قەشقەر سۇ ئىدارىسىنىڭ كادىرى تۇرغۇن ئاسىم مەسچىت چېقىشتا ئاكتىپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا ئەكېتىلگەن
2019.03.26
بىز ئۆتكەن ھەپتىلەردە قەشقەر سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى خىزمەتچىلىرىنىڭ 15 پىرسەنتىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. شۇندىن كېيىن ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، مەزكۇر ئىدارىنىڭ رەھبەرلىك ھەيئەتلىرىدىن بىرى، تېخنىك مۇدىر تۇرغۇن ئاسىمنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ مەسچىت چېقىشتا ئاكتىپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، جازالىنىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا قەشقەردىكى ئالاقىدار خادىملار مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.
قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، قەشقەر سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى تېخنىك مۇدىرى تۇرغۇن ئاسىمنىڭ 2016-يىلدىكى مەسچىت چېقىش دولقۇنىدا ئاكتىپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، جازالىنىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
ئۆتكەن ھەپتىلەردىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قەشقەر سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدىن 6 خىزمەتچىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى، بۇ 6 كىشىدىن بىرىنىڭ مەزكۇر ئىدارىنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتى، تېخنىك مۇدىر تۇرغۇن ئاسىم ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، تۇرغۇن ئاسىم شۇ يىلى قەشقەر بەشكېرەمنىڭ 10-كەنتىگە مەسچىت باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى خادىملىرى قاتارىدا خىزمەتكە چۈشكەن. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر 10-كەنتتىكى مەركىزى مەسچىتىنى چېقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەندە تۇرغۇن ئاسىم مەسچىتنى چېقىشتىن ئاۋۋال مەسچىتنىڭ چېقىلىشى ھەققىدە ئاھالىلەرنى، بولۇپمۇ يۇرت چوڭلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈۋېىتىش ۋە زۆرۈر تېپىلسا مەسچىتنى چېقىشنى بىر كۈن كېچىكتۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. ئەينى چاغدا ئۇ بۇ تەكلىپنى مەسچىت چېقىش داۋامىدا ئاممىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىماسلىق، ئۇشتۇمتۇت ۋەقە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ھۆكۈمەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە بۇ تەكلىپ ئۇنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىشىگە سەۋەب بولغان.
قەشقەردىكى سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر خادىم تۇرغۇن ئاسىمنىڭ 2016-يىلى 10-ئايدا قەشقەر بەشكېرەمدە مەسچىت باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىدا ۋەزىپە ئالغانلىقى ۋە شۇ چاغدىكى خىزمەت پوزىتسىيەسى سەۋەبلىك جازالانغانلىقىنى دەلىللىدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاسىدا دېيىلىشىچە، تۇرغۇن ئاسىمنىڭ ۋەقە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى تەكلىپى ئەينى چاغدا خىزمەتتە سۆرەلمىلىك قىلىش، ئاكتىپ ۋە كەسكىن بولماسلىق دەپ قارىلىپ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ۋە مەزكۇر مەسچىتنىڭ چېقىلىشىمۇ شۇ كۈنىلا ئىجرا بولغان. يەنە مەزكۇر ئىنكاستا دېيىلىشىچە، تۇرغۇن ئاسىم ئەينى چاغدا بۇ تەنقىدكە سۈكۈت قىلىپ، ئارتۇقچە ئۆزىنى چۈشەندۈرۈش ياكى ئاقلاش پوزىتسىيەسىدە بولمىغان. بۇ تەكلىپ 2018-يىلىغا كەلگەندە مەسچىت چېقىشقا قارىتا نارازىلىق پىكرى توپلاشقا ۋە ۋەقە چىقىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشكە ئۇرۇنۇش دەپ قارالغان. تۇرغۇن ئاسىم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتىدە ئەڭ سەزگۈر مەيداندا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئالاقىدار خادىم گەرچە تۇرغۇن ئاسىمنىڭ كونكرېت ئىنتىزام ياكى قانۇنغا خىلاپ قانداق بىر سۆز-ھەرىكەتتە بولغانلىقىنى دەپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خىزمەتتە پاسسىپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى يوشۇرمىدى.
ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن تۇرغۇن ئاسىمنىڭ مەزكۇر تەكلىپنى ئىنكاس يەتكۈزگۈچى دېگەندىكىدەك ۋەقە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە ياكى مىللىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى قوغداش ۋە ياكى مەھەللە جامائىتىنىڭ قەلبىنى رەنجىتمەسلىكىنى ئويلىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئەمما مەلۇم بولغىنى خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلى «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا ئېلىپ بارغان مەسچىت چېقىش دولقۇنىنىڭ يالغۇز مەسچىتلەرنىڭ يىقىلىشىغىلا ئەمەس، يەنە بىر قاتار كىشىلەرنىڭ جازالىنىشىغىمۇ سەۋەب بولغانلىقىدۇر.
خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى ئۆتكەن ئايدا ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيت ھەققىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا ئۇيغۇر رايونىدا 24 مىڭ مەسچىت بارلىقى، مەسچىتلەر سانىنىڭ نوپۇسقا نىسبەتەن ئېيتقاندا تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتتىنمۇ كۆپلۈكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما بۇ مەسچىتلەرنىڭ يەرلىك خەير-ساخاۋەتچىلەرنىڭ ھىممىتى بىلەن سېلىنغانلىقى ۋە مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ 2016-يىلى «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا چېقىۋېتىلگەنلىكىنى شۇنداقلا بۇ جەرياندا بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ جازالانغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى. ئەينى چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا مەسچىت چېقىشنىڭ يالغۇز قەشقەر توققۇزاقتىلا ئەمەس، بەلكى يەنە يېڭىسار، قاغىلىق ۋە خوتەننىڭ بىر قىسىم ناھىيەلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.