ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرى تېخىمۇ ئېنىقسىزلاشقان

0:00 / 0:00

غەرب ئەللىرىنىڭ دىققىتى خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىدىن تازىلاشقا قارىتىلغان شۇنداقلا دۇنيا كۈنتاختا سانائىتى خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە كىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان باغلىنىشىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن قويۇق ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلىنىشلىق ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تېخىمۇ ئېنىقسىزلاشقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئەنگلىيەدىكى شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېننا كېنىدىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى يېڭى دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقارغان پولىسىلىكون ۋە ئۇنىڭ كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلىتىلىشى 2022-يىلى بەلگىلىك مىقداردىن ئازايغان، ئەمما خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پولىسىلىكون ئىشلەپچىقىرىشى ئۆتكەن يىلى جىددىي مىقداردا كۆپەيگەن.

خىتاينىڭ 2020-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقارغان پولىسىلىكون ۋە ئۇنىڭ كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىلىشى 45 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن. لېكىن شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا، بۇنىڭ 2022-يىلى 35 پىرسەنتكە چۈشكەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەلقئارا كۈنتاختا بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 25 تىن 11 پىرسەنتكە تۆۋەنلىگەنلىكى، ئەمما خىتاينىڭ ئىچكى قىسىمدىكى پولىسىلىكون ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 2022-يىلى 50 پىرسەنتكە يېتىپ، 2020-يىلىدىكىدىن 20 پىرسەنت ئارتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكانىڭ 2022-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلىشى، شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلىنىشىدىن بېرى، يەر شارى كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ خىتايغا تايىنىش ئازىيىشقا باشلىغانىدى.

لېكىن شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى دوكلاتىدا، يەر شارى كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يەنىلا داۋاملىق ئۇيغۇر رايونىغا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسىدىن شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلېننا كىنىدىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى، پىروفېسسور لاۋرا مۇرفېينىڭ 8-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، ئۇلار رايوننىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق پولىسىلىكون ياكى مېتاللورگىيە دەرىجىلىك پولىسىلىكون مەھسۇلاتلىرىغا دائىر تۇنجى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان 2 يىلدىن بېرى نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولغان.

لاۋرا مۇرفىي خانىم مۇنداق دېدى: «بىز بۇ دوكلاتىمىزدا ئۇيغۇر رايوننىڭ پولىسىلىكون ۋە مېتاللورگىيە دەرىجىلىك پولىسىلىكون ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە دائىر تۇنجى دوكلاتىمىزنى ئېلان قىلغان ئىككى يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتىنى تەكشۈردۇق. بىز بۇ نۆۋەتتىكى دوكلاتىمىزدا ئىككى يىل مابەينىدە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنىڭمۇ بولغانلىقىنى بايقىدۇق. نۇرغۇن شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پولىسىلىكون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنى توختاتقان. شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن مەھسۇلاتلارغا يەنىلا ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پولىسىلىكونلارنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا پولىسىلىكون مەھسۇلاتلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى يوشۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ، شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پولىسىلىكونلارنى داۋاملىق ئىشلىتىۋاتقانلىقى، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىۋاتقان بولۇشىغا قارىتا قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلماقتا».

لاۋرا مۇرفېينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پولىسىلىكوننىڭ يەر شارى پولىسىلىكون بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئازايغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ رۇدا ئىشلەپچىقىرىشى كۆپەيگەن. بۇ كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تايىنىشتىن ساقلىنىشىغا داۋاملىق ىەپۋ پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

لاۋرا مۇرفېي: «نۆۋەتتە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەر شارى پولىسىلىكون ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئازايدى. لېكىن پولىسىلىكون رۇدىسىنى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۆپەيدى. ھازىر خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا پولىسىلىكون ئىشلەپچىقىرىلغاچقا ئۇيغۇر رايونىنىڭ پولىسىلىكون ئىشلەپچىقىرىشى يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىدە نىسبەتەن ئازايغاندەك كۆرۈنمەكتە. ئەمەلىيەتتە، ھازىر ئۇيغۇر رايونى بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋالقىدىن تېخىمۇ كۆپ پولىسىلىكون ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ ئەھۋال كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پولىسىلىكون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشىغا جىددىي خەۋپ پەيدا قىلماقتا» دېدى.

دوكلاتتا تەتقىقاتچىلار دۇنيا كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى 16 چوڭ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۈنتاختا تەمىنلەش زەنجىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئانالىز قىلىپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىققان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي «لوڭجى يېشىل ئېنېرگىيە ېىنىكا چەكلىك شىركىتى» نىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا تارمىقى، ماكسېئون كۈنتاختا تېخنولوگىيە شىركىتى، جەنۇبىي كورېيەنى مەركەز قىلغان QCells شىركىتى، خىتاينىڭ تيەنخې قۇياش ئېنېرگىيە ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى، خىتاينىڭ سىنگاپورنى مەركەز قىلغان يېشىل ئېنېرگىيە شىركىتى (REC Group) ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى «ئىنتايىن يۇقىرى» كارخانىلار ئىكەن.

گېرمانىيەدىكى «برېنرۈتېر تەتقىقات مەركىزى» دۇنيا پولىسىلىكون بازىرى ۋە پولىسىلىكون ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇتەخەسسىسلەشكەن ئورۇنلارنىڭ بىرى. «برېنرۈتېر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ قۇرغۇچى دىرېكتورى جوناتان برېنرۈتېر (Jonathan Brenrueter) نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پولىسىلىكون مەھسۇلاتىنىڭ دۇنيا بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ ئازىيىشىغا بۇ ساھەدىكى بەزى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئۇيغۇر رايونىدىن باشقا جايلارغا كېڭەيتىشى سەۋەب بولماقتىكەن.

جوناتان برېنرۈتېر 8-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭغا شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى بەزى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى جايلارغا كۆرۈنەرلىك رەۋىشتە كېڭەيتىشى ئاساسلىق سەۋەب بولدى. بولۇپمۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پولىسىلىكون شىركىتى بولغان توڭۋېي، شۇنداقلا داكۇ، شىنتې قاتارلىق شىركەتلەر موڭغۇلىيەدە زاۋۇت قۇردى. بۇ، شىنجاڭنىڭ دۇنيا پولىسىلىكون بازىرىدا تۇتقان نىسبىتىنىڭ ئازىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر. بۇنىڭدىن باشقا كونكرېت نۇقتىدىن ئېيتقاندا ‹شەرق ئۈمىدى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى› نىڭ شىنجاڭدىكى زاۋۇتىنىڭ ئۆتكەن يىلى يازدا بىر قانچە ئاي تاقىلىپ قېلىشىمۇ بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ» .

لېكىن برېنرۈتېرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى بارلىق پولىسىلىكون ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مېتاللورگىيە دەرىجىلىك پولىسىلىكون ئىشلەپچىقىرىشىغا باغلىنىشلىق ئىكەن. جوناتان برېنرۈتېر: «مەن شۇنى ئېيتالايمەن، خىتايدىكى بارلىق پولىسىلىكون ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنىڭ ئاساسەن ھەممىسى مېتاللورگىيە دەرىجىلىك پولىسىلىكوندا شىنجاڭغا تايىنىدۇ. چۈنكى، شىنجاڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ پولسىلىكون مېتالى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي دۇنيا كۈنتاختا بازىرىنى مونوپول قىلىشتا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەرزان باھالىق كۆمۈر ئېلېكتىرلىرى ۋە ئەرزان باھالىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىغا تايانماقتىكەن.

جوناتان برېنرۈتېر يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، چۈنكى خىتاي دۇنيا كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىش رىقابىتىدە باشقىلارنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسەن شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل ۋە نىڭشيا ئاپتونوم رايونلىرىنىڭ پولىسىلىكون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا زۆرۈر بولغان ئەرزان باھالىق كۆمۈر ئېلېكتىر توكىنى قوللاندى. شۇنداقلا يەنە خىتاي كۈنتاختا سانائىتىنى ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق يوشۇرۇن قوشۇمچە ياردەملەر بىلەن تەمىنلىدى. مانا بۇلار خىتاي كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەرزان باھادا ئىشلەپچىقىرىلىپ، باشقىلارنى ئۇلار بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى» .

ئەمگەك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ دوكلاتتىن ئەگەر خەلقئارالىق شىركەتلەر ئۇيغۇر رايونىدىن قول ئۈزىمەن، دېسە، بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارلىقى مەلۇم بولغان. ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ۋاشىنگتوندىكى «ئەمگەك ھوقۇقى بىرلەشمىسى» مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچى خادىمى جەۋھەر ئىلھام 8-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

جەۋھەر ئىلھام مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات ناھايىتى ياخشى بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. چۈنكى، بۇ دوكلات شۇنى كۆرسەتتىكى، ئوخشىمىغان شىركەتلەر، مەيلى ئۇ كۈنتاختا شىركىتى بولسۇن ياكى باشقا كارخانىلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن قول ئۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى. چۈنكى، بىز پولىسىلىكون مىقدارىنىڭ 2020-يىلدىن بېرى 10 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئازايغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ شىركەتلەر باشقا خام ئەشيا مەنبەلىرىگە يۈزلەنگەن. بۇ، كۈنتاختا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن چېكىنىپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ» .

لېكىن جەۋھەر ئىلھام يەنە بەزى شىركەتلەرنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» دىن ئاتلاپ ئۆتۈش ئۈچۈن كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكاغا باشقا دۆلەتلەر ئارقىلىق «شاخلاندۇرۇپ» ئىمپورت قىلىۋاتقانلىقىمۇ ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شۇڭا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارشى خەلقئارالىق ئورتاق ئۆلچەم شەكىللەندۈرۈش مۇھىم ئىكەن.

ئۇ: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئامېرىكا تەرىپىدىن چەكلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنىلا خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان بىر مەسىلە. بۇنى ئامېرىكانىڭ چەكلىشى باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. مانا بۇ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى باشقا دۆلەتلەر ئارقىلىق ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىشىغا تۈرتكە بولماقتا. شۇڭا، بارلىق شىركەتلەر ھۆكۈمەتلەر بۇنىڭغا قارىتا ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى، ئورتاق ئۆلچەم بېكىتىشنى ئويلىشىشى كېرەك» دېدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇن شىركەتلەر ئۇيغۇر ئېلىدىن پولىسىلىكون سېتىۋالمىغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاشكارا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىدىن، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدىنمۇ يېتەرلىك پولىسىلىكون مەھسۇلاتى سېتىۋالمىغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ ھادىسە تەتقىقاتچىلاردا يۇقىرىقى شىركەتلەر بەلكىم مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنى يوشۇرۇن تۇتۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن گۇماننى پەيدا قىلغان.

ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر يەر شارى ھاۋا كىلىماتى ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىشقا ئالدىرىسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ دۇنيا قۇياش ئېنېرگىيە بازىرىدىكى ھۆكۈمرانلىقى بۇ دۆلەتلەرگە خىرىس قىلماقتا. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دۇنيا قۇياش ئېنېرگىيەسى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاز دېگەندە 80پىرسەنتىنى كونترول قىلىدىكەن.