پېنسيونېر ئوقۇتقۇچى قېييۇم مەشرەپ جۈمە نامىزىدا «قانۇنسىز تەبلىغ» ئاڭلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن 14 يىللىق كېسىلگەن

0:00 / 0:00

قاراقاشلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، يۇرتى قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، پېنسىيونېر قېييۇم مەشرەپنىڭ 70 ياشقا يېقىنلاشقان ۋاقتىدا 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىك ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ قاراقاشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، قېييۇم مەشرەپنىڭ بىر جۈمە نامىزىدا «قانۇنسىز تەبلىغ» ئاڭلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن 14 يىللىق كېسىلگەنلىىكى، قىزى پاتىگۈل قېييۇمنىڭ بولسا نامەلۇم سەۋەپ بىلەن 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

قاراقاشلىق بىر مۇھاجىرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇنىڭ ياۋا يېزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى سابىق ئوقۇتقۇچىسى قېييۇم مەشرەپ 2018-يىلنىڭ ئاخىرى يېشى 70 كە يېقىنلاشقاندا 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. قاراقاش ناھىيە ياۋا يېزىلىق بىر ساقچى خادىمى بۇ يېزىدا كېسىۋېتىلگەن ياشانغانلار ئارىسىدا قېييۇم مەشرەپ ئىسىملىك بىرسىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بەرمىدى. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، 40 يىلغا يېقىن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان قېييۇم مەشرەپ 2010-يىلى پېنسىيەگە چىققان. ئۇ پېنسىيونېرلىق ھاياتنىڭ تەبىئىي بىر پارچىسى سۈپىتىدە مەھەللىنىڭ جامائەت پائالىيەتلىرىگە تولۇق قاتناشقان، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراقلاردىن قالمىغان. 2014-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى دولقۇن باشلانغاندا، قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدىمۇ ئەڭ دەسلەپتە دىنىي زاتلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرى تۇتقۇن قىلىنغان بولسا، 2017-يىلى ئەنە شۇ دىنىي زاتلارنىڭ ئارقىسىدا سەپ تۇتۇپ ناماز ئوقۇغانلىكى ئاھالىلەر تۇتۇپ كېتىلگەن، 2018-يىلىغا كەلگەندە قېييۇم مەشرەپكە ئوخشاش جامائەتچىلىك يۈزىسدىن دىنىي زاتلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ-قوپۇپ قالغان دۆلەت كادىرلىرىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان.

قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىلىق ساقچىخانا باشلىقى قېييۇم مەشرەپنىڭ نېمە ئۈچۈن كېسىلگەنلىكى ۋە نەدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى. ئەمما ئۇ بۇ يېزىدىن قېييۇم مەشرەپ ئىسىملىك بىر پېنسىيونېر ئوقۇتقۇچىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.

ئېنىقلاشلىرىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئايدىڭلىشىشىچە، قېييۇم مەشرەپ 2013-يىللاردا مەھەللىسىدىكى بىر جۈمە نامىزىدا «قانۇنسىز تەبلىغ» قە قاتنىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. بۇ يېزىدىكى بىر كەنت مۇدىرىنىڭ پاش قىلىشىچە، قېييۇم مەشرەپ نۆۋەتتە قاراقاشتىكى بوستانكۆل تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن.

قاراقاشلىق مۇھاجىر پېنسىيونېر قېييۇم مەشرەپنىڭ 4 پەرزەنتى بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئايرىم ئۆيلۈك-ئوچاقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قېييۇم مەشرەپنىڭ 40 نەچچە ياشلىق قىزى پاتىگۈل قېييۇمنىڭ 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

يۇقىرىدابۇ يىل يېشى 70 تىن ھالقىغان، 37 يىللىق مائارىپچى قېييۇم مەشرەپنىڭ بىر جۈمە نامىزىدا ئاتالمىش «قانۇنسىز تەبلىغ» ئاڭلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن 14 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە قىزىنىڭمۇ نامەلۇم سەۋەپ بىلەن 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.