«خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىماملىرىغا قاراتقان زىيانكەشلىكى» ماۋزۇلۇق يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشى ھەققىدە بىر پارچە مۇھىم دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىگە قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسىنى يورۇتۇپ بەرگەن ئىدى. «ئىسلام بىر تەرەپ قىلىندى-خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىماملىرى ۋە دىنىي زاتلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىدا دىنىي زاتلارنىڭ دائىم دۆلەت يېتەكچىلىكىدىكى خورلاش ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭ داۋاملىق كۈچىيىپ بارغانلىقى بايان قىلىنغان.

بۇ دوكلاتتا 2014-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇتقۇن قىلىنغان، كېسىۋېتىلگەن ۋە ياكى ئۆلتۈرۈلگەن ئىماملار ۋە باشقا دىنىي زاتلارغا ئائىت 1046 دېلو تۇرغۇزۇپ چىقىلغان. ئۇلار بۇ رەقەمنى «مۇزتاغنىڭ پەقەتلا كۆرۈنگەن قىسمى،» دەپ ئەسكەرتكەن.

1-ئىيۇن كۈنى مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئامېرىكادىكى مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتى بولغان «ھەممىگە ئادالەت جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى ئىمام ئابدۇلمالىك مۇجاھىد، ئەنگىلىيە نيۇكاسىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور جوئاننې سىمىس-فىنلىي خانىم، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرغان. يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلغان.

ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ دوكلاتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن يېزىلغان دوكلاتلارنىڭ بىرى، دەپ تونۇشتۇرغان. ئۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىماملىرىنى نىشانلىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تەشكىل قىلىدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىللارنى ۋەيران قىلىش ۋە ئۇنىڭ يېڭى بىر ئەۋلادقا يەتكۈزۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي بايراملىرىنى تەبرىكلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن تۇرۇقلۇق، بۇ يىل روزى ھېيتتا خەلقئاراغا كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئۇيغۇرلارنى ھېيتگاھ مەيدانىدا ئۇسسۇل ئويناتتى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى. رايوندا ھەقىقەتەن بولۇۋاتقانلار بولسا يەنىلا تولۇق كۈن يۈزىگە چىقمىدى. بىز بۇ دوكلاتىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېگەن.

ئارقىدىن ئامېرىكادىكى «ھەممىگە ئادالەت جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى، ئىمام ئابدۇلمالىك مۇجاھىد ئەپەندى سۆز قىلغان. مەزكۇر ئورگان ئىلگىرى ئامېرىكادىكى مۇسۇلمان جامائىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئويغىتىش ھەرىكەتلىرىنى قىلغان ئىدى. مۇجاھىد ئەپەندى سۆزىدە ئەپسۇسكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مۇسۇلمانلارغا جۈملىدىن ئىسلامغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسى تەرىپىدىن تولۇق بىلىنمەيدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يوشۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە: «يېقىندا بىر زىيارەت ئۆمىكى خىتايغا زىيارەتكە بارغاندا مېھمانخانا ياتاقلىرىدا قۇرئان بارلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق خۇرسەن بولۇشۇپتۇ. چۈنكى مېنىڭ ئۆز دۆلىتىمدە مېھمانخانىلاردا قۇرئان قويۇلمايدۇ. خىتاي دائىرىلىرى مەن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغاندىمۇ ئاشۇنداق ئويۇن قويماقچى بولدى، بىراق مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن ئۇ يەردىكى ئىماملارنىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ۋە تەقىبلەشكە ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆردۇم. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەن بىلەن سۆزلىشىپ، ئۆزىنىڭ دەردىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى،» دېگەن.

مۇجاھىد ئەپەندى ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بىر ئاماللار بىلەن ئۆيلىرىدە بولسىمۇ دىنىي تەربىيەلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى، بىراق ھازىرقى شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى «قانۇنىسز دىنىي پائالىيەت» دېگەن باھانە بىلەن يىغىشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ دوكلاتنىڭ چوقۇم ئەرەبچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، كەڭ ئىسلام دۇنياسىغا تارقىتىلىشى، ئىسلام ئەللىرىدىكى خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ قانداقتۇر «ئامېرىكانىڭ ئويۇنى» ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېـتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرگەن.

ئارقىدىن مەزكۇر دوكلاتنىڭ يازغۇچىسى پىتىر ئىرۋىن بۇ دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئۇنىڭدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرغان. دوكلات ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەمىنلىگەن شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ھەققىدىكى ئارخىپى ۋە ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى جىن بۇنىن تەشكىللىگەن «شىنجاڭ ئارخىپى» دىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ تەييارلانغان. پىتىر ئىرۋىننىڭ ئېيتىشىچە، سانلىق مەلۇماتلار بويىچە دىنىي زاتلار ئاساسەن «قانۇنسىز» دىنىي تەلىمات (دائىم بالىلارغا) بېرىش، دۆلەت تەستىقلىغان مەسچىتنىڭ سىرتىدا دۇئا قىلىش، «قانۇنسىز» دىنىي ماتېرىياللارنى ساقلاش، چەت ئەل بىلەن ئالاقە قىلىش ياكى چەت ئەلگە ساياھەت قىلىش، بۆلگۈنچىلىك ياكى ئاشقۇنلۇق، رەسمىي خىزمەت قىلىش ياكى توي ۋە دەپنە مۇراسىمىدا ۋەز-نەسىھەت قىلىش دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسا، بەزىلىرى ھەتتا «باشقىلارغا دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن»، «مىسىردا ئالتە ئاي ئوقۇغان» دەپمۇ ئەيىبلەنگەن.

پىتىر ئىرۋىننىڭ ئەسكەرتىشىچە، سانلىق مەلۇماتلاردا ئەڭ مۇھىم بولغىنى دىنىي زاتلارنىڭ ئېغىر جازالارغا ئۇچرىغانلىقى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز تەكشۈرگەن 304 دېلونىڭ 96 پىرسەنتىگە ئاز دېگەندە بەش يىل، 25 پىرسەنتىگە 20 يىل ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى جازا مۇددىتى بېرىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە 14 مۇددەتسىز قاماق جازاسى بار بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلارنىڭ جىنايىتىنىڭ نېمىلىكى مۇجىمەل.»

ئابدۇەۋلى ئايۇپ ئەپەندىمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تور بەتلىرىدە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلار ئىكەنلىكىنى، بىر قىسمىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىنلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى ئاساسىدا تەييارلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ھازىرغىچە بۇ ھەقتە داۋاملىق گۇۋاھلىق بېرىشنى رەت قىلىۋاتقان كىشىلەر بارلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ۋە يۇرتلىرىدىكى ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.

يىغىندىكى سۆزلىگۈچىلەردىن بىرى ئەنگىلىيە نيۇ-كەسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور جوئاننې سىمىس-فىنلىي خانىم بولۇپ، يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىپ كەلگەن. ئۇمۇ يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىق جازا تەدبىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. جوئاننې سىمىس-فىنلىي خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بىۋاستە قىلغان زىيارەتلىرى ۋە تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇرلار بەزى ۋاقىتلاردا چەكلىك دائىرىدە ناماز ئوقۇش، مەسجىتكە بېرىشتەك دىنىي پائالىيەتلەردىن بەھرىمان بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەركىنلىكنىڭ قىسقا ۋاقىت داۋام قىلغانلىقىنى، ئاقىۋەتتە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئاسسىملاتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىگە ئۆزگەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

يىغىندا مۇتەخەسسىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلىتىشتىكى رىقابەتلەرنى مۇلاھىزە قىلدى. ئابدۇلمالىك مۇجاھىد ئەپەندى خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىش ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاساسلىق مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا، دېدى. ئۇ سۆزىدە «كىشىلەر يەنىلا كوممۇنىست پارتىيەنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىۋاتىدۇ. قىسقىسى، مەن تىۋىتتېردا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆز قىلسام، كىشىلەرنىڭ ماڭا ‹بۇ دېگەن ئامېرىكا تەشۋىقاتى، › دەپ ئىنكاس يازغانلىقىنى كۆرىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ساختا تەشۋىقاتىدا غەلىبە قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ۋەزىپىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختىلىقىنى، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ۋە تاشقىي دۇنياغا قوللىنىدىغان ئىككى يۈزى بارلىقىنى ئاشكارىلىشىمىز كېرەك،» دېگەن. ئۇ يەنە مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە گيو-سىياسىي نوقتىئىينەزەردىن قاراپ، ‹ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن مەسىلىسى بار، شۇڭا ئۇنى كۆتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ، › دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇڭا سەئۇدىي ئەرەبىستان، پاكىستان قاتارلىق ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىدىن ھېكايىلەرنى چىقىرىش، دوكلات چىقىرىش، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق بۇ ئېغىر كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى گيو-سىياسىي ماركىدىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

ئۆمەر قانات ئەپەندىمۇ سۆزىدە مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ھۆكۈمەتلەر سۈكۈت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ دۆلەتلەردە بولۇپمۇ تۈركىيەدە ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە باشقا نۇرغۇن تەشكىلاتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە زور ئويغىنىش بولغانلىقىنى، كانادا، گوللاندىيە ۋە لىتۋا قاتارلىق دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشى بىلەن يۇقىرىدا دىيىلگەن بۇ «ئامېرىكانىڭ ئويۇنى» دېگەن كۆز قاراشتا زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، تۈركىيەدە جامائەت پىكرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ: «كەلگۈسىدە بۇ جامائەت پىكرى چوقۇم ھۆكۈمەتكە قاتتىق بېسىم شەكىللەندۈرىدۇ، باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىمۇ مۇشۇنداق جامائەت پىكرى ھاسىل بولىدۇ،» دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئىماملار ھەققىدىكى دوكلاتى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر، مۇسۇلمان جامائىتى ۋە دىننىڭ ساغلام بىر جەمئىيەتنى قوغداشتىكى ئەھمىيىتىگە ئىشىنىدىغان ھەربىر شەخىس ئۇيغۇرلار ئۇچراتقان زۇلۇمغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرىلغان ئىدى.