بىز ئالدىنقى كۈنى ئالتاي شەھىرىدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر مەكتىپى بولغان 5-ئوتتۇرا مەكتىپىدىن 2017-يىلى 7 ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە بۇلاردىن مۇدىر رەيھان ئەمەتنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق، مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، بۇلاردىن بىر نەپىرىنىڭ مۇددەتسىز، ئىككى نەپىرىنىڭ 17 يىللىق كېسىلگەنلىكى؛ بۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن 3 كىشىنىڭمۇ 17 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى.
ئالتايدىكى بۇ ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، 2017-يىلنىڭ بېشىدا ئالتاي 5-ئوتتۇرا مەكتەپتىن تۇتقۇن قىلىنغان 7 نەپەر ئوقۇتقۇچىدىن، لاگېردا جان ئۈزگەن مەكتەپ مۇدىرى رەيھان ئەمەتتىن باشقا 6 نەپىرىنىڭ ھەممىسى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئۈستىدىن سوتمۇ ئېچىلماستىن ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلگەن. ئۇلارنىڭ كېسىلىشىگە، مەكتەپ مۇدىرى رەيھان ئەمەتنىڭ ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپقا قارشى نارازىلىق پىكرىنى قوللاش پوزىتسىيەدە بولغانلىقى سەۋەب بولغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالتايدىكى بىر ئالاقىدار خادىم، مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
ياپونىيەدە ياشاۋاتقان تەتقىقاتچى مۇختەر ئابدۇراخمان ئەپەندى، ئالتايدىكى تونۇشلىرى ئارقىلىق مەزكۇر ئوقۇتقۇچىلاردىن رۇس تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئەكبەر بىلەن كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى ئالىمنىڭ 17 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇنىڭ خەۋەر تېپىشىچە، جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى رەيھان مۇسا، ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپقا نارازىلىق پوزىتسىيەسى تۇتقاندىن باشقا يولدىشىنى ھاراق ئىچىشتىن ۋاز كەچتۈرگەنلىك ئۈچۈن دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەنمۇ ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەن. يولدىشى ئەكبەر ئۇشتۇمتۇت ھاراق تاشلىۋەتكەنلىكى ۋە ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن 17 يىللىق كېسىلگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، يۇقىرىدىكى ئۈچ ئوقۇتقۇچىنىڭ كېسىم مۇددىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.
مۇختەر ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ يەنە ئىگىلىشىچە، كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى ئالىمنىڭ تىجارەتچى ئاكىسى ئوبۇلقاسىم ياسىن بىلەن، نەۋرە ئىنىسى، دۆڭبازار مەسچىتنىڭ ئىمامى خالمۇرات 17 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەن.
نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋىلايەتلەردىكى ئىنستىتۇت، ناھىيەلەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ شۇ جايدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مېڭىسى دەپ قارىلىۋاتقانلىقى ۋە شۇ سەۋەبتىن 2017-يىلدىن كېيىنكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا بۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نۇقتىلىق زەربە بېرىش نىشانى بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە، قايسى ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي كىملىكى ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىپادىلەنسە، شۇ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھۇجۇم نىشانى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندى يەنە، يۇقىرىقى 6 كىشىدىن 4 نەپىرىنىڭ ئوخشاشلا 17 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن سوتسىز ھۆكۈم چىقىرىلغانلىق ئۇچۇرىنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا پەيزىۋاتلىق بىر ساقچى خادىمى، تۇتقۇندىكى كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن سوت ئېچىشقا مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقى ۋە تۇتقۇنلارنى سىياسىي قانۇن كومىتېتى چۈشۈرگەن بۇيرۇق بويىچىلا بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئۇ يەنە يانچۇقىدا ئالدىن تەييارلانغان ھۆكۈمنامىلەر بارلىقى، ھۈكۈمنامىدىكى بوش ئورۇنغا ئىسىم-فامىلىنى تولدۇرۇش بىلەنلا، تۇتقۇنلارنى تۈرمىگە يوللاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغانىدى.
ئالتايدا 17 يىللىقتىن كېسىلگەن ئىككى ئوقۇتقۇچى ۋە ئۇلارنىڭ 3 ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ ئەنە شۇنداق ئالدىن تەييارلانغان ھۆكۈمنامىلەر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىق ئېھتىماللىقى پەرەز قىلىنماقتا.