر جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامى» دىن ئىبارەت ئىككى نىزامنى يولغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ يوقىرىقى چەكلىمىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە باشلىغان.

بۇ ئىككى نىزامدىكى يېڭى بەلگىلىمىلەردە مەكتەپ يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرگە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە ۋە ئۇسۇلدا دىنىي تەربىيە بېرىشىگە بولمايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۆسمۈرلەرنى دىنىي تەربىيەگە قىزىقتۇرغۇچى ئاتا-ئانىلارنىڭ ساقچى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى.

«ش ئۇ ئا ر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى» دا يەنە «مەكتەپ ئىچىدە ھەر قانداق شەكىلدىكى دىنىي پائالىيەتلەر چەكلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»، «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ياكى «دىنىي ئەسەبىيلىك» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسا، جىنايى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش يېشىغا توشمىغان قورامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا مەخسۇس ئورگانلارغا ئەۋەتىپ، تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلدۇرۇش كېرەكلىكى بېكىتىلگەن.

ب د ت «بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» نىڭ 14-ماددىسىدا «ھەرقايسى دۆلەتلەر بالىلارنىڭ پىكىر، ۋىجدان ۋە دىن ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، ھەرقايسىي دۆلەتلەر بالىنىڭ يېتىلىش ئىقتىدارىغا ماسلاشقان ئاساستا بالىلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك،» دەپ بەلگىلەنگەن.

«مىراس فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئېمىلىي كاۋ 2020-يىلى ئۆكتەبىردە ب د ت دا مەخسۇس ئۇيغۇر بالىلارنىڭ دىنىي كىملىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇشى ھەقىقدە ئېچىلغان بىر مۇھاكىمىدە، ئۇ بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆزىنىڭ يارىتىلىشى، يارىلىشى، ۋىجدان ۋە ئاخىرەت ھەققىدە سوئاللار پەيدا بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تېپشنىڭ روھىي ساغلاملىق ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ سۆزىدە «بالىلاردا لاياقەتلىك ئەخلاق، ۋىجدان ۋە كىشىلىك پەزىلەت تۇرغۇزۇپ چىقىشتا دىنىي تەربىيە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىغا دىنىي ئېتىقادىنى ئۆگىتىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، بالىلارنىڭ ياراتقۇچى بىلەن ئىنسان ۋىجدانى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئۆگىنىشىنى چەكلىدى، ئۇلارنى كىچىكىدىن تارتىپ يالغۇز كومپارتىيەگە ئېتىقاد قىلىدىغان قىلىپ تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش كويىدا بولدى. . .» دېگەنىدى.

دەرۋەقە، خىتاينىڭ رايوندا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان دىنىي-ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرماقتا.

دىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە ئەركىنلىك كۈرىشىدىكى رولىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن بىر تۈركۈم پىداكار دىنىي زىيالىيلار، ئىلگىركى ۋاقىتلاردا ئۆسمۈر-بالىلارنى تەربىيەلەشنى كىچىك كۆلەمدىكى يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەردە داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشقان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلار2016-يىلىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ رەھىمسىز ۋاستىلەر ئارقىلىق باستۇرۇش نىشانىغا ئايلانغان.

يېقىندا رادىيومىز ماناس ناھىيەسىدىكى دىنىي مۇئەللىمە خاسىيەت ئەخمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى توغرىلىق خەۋەر ئىگىلىشى داۋامىدا، خاسىيەت ئەخمەتنىڭ بالا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن 7 يىللىق، «قۇرئان كەرىم» نى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن 7 يىللىق بولۇپ، جەمئىي 14 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىلىگەن ئىدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بالىلارغا دىنىي ساۋات بەرگۈچى مۇئەللىم ۋە ئاتا-ئانىلار لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە ئېغىر كېسىلگەنلىكى ئىلگىرىمۇ رادىيومىز تەرىپىدىن كۈپ قېتىم پاش بولغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «مېڭە يۇيۇش» پروگراممىسىدىن ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىغان. لاگېرغا ئەكېتىلگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى مەجبۇرىي ھالدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دارىلئېتاملارغا ئاپىرىپ قويۇلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر بالىلىرى ئائىلە مۇھىتى، ئاتا-ئانا تەربىيەسى، دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، روھىي جەھەتتىن ئېغىر كىرىزىسلارغا دۇچ كەلگەن.

كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ بۇ خىل دۆلەت زوراۋانلىقىنىڭ تۈپ مەقسىتى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئەقىدىسى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ئايرىۋېتىپ، ئۇلارنى خىتايلاشقان بىر ئەۋلاد قىلىپ چىقىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇيغۇر دىيارىدا دىنىي تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى چەكلەنگەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ مىللىي، دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، ئۇلارنى توغرا ۋە مۆتىدىل يولغا يېتەكلەش جەھەتلەردە مەرھۇم ئادۇلھەكىمخان مەخسۇم مۇھىم روللارنى ئوينىغان ئىدى. مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئوغلى ئابدۇساللام تەكلىماكان بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۈز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئابدۇسالام تەكلىمكان، خىتاينىڭ بۇرۇندىن تارتىپلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملىرى ۋە سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئۇيغۇرلارنى ئىسلامىي ئېتىقادىدىن تولۇق ۋاز كەچتۈرۈش ۋە پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بويىچە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ رەزىل ۋاستىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئابدۇسالام تەكلىماكان سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ھەرقانداق زۇلۇم ۋە بېسىملار ئارقىلىقمۇ ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كەچتۈرەلمىگەنلىكىنى، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى تەشكىل قىلغان ئەڭ مۇھىم مەنىۋىي تۈۋرۈك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتى» ناملىق 49 بەتلىك دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا «تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ دوكلاتتا يەنە «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يىللاردىن بۇيان ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام چۈشەنچىلىرى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان كىتاب ۋە ماقالىلەرنى يېزىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە تەقدىم قىلغان سەئۇدى ئەرەبستاندىكى دىنىي ئالىم مۇھەممەد يۈسۈپ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «دۇنيادا ئىماننىڭ كۈچىگە يېتىدىغان ۋە ئۇنى يېڭىپ چۈشەلەيدىغان ھېچقانداق بىر كۈچ يوقتۇر،» دېدى.

مۇھەممەد يۈسۈپ ئەپەندى، ئېتىقادى كۈچلۈك بولغان ئادەمدە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ۋە ياردىمىگە بولغان ئۈمىد-ئىشەنچنىڭ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى، بۇ خىلدىكى كىشىلەر قەلبىنىڭ ئىمان بىلەن نۇرلىنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى كۈچلۈك ۋە جاسارەتلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سۇنماس ئېتىقادى ۋە روھى كۈچىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىسلامىي ئېتىقادىنى بەربات قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار تارىخىتىكى ئەڭ قاتتىق قىرغىنچىلىققا يۈزلەنگەن بۇ قاراڭغۇ دەۋرىدە، ئۇلارغا كۈچ-قۇۋۋەت، ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلايدىغان كۈچنىڭ شەكسىز كى ئىسلام ئېتىقادى ئىكەنلىكىنى، ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ ئېتىقادقا مەھكەم باغلانغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇملىرىدىن ھامان قۇتۇلۇپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنىڭ چېكى يوق» دەپ جاكارلاش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا داۋام قىلدۇرىدىغانلىقىدىن ئېنىق سىگنال بەرمەكتە. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، گەرچە ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقاد ۋە باشقا تۈرلۈك جەھەتلەردىن تارىخىتا مىسلى كۆرۈلمىگەن يوقىتىشلارغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كەتكەن ئىسلامىي كىملىكىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن يوقىتىلىشىغا ئەسلا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.