ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 456 مىڭ كىشى: سوئاللار ۋە ئىزتىراپلار

0:00 / 0:00

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى تەنقىدى ۋە بىر قىسىم جازا تەدبىرلىرى ئىزچىل ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئېلىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. بۇ خىل سادالارغا قارشى شەكىلدە يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان تەدبىرلەرنىڭ بىر قىسمى «شىنجاڭدىكى بەختىيار ۋە ئىناق جەمئىيەت» كە بېغىشلانغان تۈرلۈك تەشۋىقاتلار بولۇپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەرەققىيات» نىڭ تۈرلۈك «مىساللىرى» مۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئەنە شۇ خىلدىكى «مىساللار» نىڭ بىرى قاتارىدا بىرنەچچە ھەپتىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا 2023-يىلى نويابىرغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا 456 مىڭ كىشىنىڭ ئوخشىمىغان كەسىپلەر بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ ھال 2019-يىلى دېكابىردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىكى بارلىق كۇرسانتلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، جەمئىيەتتە ئۆز خىزمەت ئورنىنى تاپتى» دېگەن سۆزىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك ئىشقا ئورۇنلىشىش توغرىسىدىكى خەۋەر بولۇپ قالدى.

ئىشقا ئورۇنلىشىۋاتقان پەرقلىق توپلار

خىتاي كونتروللۇقىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بۇ ھال ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، «ئىشقا ئورۇنلىشىش دېمەك مۇقىم كىرىم مەنبەسى بولۇش دېمەكتۇر؛ مۇقىم كىرىم مەنبەسى بولۇش دېگەنلىك ئىستېمال ئارزۇسىغا يول ئېچىشتۇر» دېيىلگەن. شۇنىڭدەك بۇ خىل ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى ئىستېمال ئوبوروتىنى ئالغا سۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل خىتاي دائىرىلىرى «تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نى ئالدىن ئويلىشىلىدىغان ئىستراتېگىيە قاتارىدا ئىجرا قىلغان. شۇنىڭدەك بۇنىڭدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەر بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا ئىزچىل تۈردە ئىشسىزلار قوشۇنىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى «ئالدىن ئويلىشىشى» كېرەكلىكى ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن 20 يىللار ئىلگىرىلا خىتاي زىيالىيسى ۋاڭ لىشيوڭنىڭ «مېنىڭ غەربىي دىيارىم، سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ» ناملىق ئەسىرىدە نۇقتىلىق بايان قىلىنغان تېمىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئاپتور ئۆزى كۆرگەن قەشقەر، تۇرپان، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى توپ-توپ ھالدا يۈرگەن ئىشسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىليارت ئويناش، توپلىشىپ پاراڭ سېلىشتىن باشقا ئىشى يوقلۇقىنى، بۇنداق زور ساندىكى ئىشسىز ياشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر دۆلەت ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت زور خەتەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇ خىل ئىشسىز ياشلار، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە سۆز بولغاندا مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاق كۆڭۈللۈكى» ئەمەس، ئەكسىچە كۆپ خىل ئامىللارنى نەزەردە تۇتقانلىقى مۇھىم سەۋەب بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پىچان ناھىيەسى لەمجىن يېزىسىدىن مۇشۇ خىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئېلىپ كېلىنگەن 100 نەپەر دېھقانغا مەسئۇل بولغان ناھىيەلىك «ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى «بىز ھەرقاچان كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن دېھقان-چارۋىچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەشكىللەيمىز» دېگەن. خەۋەردە بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا كۆزگە چېلىقىدىغان يەنە بىر ئەھۋال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى» نىڭ نۆۋەتتە زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان «شىنجاڭنى سەككىز چوڭ كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش»تەك نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت دائىرىسى ۋە مەزمۇنىنى داۋاملىق كېڭەيتىش، پۈتۈن رايون مىقياسىدا مۇشۇ خىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى 24 قېتىمغا يەتكۈزۈش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى بولغان. بۇ خىل «كېڭەيتىش» مەزمۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2023-يىلىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا 1900 خىتاي شىركىتىگە ئورۇن ھازىرلىغانلىقى، بۇنىڭ دەل خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» نامىدا 19 خىتاي ئۆلكىسىدىكى زاۋۇت-كارخانىلارنى غايەت زور كۆلەمدە ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ، ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى بىلەن ماس قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىققان.

ئىلشات ھەسەننىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىنائەن «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» كە ئاتلانغان بۇ شىركەتلەرنىڭ ئەمگەك كۈچى مەنبەسى دەل يىللاردىن بۇيان غەرب دۇنياسى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر دىيارىدىكى زاۋۇتلارغا ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا ئەۋەتىلگەن كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تۈرلۈك مەجبۇرلاش ۋاستىلىرى تۈپەيلىدىن زورىغا مېڭىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇلارغا نورمال ئىش ھەققىنىڭ ئاز بىر قىسمى تۆلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھال خەلقئارادا «مەجبۇرىي ئەمگەك» دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك قوشۇنىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە سۆز بولغاندا لاگېرشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن دوكتور ئادرىيان زېنز بۇنىڭدا نۇقتىلىق ھالدا ئىككى خىل ئامىلنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەيدۇ.

«ھازىر شىنجاڭدا قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت بولۇۋاتىدۇ، دېگەندە بىز بۇنىڭدىكى تۈپلۈك ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز زۆرۈر. بۇنىڭدىكى بىرىنچى تۈردە بىز لاگېرلارغا قامالغان ‹ئاز سانلىق مىللەتلەر› نىڭ لاگېرلاردىن مەجبۇرىي ئەمگەككە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. بەزىدە ئۇلار يۆتكەلگەن زاۋۇتلار لاگېرنىڭ ئۆزىدە ياكى ئۇنىڭغا يانداشقان جايدا بولىدۇ. كېيىنچە بۇ جايلاردىكى زاۋۇتلاردىن باشقا جايلاردىكى زاۋۇتلارغا يۆتكىلىدۇ. مانا مۇشۇ تەرىقىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەرقاچان ئۇلارغا ھەمراھ بولىدۇ. ئىككىنچى خىل شەكىلدە بولسا، بۇ ھال تەبىئىي ھالدا ‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش› بىلەن باغلانغان بولىدۇ. بۇنىڭدا يېزىلاردىكى ‹ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى› دەپ قارىلىۋاتقان ‹ئاز سانلىق مىللەت› كىشىلىرى لاگېرلار بىلەن باغلىنىشلىق بولمىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىروگراممىلىرى بويىچە ھەر خىل شەكىلدىكى يېپىق بولغان تېخنىكىلىق تەربىيەلەش ئورۇنلىرىغا توپلىنىدۇ. بۇنىڭدا گەرچە ئىزچىللىق بولمىسىمۇ بۇ خىل تېخنىكىلىق تەربىيەلەش ھەربىيچە ئۇسلۇبتىكى خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىشقا ئاشىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇلارنى تېخنىكىلىق تەلىپى ئانچە يۇقىرى بولمىغان، ئەمما زور سىجىللىق تەلەپ قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىگە مەھكۇم قىلىشتۇر. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى لاگېرلاردىن يۆتكەلگەن ئىشچىلاردىن ئانچە پەرق قىلماس بولۇپ قالىدۇ.»

يېزىلاردىن زاۋۇت-كارخانىلارغا يۈرۈش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلار

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى زور كۆلەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى ئۇيغۇر يېزا-قىشلاقلىرىدىكى دېھقانلار ئىكەنلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەرلەردىن كەڭ ئورۇن ئالغان. شۇنىڭدەك بۇ خىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تۈرلۈك يۇقىرى ئاۋازلىق كارنايلار، ئۈندىدار توپلىرى، بازار ئېلانلىرى قاتارلىق شەكىللەردە دېھقانلارنىڭ قۇلاقلىرىغا يېتىپ كېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەرىپلەنگەن. ھالبۇكى، «ئېشىنچا ئەمگەك» كۈچلىرى دەپ ئاتىلىۋاتقان دېھقان ياشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە دېھقانچىلىق قىلغۇدەك يېرى يوقلۇقى، ئەسلىدىكى دېھقانلارغا ھۆددە بېرىلگەن يەرلەرنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىل مابەينىدە تەدرىجىي دۆلەتنىڭ يىغىۋېلىشى ۋە قايتا تەقسىملىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتۈپ بولغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەردە ھېچقانداق مەلۇمات تىلغا ئېلىنمايدۇ. تېخى يېقىندىلا مەلۇم بولغان ھۆددە يەرلەرنىڭ قايتا تىزىملىنىشى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ يەرلەرگە يېڭىدىن خوجايىن بولۇپ قالغانلىقى، دەل مۇشۇ خىل خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئىگىلىۋالغان يەرلەرنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە پايدىلىق قانۇنلار ئارقىلىق «قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىنىشى» نىڭ نەتىجىسى بولغان ئىدى. يەردىن ئايرىلغان دېھقانلارنىڭ باشقا ھاياتلىق يولى قالمىغاندا بۇ يەرلەردە يېڭىدىن پەيدا بولغان تۈرلۈك ناملاردىكى زاۋۇتلارغا ئەرزان باھالىق ئىشچى بولۇشى ئۇلارنىڭ بىردىن بىر تاللىشى بولۇپ قالغان.

خوتەندىكى مەلۇم بىر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر.
خوتەندىكى مەلۇم بىر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر. (Social Media)

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتى جەريانىدا نۇرغۇن يەر ئىگىلىرى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىش تۈپەيلىدىن يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسا، يېقىنقى مەزگىللەردە تاماملانغان «ھۆددىگە بېرىلگەن يەرلەرنى تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش» خىزمىتى تېخىمۇ كۆپ تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئۆتۈپ كېتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا ئىجرا بولۇۋاتقان تۈرلۈك جازا تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن سودا يۆنىلىشىنى شەرقتىن غەربكە قارىتىشى، شۇ قاتاردا ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە قورغاسنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۈچ ئورۇندا «ئەركىن سودا سىناق رايونى» تەسىس قىلغانلىقى بىلەن ماس ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان. ئىلشات ھەسەننىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ بۇ تەدبىرلىرى بېيجىڭدىكى كاتتىباشلارنىڭ بۇيرۇقىنى مەنبە قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئېكسپورتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا بازىرىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بىلەنمۇ ئۆزئارا ماس كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىگە خاس كىملىكلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ كېلىۋاتقان دېھقانلار تەبىقىسىنى ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيەنى ئاسانلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە بېقىندى قىلىش، شۇ ئارقىلىق دېھقانلار تەبىقىسىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشىغا يول ئاچىدۇ.

بۇ جەھەتتە سۆز بولغاندا دوكتور ئادرىيان زېنزمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكى ئارقىلىق «ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش» چارىسى ئوخشىمىغان كۆلەمدە ئىجرا بولۇۋاتقاندا ئۇلارنىڭ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىم ۋاسىتە قىلىش» دېگەنلىرى بۇنىڭدىكى مەقسەتنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«شىنجاڭدا نېمە ئۈچۈن مەجبۇرىي ئەمگەك يولغا قويۇلىدىغانلىقىغا كەلسەك ئۇلار بۇنىڭدا نامراتلىقنى تۈگىتىشنى تۈپ مەقسەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇنىڭدا كىشىلەر دۆلەت بېكىتىپ بەرگەن مۇئەييەن مىقداردىكى ئەڭ تۆۋەن كىرىم مەنبەسىگە ئىگە بولىدۇ. ناۋادا ئۇلار ئۆز ئالدىغا يېرى بار بولغان دېھقان ياكى چارۋىچى بولسىدى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ياشىشى ۋە جېنىنى جان ئېتىشى ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى. ئەمما بۇنىڭدىكى تۈپكى مەقسەت ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. بۇ خىل شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتە ‹ئاز سانلىق مىللەتلەر› نى بەكمۇ ئالدىراش قىلىۋەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى زاۋۇتلارغا توپلاش ئارقىلىق تارقاق ھالدىكىدىنمۇ بەكرەك ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولىدۇ. زاۋۇتلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە مېڭە يۇيۇش سورۇنلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقتىن، ئىشچىلار بۇ جايلاردا مەجبۇرىي بولغان ‹تەربىيەلەش› كە قاتنىشىدۇ. يەنە بىر ياقتىن بۇ خىل ئەمگەكلەر ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسى ئائىلە بىرلىكى ئارقىلىق پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تولۇق كونترول قىلالايدۇ. ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشچىلىرى ئۆزلىرى بارغان يېڭى ماكاندىمۇ يەنىلا ھەربىيچە شەكىلدىكى تۇرالغۇلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. شۇڭا بۇ خىلدىكى ئەمگەك مېخانىزمى ھەرقاچان ھۆكۈمەتنىڭ قول تىقىشىدىن خالاس بولالمىغان.»

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەسى مەيلى كۆلەم ياكى سان جەھەتتە بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، تېخنىكىلىق تەلىپى يۇقىرى بولمىغان، شۇنىڭدەك خىتاي ئىشچىلىرى ئىشلەشنى ئەڭ خالىمايدىغان جاپالىق ئەمگەك تۈرلىرى بۇنىڭدىكى مۇھىم ساھەلەردىن بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.