كورلاغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، كورلانىڭ تېكىچى يېزىسىدىمۇ لاگېردىن بىرسى بارلىقى، لاگېرغا ئادەم تۇتۇشنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى. مەلۇم بولۇشىچە، كورلا قارايۇلغۇندىكى راخمان ھۈسەن 2018-يىلى تۇتۇلۇپ، 2020-يىلى قويۇپ بېرىلگەن؛ ئۇ ياتقان لاگېرغا 2021-يىلى ئوغلى پەيزۇللا راخمان ئەكىتىلىپ، تا ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن.
تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، كورلادىكى بىر ساقچى خادىمى كورلانىڭ تېكىچى يېزىسىدا لاگېردىن بىرسى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىلگرى بىر يېزا بولغان تېكىچى، يېقىنقى يىللاردا شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن شەھەرنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغان. مەزكۇر لاگېر شەھەر ئىچىدىكى تېكىچى تەۋەلىكىدىكى كونابازار دەپ ئاتلىدىغان ئورۇنغا جايلاشقان.
ئالدىنقى يىلى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بايىنغولىن ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر خادىمى، چەرچەندا لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ كورلا تەۋەلىكىدىكى بىر تۈرمىگە يۆتكەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپى» نىڭ يېتەكچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، دائىرىلەر زور بىر تۈركۈم لاگېرلارنى تاقاپ ۋە ياكى ۋىۋىسكىسىنى يەڭگۈشلەپ تۈرمىگە ئايلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلاردىن تېخىچە ۋاز كەچمىگەن. بولۇپمۇ ئۈستىدىن تېخى ھۆكۈم چىقمىغان تۇتقۇنلار ۋە ياكى سوراق نۆۋىتى كەلمىگەنلەر لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغان.
كورلادىكى بىر ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ خادىمى، ئۆز تەۋەلىكىدىكى سابىق تۇتقۇنلاردىن ئايشەم باۋۇدۇننىڭ ئىككى يىل ئاۋۋال لاگېردىن چىققانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ 27 ياشلىق ئوغلى بۇرھان خىزىرنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. كورلا قارايۇلغۇن ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى، ئۆز تەۋەلىكىدىن لاگېردا ئىككى يىل يېتىپ چىققان راخمان ھۈسەننىڭ ئوغلى 25 ياشلىق پەيزۇللا راخماننىڭ 2021-يىلى 6-ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كىتىلىپ تا ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
بىز لاگېرلارنىڭ ئالىقاچان تاقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، ئەمما ئۇرغان تېلېفونىمىز ئۇلانمىدى.
بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىك پەللىگە چىققان ۋە بۇ خەلقئارادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇلغان، شۇنداقلا خىتايغا قارىتا بىر قاتار تەنقىد-ئاگاھلاندۇرۇشلار بولغان بولسىمۇ، ئەمما سودا-سانائەت جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلەر سەۋەبىدىن بۇ تەنقدىلەر يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچىنى كۆرسىتەلمىگەن.
نۆۋەتتە غەرب دۇنياىسىنىڭ خىتاي تەھدىتىنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇپ يېتىۋاتقانلىقىنى تىلغان بەختىيار ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايتىنىڭ، جۈملىدىن لاگېرلار ئارقىلىق سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.