خىتايدىكى دىنغا قارشى ئۇرۇش ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەلۇماتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشقا باھانە بولۇپ بەرگەنلىكى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلاردىكى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نى تۈگىتىش نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل ئېتىقاد سىستېمىسىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىگەن ئىدى.

18-ئۆكتەبىر كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «خۇدسون ئىنىستىتۇتى» دا چاقىرىلغان مەخسۇس مۇھاكىمىدە بۇ مەسىلە يەنە بىر قېتىم مەركىزىي تېما بولدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىگە «خۇدسون ئىنىستىتۇتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى نىنا شى خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئىسلام دىنى، خىرىستىيان دىنى ۋە بۇددىزىمغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇش ھەركەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە بۇ خىل دىنىي ئېتىقادنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشنىڭ ماھىيەتتە دىنغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلىققا باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى ھۇجۇم ھەمدە ئۇنىڭ تەسىرى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى خىتايدىكى ئومۇمىي سىياسىي ۋەزىيەت رامكىسىغا قويۇپ تۇرۇپ ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەرگە: «بۇ ئۇرۇشنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟» دەپ سوئال قويدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا ھۇجۇم قىلىشىدىكى ئەڭ تىپىك ۋەقەلەر قاتارىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە توختالدى. نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە قىرغىنچىلىق يۈز بەرمىسىكەن، بىزمۇ ھۆر ياشىساقكەن، دېگەندەك ئېزگۈ تىلەكلەرگە ئۆزىنى ئاۋۇندۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ قىرغىنچىلىق يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاھىشى بويىچە ئوتتۇرىغا چىققان. شۇڭا بۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە قارار ئېلىشى ئالقىشلاشقا تېگىشلىك بىر قەدەم، دېيىشكە بولىدىكەن. ئەمما چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا خەلقئارا دۇنيا قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى بۇ قارارغا تازا ئەگىشىپ كېتەلمىگەن. نۆۋەتتە ھەرقايسى ئاخبارات ساھەسىنىڭ ياكى لاگېر شاھىدلىرىنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەزەرگە ئالغاندىلا، بۇنىڭ قانچىلىك ئېغىر بىر ۋەزىيەت ئىكەنلىكىنى بەكمۇ ئاسان كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. بولۇپمۇ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىق»، «تۇتۇشقا تېگىشلىكتىن ھېچكىممۇ چەتتە قالماسلىقى لازىم» دېگەندەك يوليورۇقلىرىنىڭ ئۆزىلا بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ماھىيىتىگە دائىر كۆپلىگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيدىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت بايلىقى ۋە باشقا ئۇيغۇرغا خاس ھەممىلا نەرسىسى جىنايەتنىڭ ئىسپاتى بولۇپ قېلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتىكى بۇ قىرغىنچىلىق تارىختىكى ھېچقانداق قىرغىنچىلىققا ئوخشىمايدىغان بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇرى پەن-تېخنىكا ۋاستىلىرى ئارقىلىق بۇ قىرغىنچىلىقنى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئىس-بۇسىنى چىقارماي تاماملىشى بەكمۇ خەتەرلىك ئىكەن. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ «دۇنيانى بىز سورىشىمىز لازىم» دېگەن مەزمۇندىكى چۇقانلىرى بۇنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن قانداق بىر خەتەرلەردىن بىشارەت بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەن.

بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان مۇتەخەسسىسلەردىن ئامېرىكا كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك مەسىلىلىرى بويىچە سابىق ياردەمچى مىنىستىرى روبېرت دېسترومۇ ئۆزى ئىلگىرى تىبەت رايونىغا مەسئۇل مەلۇماتچى بولغان مەزگىللەردىكى ئەھۋاللارنى بىرلەشتۈرۈپ پىكىر قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى دىنغا قارشى ئۇرۇشى ھەرقاچان خىتاي ئۈچۈن زور بايلىق ماكانى ۋە ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە ئورۇنلاردا ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى كوللېكتىپ باش قوشۇپ، كوللېكتىپ باستۇرۇشتىن كوللېكتىپ ھالدا پايدا كۆرىدىغان غايەت زور بىر ئىدارە ھەيئىتى بولغانلىقتا ئىكەن.

ئامېرىكادىكى فالۇن مۇرتلىرى جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى شان لىن بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا فالۇن مۇرتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ تەكرار ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، فالۇن مۇرتلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئوغرىلاپ سېتىش قىلمىشى خىتايدا پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە دوختۇرخانىلار شېرىكلىشىپ قىلىۋاتقان چوڭ سودا بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئىسپاتلار 20 يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىملاپ ئوتتۇرىغا تاشلانغان. ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنياۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھازىرغىچە بۇ ھەقتە زۇۋان سۈرمەسلىكى بىر تۈرلۈك نومۇس بولۇپ، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقمۇ ئاشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىۋاتماقتا ئىكەن.

رىياسەتچى نىنا شى يەنە خىتايدىكى دىنغا قارشى ئۇرۇشتا ھازىر شى جىنپىڭنىڭ رەسىمى، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى دېگەندەك دىن بىلەن ئەسلا سىغىشالمايدىغان شەيئىلەرنىڭ ھەرقايسى دىنىي مۇئەسسەلەرنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇ قاتاردا دىنىي مۇئەسسەسەلەرنىڭ بۇزۇلۇشى، دىنىي رەھبەرلەرنىڭ قاماققا ئېلىنىشىمۇ بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقان ھادىسە بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قانداق تېزلەشتۈرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىنى نۇرى تۈركەلگە سۇندى.

نۇرى تۈركەل بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئ‍ۆتۈش بىلەن بىرگە بۇنىڭ نۆۋەتتە «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارى ئاسىتىدا داۋام قىلىۋاتقان ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بولۇپمۇ دىنىي ئاشقۇنلۇققا باغلاپ لاگىرلارغا قامالغان ھەمدە لاگېر سىرتىدا قالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئۇلارنىڭ تۇغۇت يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە قارىماستىن مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئىككى يىلدىلا 50 پىرسەنتتىن كۆپرەك تۆۋەنلەش دېگەنلەرنىڭ ئۆزى ھازىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، دىننى «خىتايچىلاشتۇرۇش» شوئارى ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنى، خىرىستىيان دىنى قاتارلىق خىتايلار ئۈچۈن «يات» سانىلىدىغان ھەمدە غەرپ تەرەپتىن تارقالغان دىنلارنى «تەھدىت» دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ھازىر قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى شۇنچە ئاشكارا مەلۇم بولۇۋاتقاندا ئامېرىكا سودا دۇنياسىنىڭ ئىزچىل خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسىدا بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى «قاراپ تۇرۇپ زۇلۇمغا شېرىك بولغانلىققا باراۋەر» دېدى.

ئاخىرىدىكى مۇھاكىمە باسقۇچىدا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كوڭزى ئىنىستىتۇتى ئارقىلىق ئامېرىكا تۇپرىقىدا قانداق جاسۇسلۇق قىلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكادىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى دىنغا قارشى ئۇرۇش ھەققىدە قانداق ئويلايدىغانلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن تېمىلار ھەققىدە سۆز بولدى.

خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى دىنغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ساھەسىمۇ كۆپ قېتىم توختىلىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبېك ئەپەندى «خىتاي ھازىر دىنغا قارشى ئۇرۇش قوزغىدى. ئىمانىم كامىلكى، خىتاي بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولىدۇ،» دېگەن ئىدى.