غۇلجادىكى ئىككى لاگېردىكىلەرنىڭ بوز، جىرغىلاڭ ۋە يېڭىيەر لاگېرلىرىغا يۆتكەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بېيىجىڭدىكى بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئاساسەن دېگۈدەك تاقالغانلىقى ۋە ئاتالمىش «كۇرسانت» لارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بۇنىڭ ساختا مەلۇمات ئىكەنلىكى ھەر كۈنى دېگۈدەك يۈزلەرچە پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقماقتا. غۇلجاغا قارىتا ئېلىپ بارغان يېقىنقى بىر تېلېفون زىيارىتىمىزدە غۇلجادىكى سۇ دەرۋازا لاگېرى بىلەن ئېلىكتىر ئىستانسىسى لاگېرلىرىنىڭ تاقالغانلىقى، ئەمما ئۇ يەردىكى تۇتقۇنلارنىڭ تېخىمۇ پۇختا مۇئەسسەسەلەشكەن بوز، جىرغىلاڭ ۋە يېڭىيەر لاگېرلىرىغا يۆتكەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا تەسىس قىلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل بۇ ئورۇنلارنىڭ ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيە مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ بۇ ئاقلىشى بازار تاپالمىغاندىن كېيىن، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئاتالمىش «كۇرسانت» لارنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىنى ۋە مەكتەپلەرنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ھالبۇكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك غايىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تا بۈگۈنگىچە كۆرۈشەلمەيۋاتقانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ مەزكۇر باياناتىنىڭ ساختا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. ئاۋسترالىيەدىكى ئىستراتىگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقات ئورنى سۈنئىي ھەمراھ كۆزىتىشى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا ئاز دېگەندە 380 ئورۇندا لاگېر بارلىقىنى بېكىتىپ چىققان ۋە لاگېرلارنىڭ ئورىنىنى خەرىتەلەشتۈرۈپ دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان ئورۇنلارنىڭ لاگېر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە ۋە لاگېرلارنىڭ تاقىلىپ بولغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

غۇلجا شەھىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشى جەريانى ۋە باشقۇرۇلۇشى ھەققىدە بەلگىلىك دەرىجىدە مەلۇماتى بولغان سىياسىي-قانۇن ساھەسىدىكى بىر خادىم، سۇ دەرۋازا لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ جىرغىلاڭ لاگېرىغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، «شىنخۇا دوختۇرخانىسى تەربىيەلەش مەركىزى» دەپمۇ ئاتالغان سۇ دەرۋازا لاگېرى نۆۋەتتە مەخۇس بىر كۆرگەزمە ئورنىغا ئۆزگەرتىلگەن.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا 2017‏- ۋە 2018‏-يىللىرى غۇلجا شەھىرىدە پارتىيە مەكتەپ، مالىيە مەكتەپ، ياماچاڭ، بوز تۈرمىسى ۋە يېڭىيەر قارتارلىق 20 نەچچە ئورۇندا لاگېر بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇلاردىن نۆۋەتتە بوز ۋە يېڭىيەر لاگېرىنىڭ داۋاملىق ماڭدۇرۇلىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان مەزكۇر خادىم، يېڭىيەر لاگېرىنىڭ غۇلجا شەھىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە ئەڭ چوڭ لاگېر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. يېڭىيەر لاگېرىنىڭ «كەسپىي مەكتەپ» نامىدا باشقۇرۇلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان بۇ خادىم، بۇ لاگېرغا يانداش ياكى ئۇنىڭ بىر پاچىسى ھالىتىدە بىر ھەربىي گازارمىنىڭمۇ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. يېڭىيەر لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار سانىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپلىكى، ئەمما ئېنىق ساننى غۇلجادىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك بىرقانچە ئەمەلداردىن باشقا ھېچكىمنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بۇ خادىم، كۈنىگە يۈز نەچچە ماشىنىنى لاگېر ئالدىدا توختىتىقلىق ھالەتتە كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ خادىم يەنە ماشىنىلارنىڭ ئېكراندا زىيارەت ئۈچۈن كەلگەن تۇتقۇن ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا ئائىت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ماشنىلارنىڭ سانىغا قاراپلا تۇتقۇنلار سانىنىڭ زورلۇقىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە ۋە رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2019‏-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن لاگېردىكىلەرنىڭ زور بىر قىسىمىغا كېسىم ئېلان قىلىپ ئۇلارنى تۈرمىلەرگە يوللىغان بولسا، يەنە بىر قىسمىنى قانۇنسىز ئىش توختاملىرى بىلەن مەجبۇرى ئەمگەك مەيدانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان؛ يەنە بىر قىسمىنى يېڭىدىن چەت-ياقا جايلارغا سېلىنغان ياكى كېڭەيتىلگەن مۇئەسسەسەلىرى تېخىمۇ پۇختا بولغان مەخسۇس لاگېرلارغا ئورۇنلاشتۇرغان.