گۇما ناھىيە بازار ئىچى ساقچىخانا خادىمى: «قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلگىرى تاقىۋېتىلگەن 20 مەسچىتتىن تۆتى ئېچىۋېتىلدى»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.07.23
uyghur-boway-heytgah-meschit.jpg ھېيتگاھ جامەسىگە نامازغا ماڭغان ياشانغان ئۇيغۇر. 2017-يىلى 26-ئىيۇن، قەشقەر.
AFP

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە ۋە مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرىدىن ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ناھىيە ۋە شەھەر مەركەزلىرىدىكى بىر قىسىم مەسچىتلەر ئېچىلغان، كۆپ ساندىكى مەسچىلەر تاقاق ھالىتىنى داۋاملاشتۇرغان. ئېچىۋېتىلگەن مەسچىتلەرگىمۇ جامائەت ئېھتىيات بىلەن كىرگەن. ئالاقىدار خادىملار ئېچىۋېتىلگەن مەسچىتلەرنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئاھالىلەرنى ھېيت نامىزىغا بېرىشقا بەزىدە رىغبەتلەندۈرۈش، بەزىدە زورلاش تەدبىرىنى قوللانغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن بەش يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ تاھارەت ئېلىشى، دۇئا قىلىشى ۋە دىنىي ئىبارىلەر بىلەن سالاملىشىشىنىمۇ چەكلىگەن خىتاي دائىرىلىرى، بۇ يىل قۇربان ھېيت مەزگىلىدە تەشۋىقات ئېھتىياجى بىلەن بىر قىسىم مەسچىتلەرنى ئىبادەتكە ئاچقان بولسىمۇ، ئەمما مەسچىتنى تولدۇرۇشتا قىينالغان. ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ يىل قۇربان ھېيت ھارپىسىدا پۈتۈن ئىدارە-جەمئىيەتلەردە يىغىن ئېچىلىپ، قۇربان ھېيتلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشتا «چەت ئەلدىن كەلگەن تېلېفونلارنى قوبۇل قىلماسلىق، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سوئاللىرىغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جاۋاپ بەرمەسلىك، يەنى دۆلەت مەخپىيەتلىكنى چىڭ ساقلاش» ھەققىدە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان تۇرپاندىكى ساقچى خادىملىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئەنسىز كەيپىياتى بىلەن يۇقىرىقى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئىشارەتلىدى. تۇرپاننىڭ چاتقال يېزىسىدىكى بىر ساقچى خادىمى بۇ يىل قۇربان ھېيتتا ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلغان ياكى ئوقۇلمىغانلىىقى ھەققىدىكى ئاددىي بىر سوئالىمىزغىمۇ جاۋاپ بېرەلمىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلار سەۋەبلىك خەلقئارا جامائەتنىڭ ئېغىر تەنقىدىگە ئۇچرىغان، بولۇپمۇ 7 غەرپ دۆلىتىنىڭ پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن ۋە خىتاينى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئۆتكۈزش بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن، دائىرىلەر ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا ۋە دىنىي چەكلىلىمەردە بىر قەدەم ئارقىغا داجىشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما ئىنكاستا دېيىلىشىچە، ئاھالىلەر يېقىنقى بەش يىللىق سىياسىي ۋەزىيەتتىن چۆچۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مەسچىتكە بېرىشتا دائىرىلەر كۈتكەن ئاكتىپلىقنى كۆرسىتەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمئىيەتتىكى دىنىي زات ۋە تەقۋادار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۈرمە ياكى لاگېرلاردا بولغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەر بۇ قېتىم مەسچىتلەرنى پېنسىيەگە چىققان ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن تولدۇرۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلغان.

خوتەن قاراقاشتىكى بىر ساقچى خادىمى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا ئۆز ئالدىغا جاۋاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دائىرىلەر ئىلگىرىكى يىللاردا، بولۇپمۇ 2017-يىلنىڭ ئالدىدىكى مەزگىلدە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى قاتتىق چەكلىگەن ئىدى. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، دائىرىلەر بۇلتۇر ۋە بۇ يىل ھېيت مەزگىلىدە مەسچىتنى تولدۇرىدىغانغا ئادەم تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن پارتىيە ئەزالىرىنى مەسچىتكە كىرىشكە ئورۇنلاشتۇرغان ۋە بۇ ھېيت نامىزىغا قاتنىشىش زۆرۈرىيىتىنى «دۆلەت مەنپەئەتى» نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرگەن ۋە ۋەزىپە دەپ بۇيرىغان.

تېلېفوىنىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەن لوپتىكى يەنە بىر ساقچى خادىمى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسچىتلەرنى تولدۇرۇشقا بۇيرۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى، ئەمما يەنە بىر خادىم ئۆزىنىڭ بىر ئاكىسىنىڭ بۇ يىل ھېيت نامىزىغا بارغانلىقىنى بايان قىلىش ۋە بېرىش سەۋەبىنى «چۈنكى ئۇ پارتىيە ئەزاسى ئىدى» دەپ ئىزاھلاش ئارقىلىق ئىنكاستىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ۋاستىلىق ھالدا دەلىللىدى.

ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىمىزدىن ئايان بولۇشىچە، 2016-يىلى باشلانغان مەسچىت چېقىش دولقۇنىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى مەسچىتلەر چېقىۋېتىلگەن، بىر قىسىمنىڭ مۇنارلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ دەرۋازىسىغا قۇلۇپ سېلىنغان، ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم مەسچىتلەر پەقەتلا چەت ئەللىكلەرگە كۆرگەزمىلىك ئۈچۈنلا ئوچۇق قويۇلغان ئىدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاسىدا دېيىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل ھەرقايسى ناھىيە-شەھەر مەركەزلىرىدىكى بىر قىسىم تاقىۋېتىلگەن مەسچىتلەرنى، بولۇپمۇ ساياھەت مەركەزلىرىگە يېقىن جايلاردىكى مەسچىتلەرنى جامائەتكە ئېچىۋەتكەن.

گۇما ناھىيە بازارلىق ساقچى خادىمى، بازار ئىچىدە چېقىلىشتىن ئامان قالغان 20 مەسچىت بارلىقى، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسىنىڭ ھېلىھەم تاقاقلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە بۇ مەسچىتلەردىن پەقەت تۆتىنىڭلا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دائىرىلەر ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن مەسچىتلەرنىڭ كۆرگەزمىلىك ئۈچۈن ئېچىلىشى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ھەيدەكچىلىك بىلەن ھېيت نامىزىغا قاتناشتۇرۇلۇشىنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» سۈپىتىدە سىر تۇتۇشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرلىكتە يەنە، مەسچىتكە ناماز ئوقۇشقا ئاپىرىلغان ياكى مەسچىت ئالدىدا توپلانغان كىشىلەردىن يىللاردىكىگە ئوخشاشلا يۇقۇرى كەيپىياتتا ئۇسسۇل ئويناش، جۇشقۇن ناخشا ئېيتىش ۋە خوشال تەنتەنە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ساقچى خادىملىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ھېيت مەزگىلىدە بۇ تەلەپ ۋە شەرتلەرنىڭ قويۇلغانلىقىنى ھېچقايسى بىر خادىم ئىنكار قىلالمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.