خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» 7-ئىيۇن كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان 65-نومۇرلۇق ھۆججەتنى، يەنى «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەھەللە كومېتىتلىرىدىكى خىزمەت بەلگىلىمىسى» نى ئېلان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر «بەلگىلىمە» ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 13-قېتىملىق خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېچىلغان 33-نوۋەتلىك يىغىنىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. 12ماددىلىق بۇ «بەلگىلىمە» دە، جايلاردىكى مەھەللە كومېتىتلىرى خىزمەتلىرىنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە بولىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئاندىن مەھەللە كومېتىتلىرىنىڭ مۇدىرلىقى ۋە باشقا ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەھەللە كومېتىتلىرىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسى، مەھەللە كومېتىتلىرىدىن خەلق قۇرۇلتىيىغا يوللىنىدىغان دوكلاتلارنىڭ مەزمۇنى، مەھەللە كومىتېتلىرى خادىملىرىنى خىزمەتكە بەلگىلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىش، مەھەللە كومېتىتلىرىنىڭ مالىيە كىرىم-چىقىم مەنبەسىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە مەزمۇنلار بىرمۇ-بىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر «بەلگىلىمە» نىڭ 5-ماددىسىدا، «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەھەللە كومېتىتلىرىدىكى كونكىرېت خىزمەت بەلگىلىمىسى» 10 نۇقتا بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭدا مەھەللە كومېتىتلىرىنىڭ خىتاي مەركىزىي ھككۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» ۋە ئاساسىي قانۇنىنى تەشۋىق قىلىشتىكى يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مەھەللە كومېتىتلىرىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كونكىرېت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ئارخىپ تۇرغۇزۇش، ئاھالىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە پىكىر-قاراشلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەش، مەھەللە كومېتىتلىرىدىكى خەلق ۋەكىللىرىنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش، مەھەللە كومېتىتلار قەرەللىك ھالدا خىزمەت دوكلاتلىرىنى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا يوللاش، مەھەللە كومېتىتلىرى خەلق قۇرۇلتىيى چىقارغان قانۇن-بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىقلار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوندا نېمە ئۈچۈن «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەھەللە كومىتېتلىرىدىكى خىزمەت بەلگىلىمىسى» ناملىق بۇنداق بىر مەخسۇس «بەلگىلىمە» ماقۇللاندى؟ مەھەللە كومېتىتلىرى نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بۇ قەدەر جىددىي تۇتۇپ نازارەت قىلىدىغان ئورۇنلارغا ئايلىنىپ قالدى؟ ئاتالمىش مەھەللە كومېتىتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان «قوشماق تۇغقان» نامىدىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ نۇقتىلىق نارارەت ئوبيېىكتىغا ئايلىنىشى، مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگىرلارغا قامىلىشى ۋە خىتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىشى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىجراسىدا قانداق روللارنى ئوينىدى؟ خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «مەھەللە كومىتېتلىرى» دا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش» نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
لاگېر شاھىتلىرىدىن ئامېرىكىدىكى زۇمرەت داۋۇت خانىم بىلەن شىۋېتسىيەدىكى سايراگۈل سائۇتباي خانىم، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم ۋە گېرمانىيەدىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىلەر يوقۇرىقى مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يوقۇرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.