ئاتۇشلۇق بىر مۇھاجىرنىڭ رادىيومىزغا يوللىغان ئەڭ يېقىنقى بىر ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، ئاتۇشتا پوچتىخانا ساھەسىدىن پېنسىيەگە چىققان غىياسىدىن ئىسىملىك بىر كىشى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى دىنىي ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن لاگېرغا ئەكېتىلگەن ۋە ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ، ئۆتكەن ئايدا جان ئۈزگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى دەلىللىنىش بىلەن بىرلىكتە مەرھۇمنىڭ فامىلىسىنىڭ ئابلا ئىكەنلىكى ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغاندا يېشىنىڭ 69 ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ئاڭلىغۇچىلىرىمىز 2017 ۋە 2018-يىللىرى تۇتقۇنلار ۋە غايىبلار ھەققىدە كۆپلەپ ئىنكاس يوللىغان بولسا، 2020- ۋە 2021-يىللىرى لاگېردىن چىققان جەسەتلەر ۋە ئېغىر كېسەللەر ھەققىدە ئىنكاسلار يوللىماقتا. ئاتۇشلۇق بىر مۇھاجىرنىڭ ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن غىياىسىدىن دېگەن كىشى، ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن. قاتنىشىۋاتقان بىر جامائەت سورۇنىدىن تۇتۇپ ئەكېتىلىپ، ماڭالمىغۇدەك ھالەتتە ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان بۇ كىشى، ئائىلىسىدە بىر ئايچە كۈتۈنگەندىن كېيىن، ھاياتىدىن ئايرىلغان. دېيىلىشىچە، مەرھۇم پوچتىخانا ساھەسىدىن پېنسىيەگە چىققان بولۇپ، ئاتۇشنىڭ سۈنتاغ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەن.
بىز بۇ ئۆلۈم ئۇچۇرىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئاتۇشتىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق.
ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، مەرھۇم تۇتۇلۇشتىن ئىلگىرى سالامەتلىكىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق بولۇپ، ئۇ 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۈننەت توي مۇراسىمىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دائىرىلەرنىڭ سۈننەت توي مۇراسىمىنى چەكلىگەن، توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراغلارغا بەلگىلەنگەن ساندىن ئارتۇق كىشى كەلمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان مەزگىللىرى بولۇپ، غىياىسدىن شۇ چەكلەنگەن ساندىن ئارتۇق كىشىلەر قاتارىدا تۇتۇپ كېتىلگەن. دەسلەپتە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى دادىسىنىڭ بىر قانچە كۈن تەكشۈرۈش ياكى «تەربىيە» دىن كېيىن قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان؛ ئەمما ئۇلار دادىسى ھەققىدە 3 ئايغىچە ئۇچۇر كەلمىگەندىن كېيىن، ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا باشلىغان ۋە لاگېردا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.
بىز مەرھۇمنىڭ قايسى لاگېردا تۇرغانلىقى ۋە قانداق سەۋەب بىلەن سالامەتلىكىدە ئاجىزلىشىش بولغانلىقى ھەققىدە ئالاقىدار ساقچى خادىملىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق. خادىملاردىن بەزىلىرى بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈرسە، بەزىلىرى مەلۇمات بېرىشنىڭ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئىنكاستا ئەسكەرتىلىشىچە، مەرھۇم ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ قولۇم-قوشنىلىرىغا بىلدۈرۈلمەسلىكى ۋە كۆز يۇمغان تەقدىردە، ئۆلۈم مۇراسىمىغا 15 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتۇرۇلماسلىقى بۇيرۇلغان. مەرھۇم ئۆيىگە قايتۇرۇلۇپ 3 ئايدىن كېيىن يەنى ئۆتكەن ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى ئۆيىدە جان ئۈزگەن. ئۇنىڭ لاگېردا يۇقتۇرغان مەلۇم بىر كېسەل ۋە ياكى-ياشىنىشتىن كېلىپ چىققان ئاجىزلىشىشتىن جان ئۈزگەنلىكى ئەل-جامائەتكە مەلۇم بولمىغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتۇش سۈنتاغدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى، مەرھۇم ھەققىدىكى يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ يەنە مەرھۇمنىڭ فامىلىسى ئابلا ئىكەنلىكى ۋە تۇتۇلۇشىغا ساقال قويغانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بۇ ئۆلۈم ئۇچۇرى بىر كەنت ئاياللار مۇدىرى تەرىپىدىنمۇ دەلىللەندى.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئاتۇشتا 65 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ ساقال قويۇشى ۋە مەسچىتكە كىرىشىگە يول قويۇلىدىغانلىقى، ئەمما دۆلەتتىن مائاش ئېلىۋاتقانلارنىڭ قانچە ياشقا كىرىشىدىن قەتئىينەزەر ساقال قويۇشى ۋە ناماز ئوقۇشىغا رۇخسەت يوقلۇقى مەلۇم بولغانىدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا، پوچتىخانا پېنسىيونېرى، 69 ياشلىق غىياىسدىن ئابلانىڭ لاگېردىن چىقىپ 3 ئايدىن كېيىن جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.