غۇلجا «خىتاي بازىرى» دىكى تاختىيۇن مەسچىتىنىڭ ئىمام، خاتىپ ۋە مەزىنى بولۇپ 7 ھەيئىتىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى غۇلجا شەھىرىدە دىنىي زاتلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك كېسىلىپ كەتكەنلىكى، جەمئىيەتتە دىنىي مۇراسىملارغا يېتەكچىلىك قىلغۇدەك كىشى قالمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ بىر پاكىتى سۈپىتىدە غۇلجا «خىتاي بازىرى» دىكى تاختىيۇن مەسچىتىنىڭ ئىمام، خاتىپ ۋە مەزىنى بولۇپ 7 ھەيئىتىنىڭ ھەممىسىنىڭلا كېسىۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، تاختىيون مەسچىتىگە مەسئۇل بولغان بىر ساقچى خادىمى، مەزكۇر مەسچىتتىكى ھەيئەتلەردىن قۇدرەت قارىم قاتارلىق 7 كىشىدىن ھەممىسىنىڭلا قاماقتا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى بىلەن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دىنىي ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرگە چەكلىمىلەرنى نىسبەتەن يۇمشاتقاندەك قىلغان، جۈملىدىن بەزى مەسچىتلەرنى كۆرگەزمىلىك ئۈچۈن جامائەتكە ئاچقان بولسىمۇ، ئەمما، دىنىي زاتلار پۈتۈنلەي دېگۈدەك كېسىۋېتىلگەن بولغاچقا، بۇ تۈزۈمدىكى ئاتالمىش يۇمشاشنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق رولى بولمىغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان، ھازىر چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، نۆۋەتتە غۇلجىدا توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدا، مۇراسىمغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان دىنىي زات تېپىلماسلىق، تېپىلغانلىرى ئىشنىڭ ئەھلى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن. بەزىدە ئاساسىي قاتلامدىكى دائىرىلەر ئامان قالغان جەمئىيەتتىكى بەزى بەلگىلىك دىنىي ساۋاتى بار كىشىلەرنى مۇراسىملارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەلۇمات ۋە قابىلىيەتلىرىنى يوشۇرغان.

ئىنكاسچى بۇ بايانلىرىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە، غۇلجا شەھەر تاختىيۇن مەسچىتىدىكى خاتىپ قۇدەرەت قارى، مەزىن ئەخمەتجان، ئىمام سەيدەخمەت قاتارلىق 7 نەپەر مەسچىت ھەيئىتىنىڭ ھەممىسىنىڭلا 2018-يىلىنىڭ بېشىدا تۇتۇلغانلىقى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي كېسىۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. غۇلجا شەھىرىدىكى دىنىي ئىشلار، بىرلىكسەپ قاتارلىق ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار خادىملار، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى ئەنسىزلىك بىلەن رەت قىلدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئىككى يىلغا يېقىن مەلۇم بىر ھەددىدىن زىيادە ئاكتىپ ساقچى خادىمى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغانلىقى، ئۇ خادىمنىڭ ھەتتا مەسچىتنىڭ تۆۋەن قەۋىتىدىكى بىر ئۆينى مەخسۇس سوراقخانىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى بايان قىلىنغان. بىز ئىنكاسچى تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرىغا ئاساسەن مەزكۇر ساقچى خادىمىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. ئىلگىرى ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىدە بىر مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن، كېيىنچە تاختىيۇن مەسچىتىدە نازارەتچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن بۇ خادىم مەسچىتنىڭ 7 نەپەر ھەيئىتىنىڭ 2018‏-يىلى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا مەزكۇر ھەيئەتنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قانچە يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى بىلدۈرۈلمىگەن ۋە بۇنى بىلىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بۇ مەلۇماتلارنى سىر تۇتۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. مەزكۇر ساقچى خادىمىمۇ بەزى دېلولارنىڭ پاش قىلىنىشىدا ئۆزىنىڭ رول ئوينىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قانچە يىللىقتىن كېسىلگەنلىكىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

ئىنكاستا مەزكۇر تاختىيون مەسچىتى نازارەتچىسىنىڭ ئاكتىپلىقى سەۋەبىدىن، ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 2016-2017 ‏-يىللىرى مەسچىت جامائىتىدىن كۆپ ساندا كىشىنىڭ يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن سوراق قىلىنغانلىقى ۋە 2018-يىلىغا كەلگەندە، بۇ سوراققا تارتىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئاتالمىش تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەنلىكى پاش قىلىنغان. مەزكۇر خادىم، بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، ئۆزىنىڭ مەسچىتكە سىرتتىن كېلىپ ناماز ئوقۇغانلاردىن بىرىنىڭ نامازدا قۇلاق قېقىش ۋە روكۇغا بېرىش شەكلى پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا «ۋاھابىي» گۇمانى بىلەن ئۇنى سوراق قىلغانلىقى ھەم ئالاقىدار ساقچى ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. بۇ خادىم مەسچىتىنىڭ قاماقتىكى 7 ھەيئىتى بىلەن ئىككى يىلچە ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە قەيەردە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەپ بېرەلمىدى.

يۇقىرىدا غۇلجا «خىتاي بازىرى» دىكى تاختىيۇن مەسچىتىنىڭ يەتتە ھەيئىتىنىڭ ھەممىسىنىڭلا كېسىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.