ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككى خىل ھېيت مەنزىرىسى: دائىرىلەر سۇناينىڭ غېمىدە، ئاھالىلەر كاناينىڭ
2024.04.15

خىتاي تەشۋىقاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ناغرا-سۇناي بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ھېيت كۈنى دەم ئالمىغانلىقى، يەنى سۇناينىڭ ئەمەس كاناينىڭ غېمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
مانا بۇ ناغرا-سۇناي ئاۋازلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىل روزا ھېيتنىڭ نورمال داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سىگناللار بېرىلمەكتە. ئەمما، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان تۆۋەندىكى سىن ئۇچۇرىدىن نەچچە يۈزلىگەن يەرلىك ئاھالىنىڭ كورلا قارا شەھەردىكى بىر ئېتىزلىقتا، 10-ئاپرېل كۈنى يەنى ھېيتنىڭ 1-كۈنى ئېغىر ئىشلەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قاراشەھەردىكى ئالاقىدار خادىملار، بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق بىر ئېھتىياج ياكى قانداق بىر ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئېتىز بېشىدا بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.
تورلاردا بۈگۈن تارقالغان يەنە بىر سىن كۆرۈنۈشىدە، بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئېتىزلىقتا كېتىۋاتقان بىر يۈك ماشىنىسىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقى، بۇ ماشىنىدا بولسا پەمىدۇر كۆچەتلىرىنىڭ تارقىتىلىۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ. ئەمما خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا روزا ھېيتنىڭ ھەرقايسى جايلاردا ئوخشاش ھالدا نەغمە-ناۋا بىلەن ئۆتۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىدۇ.
كورلىدىكى يەنە بىر خادىم، بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ھېيت كۈنلىرىدە دەم ئالمىغانلىقى ۋە ئېتىزلىقتا ئىشلىگەنلىكىنى يوشۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھېيت كۈنىدە ئىشلەشنىڭ جىددىي ياكى پەۋقۇلئاددە سەۋەبى ھەققىدە ئىزاھات بېرەلمىدى.
ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، دائىرىلەرنىڭ سۈنئىي ھېيت كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن ناغرا-سۇناي سەھنىلىرى ھازىرلىغانلىقى، ھەتتا بىر قىسىم ئاھالىلەرگە ئىش ھەققى بېرىپ ئۇسۇلغا سالغانلىقى كۆپ قېتىملاپ ئاشكارىلانغانىدى. خىتاينىڭ ھېيت ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىغا ھەيران قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ھېيت كۈنىدە ئېتىز بېشىدا بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى. بۇلارنىڭ قارىشىچە، تارىخنىڭ ئەڭ جاپالىق، ھەتتا ئاچارچىلىق يىللىرىدىمۇ، ھېيت-بايرامنى ئۇنتۇمىغان، پەرزەنتلىرىنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئائىلىسىدە بولسىمۇ ھېيت ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۇنچە كۆپ كىشىنىڭ ھېيت ئۆتكۈزەلمەسلىكى ئالاھىدە بىر جەمئىيەت ھادىسىسىدۇر.
توردىكى بەزى ئىنكاسلاردا سىندىكى كۆرۈنۈشكە ئاساسەن، شۇ ئاھالىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ياكى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر موھتاج ھالدا قالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندىنىڭ ئۆز تەسىراتىنى يازما بىلدۈرۈشىچە، ئاساسلىق ئەمگەك كۈچلىرى لاگېر ۋە تۈرمىلەردە بولغان، ياكى تېرىلغۇ يەرلىرى تارتىۋېلىنغان ۋە تىرىكچىلىك يوللىرى تاقالغان ئاھالىلەر كۆز ئالدىدىكى پەسىل خاراكتېرلىك ئىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىشنى خالىمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار مەيلى دىنىي تەلىماتلار نۇقتىسىدىن، مەيلى ئۆرپ-ئادەتلەر سەۋەبىدىن بولسۇن، ھەرقانداق قېيىن ئەھۋال ئاستىدىمۇ ھېيت ئۆتكۈزۈشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. ھېيت دەم ئېلىشلا بولماستىن ئۇ دىنىي ئىبادەتنىڭ، شۇنداقلا ئائىلە مائارىپىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر. مانا بۇ نۇقتىدىن قارىغان ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ھېيت كۈنىدىكى ئىشلەشتە، بىۋاسىتە بولمىغان تەقدىردىمۇ ۋاسىتىلىك ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش رول ئوينىغان. يەنى 6 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان چوڭ تۇتقۇن سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي موھتاجلىق، ئۇلارنى ھېيت كۈنى ئىشلەشكە مەجبۇرلىغان.
نورۋېگىيەدىكى تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى مەزكۇر كۆرۈنۈشنى، خىتاينىڭ رايوندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى مىللىي كىملىكتىن ئۇزاقلاشتۇرۇش زوراۋانلىقىنىڭ تەبىئىي بىر نەتىجىسى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئاھالىلەر ھېيت ئۆتكۈزمەسلىك يەنى ھېيتنى ئۇنتۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكتىن ئۇزاقلاشقانلىقىنى خىتاي تەرەپكە كۆرسىتىشكە ۋە بۇ ئارقىلىق گۇمان، بېسىم، تەھدىت ۋە قىيىن-قىستاقتىن ساقلىنىشنىڭ يولىنى تاللىغان.
ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندىنىڭ يەنە پەرەز قىلىشىچە، بۇ كۆرۈنۈش ئىقتىسادىي موھتاجلىقتىن كۆپ، روھىي بوشلۇقنىڭ ئىپادىسىدۇر؛ ھەر بىر ئائىلىدە بىردىن بەشكە قەدەر كىشىنىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلاردا بولۇشى، نۆۋەتتە كۆپىنچە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە كەيپىيات كىرىزىسى پەيدا قىلغان؛ تۇتقۇندىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قىيىن-قىستاقتا كۈن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ ۋە سېزىپ تۇرغان بۇ ئائىلىلەر، ئۆزلىرىگە، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە كۈلۈش ۋە ياكى خۇشال ئۆتۈشنى راۋا كۆرمىگەن بولۇشى مۇمكىن.
يۇقىرىدا، خىتاي دائىرىلىرى ناغرا سۇناي ساداسى بىلەن سۈنئىي ھېيت كەيپىياتى يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇر ئېلىدا زور بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ھېيتنى ئېغىر ئەمگەك بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.