كېڭىيىۋاتقان قاماقخانىلار ۋە ئايىغى چىقماس تۇتقۇنلار سېپى (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-01-07
Share
كېڭىيىۋاتقان قاماقخانىلار ۋە ئايىغى چىقماس تۇتقۇنلار سېپى (1) ئەتراپى سىم تور ۋە قوراللىق ئەسكەرلەر بىلەن قورشالغان «تەربىيەلەش لاگېرى».
Social Media

ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 2020-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر قاماق جازالىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئىشلەنگەن خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بىر قىسىم كىشىلەر بايقىغان بىر ئالاھىدە ھادىسە بۇ ھالنى كىشىلەرنىڭ «نۆۋەتتىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ يېڭى تەرەققىياتى» دەپ چۈشىنىش ھەمدە ئۇھسىنىش بىلەن توختاپ قېلىش ھادىسىسى بولدى. ھالبۇكى، ئاشۇ نەچچە ئون يىللاپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى دەرۋەقە مەلۇم ۋاقىت قاماقخانىدا تۇرغاندىن كېيىن ئون-يىگىرمە يىلغا سوزۇلغان ھۆكۈم ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلارنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىغان پولاتتەك ئىسپاتلار بۇ كىشىلەرنىڭ زور قىسمىنىڭ ئەمەلىيەتتە قانۇنىي باسقۇچلاردىن ئۆتمەيلا قاماققا يوللىنىپ تۈرمىلەرنى تولدۇرۇۋاتقانلىقىنى نامايان قىلماقتا. ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ گۇۋاھلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان جىن بۇنىن ئەپەندى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ يېزىشقا باشلىغان «ش ئۇ ئا ر ھەققىدىكى تىل قىسىلچىلىقى» سەرلەۋھىلىك چاتما ماقالىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا دەل مۇشۇ مەسىلىلەر جانلىق پاكىتلار بىلەن بايان قىلىندى.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر ۋە تۈرمىلەرنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈمەت تەرەپكە مەنسۇپ رەسمىي ھۆججەتلەر 2019-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئاشكارا بولغان بولۇپ، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» ۋە «دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىئو» (NPR) دا رەسمىي يورۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، زور دىققەت قوزغىغان. بولۇپمۇ بۇ ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولغان ئۇچۇرلاردا 2017-يىلى ۋە 2018-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 230 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئون يىل بىلەن يىگىرمە يىل ئارىلىقىدىكى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ساننىڭ ئەمەلىيەتتە 350 مىڭ كىشىگە يەتكەنلىكى مەلۇم بولغان. ھالبۇكى، تەقدىرى لاگېرلاردا، قاماقخانىلاردا ياكى تۈرمىلەردە ئاياغلاشقان كىشىلەرنىڭ سانى «مىليون» دېگەن بىرلىكتە تەخمىن قىلىنىۋاتقاندا ئاشۇ غايىب بولغان ئىنسانلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ سانى كۈتكەندىن كۆپ يىراق بولۇپ كەلگەن.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا جىن بۇنىن ئەپەندى بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ: «سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىدا بەك كۆپ ئۇچۇرلار بار. ئەمما ئۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلار ئاشۇ لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنىڭ خاتىرىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ شەخسلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 2017-يىلىدىن بۇيانقى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئەڭ قاتتىق ئۇچرىغان كىشىلەردۇر. شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ ئارخىپىنى بىر-بىرلەپ تۇرغۇزۇپ چىقتۇق ھەمدە كىشىلەر ئۇلارنى ئاسانلا تاپالايدىغان بىر شەكىلگە ئېلىپ كەلدۇق. بۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى لاگېردا، يەنە بەزىلىرى قاماقتا، يەنە زور بىر قىسمى تۈرمىلەردە بولسا ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئىگە-چاقىسىز قېلىۋاتقانلىقىنىمۇ يورۇتۇپ بەردۇق. بۇلارنىڭ بىر قىسمى چەت ئەللەردىكى تۇغقانلىرى ياكى تونۇشلىرى گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن مەلۇم بولغان كىشىلەر بولۇپ، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنغانلىقتىن چەت ئەلدىكى تۇغقانلىرى ئۇلار بىلەن جەم بولۇشقا ئىلاجسىز قالغانلاردۇر. يەنە بەزىلەر بولسا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قۇربانلىرى بولۇپ كەتكەن كىشىلەر. بۇ جەھەتتىكى بەزى ئەھۋاللارنى تېخىمۇ ئەينەن تەسۋىرلەش ئۈچۈن بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى تارقاتقان ھۆججەتلەر ۋە ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، بىر يەرگە جەم قىلدۇق. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان ھەقىقىي كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىمۇ توپلاندى. ئەمما 2018-يىللىرى بىز بۇ ئىشنى باشلىغاندا خېلى جىق كىشىلەر يەنىلا قورقۇنچ ئىچىدە بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئۆزلىرىنى تارتىپ كەلگەن ‍ئىدى. بۇ ھال ھېلىمۇ يەنىلا مەۋجۇت بولۇۋاتىدۇ. نېمىشقا دېگەندە تۇتۇلۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ سانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىرغا قەدەر گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنىڭ سانى بەكلا ئاز بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىشنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ تېخىمۇ كۆپ شەخسلەرنى بۇ ئىشقا ھەسسە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىدۇق.»

ئەمما مەلۇم بولغان تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئاساسىدا 2018-يىلىنىڭ ئۆزىدە لاگېر ۋە باشقا قاماق ئورۇنلىرىنىڭ ھېچقاچان كېڭىيىشتىن توختاپ قالمىغانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىغان. «شاھىت بىز» تورىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇر دىيارىدا 2018- ۋە 2019-يىلى ئون يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەر سانىنىڭ ئىزچىل ئېشىپ ماڭغانلىقىنى، مۇشۇ سانلار ئاساسىدا تەخمىن قىلغاندا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 300 مىڭ كىشىنىڭ ھازىر تۈرمىلەرگە يوللىنىپ بولغانلىقىنى مۆلچەرلەش مۇمكىن ئىكەن. يەنە كېلىپ بۇ خىلدىكى قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەرلەر بولۇپ، بۇنىڭ غايەت زور بىر قىسمى «نامراتلىقنى تۈگىتىش» نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە يوللانماقتا ئىكەن. شۇڭا ھازىر نۆۋەتتىكى رېئاللىقنى «رايون تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ ئوندىن بىرى قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ بولدى» دەپ تەسۋىرلەش ھېچقانچە مۇبالىغە بولمايدىكەن. ئەنە شۇ خىل رېئاللىق، بولۇپمۇ قاماققا كېتىۋاتقانلار سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بولسا يېقىندىن بۇيان بۇ ھەقتىكى ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنى ئوتتۇرىغا تاشلاشقا جۈرئەت قىلالماي يۈرگەنلەرنى ئېغىز ئېچىشقا ئۈندىگەن.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىككى يىل ئىلگىرى بۇ ئىشلارنى يېڭى باشلىغاندا بۇنىڭغا قىزىققانلا ئانچە كۆپ بولمىغان ئىدى. گەرچە بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ھەقتە ئاكتىپ رول ئوينىغان بولسىمۇ يەنىلا قورقۇنچ ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلار كۆپ ئىدى. ئەمما ھازىر قارايدىغان بولساق بۇ ھەقتە ناھايىتى كۆپ سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئۇچۇرلار توپلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. ئەمما ھازىر كۆپ قىسىم ئىشلارنى يەنىلا تور ئارقىلىق قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز، ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە گۇۋاھلىق ئېلىشمۇ شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، قەشقەر ۋىلايىتىگە ئائىت ماتېرىياللارنى ئېلىپ ئېيتساق دوكتور ئادريان زېنز بۇ ھەقتە ناھايىتى كۆپ ئۇچۇرلارنى توپلىدى. بۇ ماتېرىياللارنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان تۈرلۈك ئۇقتۇرۇشلاردىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھۆكۈمەتنىڭ ‹نامراتلىقنى تۈگىتىش› نامىدا ئۇيغۇرلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بولسا ئەمەلىيەتتە كىملىكىگە چېكىت ئۇرۇلغان كىشىلەر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. شۇڭا مۇشۇ خىلدىكى رەسمىي ھۆججەتلەر، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن توپلانغان ئىسپاتلار ھەمدە كىشىلەر ئىختىيارلىق بىلەن تەييارلىغان گۇۋاھلىق بايانلىرى بۇ ھەقتىكى دەلىل ئىسپاتلارنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋاتىدۇ.»

ھالبۇكى، غايىب بولۇۋاتقانلارنىڭ سان جەھەتتە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى گۇۋاھلىق بېرىشكە ئوتتۇرىغا چىققان كىشىلەر سانىنىڭ ئاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس ئىكەن. ئەكسىچە رېئاللىق لاگېرلار ۋە باشقا قاماق ئورۇنلىرى يۇتۇپ كەتكەن كىشىلەر سانىنىڭ تېزدىن ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقاندا، 2019-يىلىنىڭ باشلىرى لاگېرلارنىڭ تاقىلىش ئېھتىمالى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەر ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «تەربىيىلەش» تىن چىقىشقا باشلىغانلىقى سەۋەب بولغان. ئەمما بۇ خىل «ئازادلىق» قا ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ سانى تېخىچە قاماق ئورۇنلىرىدا يېتىۋاتقانلارنىڭ قانچە پىرسەنتى ئىكەنلىكىنى دەڭسەپ كۆرۈش بولسا كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ يادىغا كەلمىگەن.

جىن بۇنىن بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا بۇنى بىر تۈرلۈك بىپەرۋالىق، دەپ كۆرسىتىدۇ: «گۇۋاھلىققا چىققان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن بىز نۆۋەتتىكى پۈتكۈل لاگېر ۋە قاماق سىستېمىسىنىڭ قانداق كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بەكمۇ ئوچۇق كۆرمەكتىمىز. مەسىلەن، قارايدىغان بولساق 2018-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ بىر قىسىم كىشىلەر ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دىن قويۇپ بېرىلىشكە باشلىغان ئىدى. بۇ ئەينى ۋاقىتتا بەكلا غەلىتە ئىش بولۇپ قالغانىدى. چۈنكى 2017-يىلىنىڭ ئۆزىدە شۇنچە كۆپ كىشىلەر تۇتۇلغان تۇرۇقلۇق ئارىدىن بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا بىر قىسىم كىشىلەر چىقىشقا باشلىدى. چەتئەللەردىكى بىر قىسىم كىشىلەر شىنجاڭدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ راستلا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلىدى. بۇنىڭ بىلەن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 2019-يىلىنىڭ باشلىرى بەكمۇ چاتاق بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. چۈنكى بىرنەچچە يىلدىن بېرى كىشىلەرگە مەلۇم بولۇشقا باشلىغان لاگېر سىستېمىسىغا نىسبەتەن بۇ ‹لاگېرلار تاقىلىدىغان ئوخشايدۇ› دېگەندەك بىر ئۇچۇرنى يوللىغانلىققا باراۋەر ئىدى. ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر راستىنلا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈرمىلەر ۋە قاماقخانىلاردىن چىقالمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ سانى ھېچقانچە ئەمەس ئىدى. چۈنكى شۇ ۋاقىتلاردىلا ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلارنىڭ سانى بىرنەچچە مىليونغا بارىدۇ› دېگەن ئۇچۇرلار دۇنياغا ئاشكارا بولۇپ بولغان ئىدى. ئەمما كېيىن قارايدىغان بولساق لاگېردىن قويۇپ بېرىلدى، دېگەن بۇ كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە يوللانغانلىقىنى كۆردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى راستىنلا ‹جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلگەن› بولسىمۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئەمەس، بەلكى ‹ئورۇنلاشتۇرۇش› پىرىنسىپى بويىچە قاراۋۇللۇق دېگەندەك خىزمەتلەرگە قويۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.»

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت