ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئاتۇشلۇق مۇھاجىرلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ يۇرتىدىكى مەھەللەداشلىرىدىن-كارخانىچى قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ لاگېردىن چىقىپ 3 كۈندىن كېيىن جان ئۈزگەنلىگى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. دېيىلىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى 100 كىلودىن ئارتۇق بولغان قۇربانجان ئابدۇكېرىم 2018-يىلىنىڭ بېشىدا لاگېرغا ئەكىتىلگەن ۋە ئۆتكەن ھەپتىنىڭ بېشىدا بەدەن ئېغىرلىقى 53 كىلوگرامغا چۈشۈپ قالغان ھالەتتە قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ ئائىلىسىگە قايتىپ 3 كۈندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا يەرلىك دائىرىلەر قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ ئالىسىدە نەزىر ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
نۆۋەتتە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىرلاردىن زىبىبۇللانىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇنىڭ يۇرتى ئاتۇشتىكى قوشنىسى قۇربانجان ئابدۇكېرىم ئۆتكەن ھەپتە لاگېردىن چىقىپ 3 كۈندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. دېيىلىشىچە، بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن قۇربانجان ئابدۇكېرىم تونۇلغان تىجارەتچى ۋە كارخانىچى بولۇپ، ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزا بۆگەن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىكەن. ئۇ 2018-يىلى بەدەن ئېغىرلىق 100 كىلوگرامدىن ئارتۇق مەزگىلىدە لاگېرغا ئەكىتىلگەن ۋە ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەندە، يەنى ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى بەدەن ئېغىرلىقى 53 كىلوگرام ھالەتتە لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن. بىز بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن قۇربانجان نوپۇسلۇق بولغان ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزىسىدىكى ئالاقىدار خادىملارغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ئازاق يېزىسىنىڭ بۆگەن كەنتىدە تۆنۈگۈن نەزىر ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر مەزكۇر ئائىلىگە قاتناشقۇچىلار سانىنىڭ 20 دىن ئېشىپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن نەزىر ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت بەرگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بۆگەن كەنت ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ خادىملىرى، قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ بۇنىڭدىن 5-6 كۈن بۇرۇن تۈگەپ كەتكەنلىكى ۋە شۇ كۈنلەردە ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا يەرلىككە قويۇلغانلىقىنى دەلىللىدى.
مۇھاجىر زىبىبۇللا ئەپەندىنىڭ يەنە تونۇشتۇرىشىچە، ئىككى قېرىندىشى بىلەن بىرلىكتە ئاتۇش بىلەن بېشكەك ئارىسىدا رەخت تىجارىىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قۇربانجان ئابدۇكېرىم ئىلگىرى ئاتۇشتا تۇنجى بولۇپ توقۇمىچىلىق فابرىكىسى قۇرغان ئىكەن. 4 پەرزەنتنىڭ ئاتىسى بولغان قۇربانجان ئابدۇكېرىم 2015-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە بىر قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلغان ئىكەن. پەرەز قىلىنىشىچە، ئۇ ئەنە شۇ سەۋەپتىن «دىنىي ئەسەبىيلىك» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.
ئېنىقلاشلرىمىزدىن ئەسلىدە سالامەتلىكىدە ھېچقانداق مەسىلە بولمىغان قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆلگەنلىكى ئايدىڭلاشمىدى، ئەمما ئۇنىڭ لاگېرغا كىرىش ۋە چىقىش ئارىسىدىكى بەدەن ئېغىرلىق پەرقى ئۇنىڭ لاگېردا ئوزۇق يېتىشمەسلىك ياكى يۇقتۇرىۋالغان مەلۇم بىر كېسەللىك سەۋەبىدىن ئېغىر دەرىجىدە ماغدۇرسىزلانغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە جان ئۈزگەنلىك ئېھتىماللىقى مەلۇم بولماقتا.