پۇتبول ساھەسىدىمۇ ئۇيغۇر پۇتبولچىلار چەتكە قېقىلغان

0:00 / 0:00

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتسى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «پۇتبول دىرېكتورى-2021» (Football Manager 2021) ناملىق پۇتبول تەقلىدى سىن ئويۇنىدىكى «يېڭى نەسىل (newgen)» ناملىق ئويۇن تۈرىدىن ئۇيغۇر پۇتبولچىلار چىقىرىۋېتىلگەن. بۇرۇنقى ئويۇندىكى ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىڭ ئورنىغا خىتاي پۇتبولچىلار سەپلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ يىل تەنتەربىيە ۋە سىياسەت دۇنياسىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھەتتا كومپيۇتېر تەقلىدى ئويۇن دائىرىسىگىچە كېڭەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

«پۇتبول دىرېكتورى» نىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا قارىغاندا، بۇ ئويۇن دەسلەپ باشلانغاندا 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر توپچىسى ۋە خىزمەتچىسى بولغانىكەن. بۇلارنىڭ قاتارىدا خىتاي دۆلەت كوماندىسىغا ۋەكىللىك قىلغان تۇنجى ئۇيغۇر ماھىرى مىرەخمەتجان مۇزەپپەرمۇ بار ئىكەن.

شەرقى تۈركىستان ئۇلۇسال پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ پۇتبولچىسى سالاھىدىن ئەپەندى «پۇتبول دىرېكتورى» نىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا كۆرسىتلگەندەك، خىتايدىكى دۆلەتلىك كوماندا ۋە باشقا چوڭ كوماندىلاردا توپ تېپىدىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ھەقىقەتەن كۆپلىكىنى ئېيتتى.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا «پۇتبول دىرېكتورى» كومپيۇتېر ئويۇنىنىڭ مەستانىلىرى 2021-يىللىق ئويۇن ئەندىزىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئويۇننىڭ تور مۇنبىرىدە ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىڭ چىقىرىۋېتىلگەنلىكىدەك بىنورماللىقنى بايقىغان.

پۇتبول ئويۇن تور مۇنبىرىدە، ئەسلىدە ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىنىڭ نىسبىتى زور بولغان «شىنجاڭ قار يىلپىزى» كۇلۇبىغا كېلىۋاتقان ياش توپچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكىدىن شىكايەت قىلىنغان.

«پۇتبول دىرېكتورى» نىڭ خىتايدىكى باش تەتقىقاتچىسى مۇنبەر يازمىسىغا مۇنداق جاۋاب قايتۇرغان: «سىلەر ناھايىتى ياخشى بىر نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويدۇڭلار، بۇ خۇددى بىلباۋ يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىدا باسكې ماھىرى بولمىغاندەكلا بىر ئىش. بىز بۇ مەسىلىنى ئۇزۇن مۇددەتتە بولسىمۇ ئوڭشاشنى پىلانلاۋاتىمىز».

«پۇتبول دىرېكتورى» باياناتچىسى توم داۋىدسوننىڭ مۇنبەردىكى ئىنكاسىغا قارىغاندا، بۇ ئۇيغۇر پۇتبولچىلار مەسىلىسى يانۋاردا كۆرۈلۈشكە باشلىغان، لېكىن ئۇلار بۇ مەسىلىدىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشقان.

ھەتتا «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا توم داۋىدسون مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئويۇنغا قوشتۇق ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى 200دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارنىڭ تىلىنىمۇ ئويۇن تىلى قىلىپ بەلگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. ئەمما بۇ قېتىمقى يېڭى ئويۇندا ئەمەلىيلەشمىدى. بىز ئويۇننى ياخشىلاش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز».

ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ ھەتتا پۇتبول دۇنياسىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ پۇتبولچىسى مەسۇت ئۆزىل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغانلىقى خىتايدا غۇلغۇلا قوزغىغان. تۈركىيەدە پۇتبول تېپىدىغان دەم با بامۇ پۇتبولچىلارنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرغانىدى.

فىرانك رىبېرى ۋە كالىدو كولىبالى قاتارلىق بىر قانچە داڭلىق فىرانسۇز پۇتبولچىلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بۇ مەسىلىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، فىرانسىيەلىك پۇتبول ھۇجۇمچىلىق ماھىرى ئانتويېن گىرىزمان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى تۈپەيلىدىن، خۇاۋېي بىلەن بولغان سودىسىنى بىكار قىلغانىدى.

سالاھىدىن ئەپەندى خىتاي دۆلىتىدە بۇرۇندىنلا پۇتبول ساھەسىگە سىياسەتنىڭ ئارىلىشىدىغانلىقى، يىقىنقى نەچچە يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ ئېغىرلاشقان بۇ باستۇرۇشتا ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىڭ تەقدىرىگە بىر نېمە دېيىشنىڭ تىخىمۇ تەسلىكىنى تەكىتلىدى.

«پۇتبول دىرېكتورى» مۇنبىرى «يېڭى نەسىل» ئويۇن ئەندىزىسىدە ئۇيغۇر پۇتبولچىلار مەسىلىسىنىڭ ھەل بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان.

ئىستىقباللىق بىر ئۇيغۇر پۇتبولچى ئىرپان ھېزىمنىڭ 2018-يىلى 2-ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغانىدى. ئىرپان ھېزىم 2018‏-يىلى 2‏-ئايدا غايىب بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم 2019-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا پەيدا بولغان. ئەمما ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى دەلىللەنمىگەنىدى.

بىلباۋ يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىدا باسكې ماھىرى بولۇش (Athletic Bilbao doesn’t have Basque) بىر ئىدىئوم بولۇپ، مەزكۇر ئىدىئوم تەنتەربىيە ساھەسىدە ناھايىتى كۆپ قوللىنىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ ئىدىئومنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى مۇنداق ئىكەن: 1912-يىلدىن باشلاپ، ئىسپانىيەدىكى بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبى بىلباۋنىڭ يېزىلمىغان بىر قائىدىسى بار بولۇپ، بۇ كۇلۇب پەقەت باسك دۆلىتىدە تۇغۇلغان ياكى پۇتبول ماھارىتىنى باسك كۇلۇبىدا ئۆگەنگەن توپچىلارنى قوبۇل قىلىدىكەن. شۇڭا مەلۇم بىر كوماندىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولۇش، خۇددى «بىلباۋ يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىدا باسكې ماھىرى بولۇش» قا ئوخشىتىلىدىكەن.