خىتاينىڭ لاگېردىكى 90 پىرسەنت تۇتقۇننى قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىسپاتلىشى تەلەپ قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-07-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قۇمۇلدىكى تىكەنلىك سىم بىلەن چېگرالانغان ۋە ئەتراپىغا كامېرالار ئورنىتىلغان مەلۇم بىر يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ كۆرۈنۈشى.
قۇمۇلدىكى تىكەنلىك سىم بىلەن چېگرالانغان ۋە ئەتراپىغا كامېرالار ئورنىتىلغان مەلۇم بىر يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ كۆرۈنۈشى.
BITTER WINTER

خىتاي ھۆكۈمىتى 30‏-ئىيۇل كۈنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماشتەك «قايتا تەربىيەلەش» پروگراممىسىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى، رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مۇتلەق كۆپ قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 30‏-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىلەن مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 90 پىرسەنت ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ھەر ئىككى شەخس قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ كونكرېت سانىنىڭ قانچە كىشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 2017‏-يىلى 4‏-ئايدا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىدە 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇنىڭ 1930‏-يىللاردىن بېرى يۈز بەرگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىش قىلمىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ئەھۋالنى «بىر ئەسىرلىك داغ» دېگەن ئىدى. ئەركىن تۇنىياز 30‏-ئىيۇل كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا «نۆۋەتتە تەربىيەلەش ۋە كەسپىي ئۆگىنىشكە قاتناشقان مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتكە چىققانلىقى ياكى ئۆيلىرىگە قايتىپ بارغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

يىغىندا «تەربىيەلەش ۋە كەسپىي ئۆگىنىش مەركەزلىرى» دىكى تۇتقۇنلارنى «ئوقۇغۇچىلار» دەپ تەرىپلىگەن ئەركىن تۇنىياز نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى تەكىتلەپ، «90 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى جەمئىيەتكە قايتتى ياكى ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىپ خۇشال ياشىماقتا» دېگەن. لېكىن چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۆھرەت زاكىر بىلەن ئەركىن تۇنىيازنىڭ ھەر ئىككىسى لاگېرلاردا زادى قانچىلىك كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شۆھرەت زاكىر ۋە ئەركىن تۇنىيازلارنىڭ سۆزلىرىگە پەقەت خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى رايوندا تەكشۈرۈپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغاندىلا ئىشىنىشكە بولىدىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون 30‏-ئىيۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىدە ئىزچىل سەمىمىيەتسىز بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىدە ئارزۇ قىلغۇدەك كۆپ بىر نەرسە تېپىلمايدۇ. بىز ھەر ئىككىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ رايوندىكى سىياسىتى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىدە بەك سەمىمىيەتسىزلىك قىلىپ كەلدى. شۇڭا ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنىڭ بىردىن بىر يولى خەلقئارا تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ رايونغا كىرىپ، پۇقرالار بىلەن سۆزلىشىشى، خالىغان يېرىگە ئەركىن بېرىشىغا يول قويۇشى، ئۇلار بىلەن سۆزلەشكەن كىشىلەر بېسىمغا ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلماسلىقى، تەكشۈرگۈچىلەر مۇستەقىل خۇلاسە چىقىرىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتى ئىشەنچلىك ئەمەس. مانا بۇ بىزنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى ۋە باشقىلارنىڭ بىر يىلدىن بېرى رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 90 پىرسەنت تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار لاگېردىكى ئاتا-ئانىسى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلىغىنى بىلدۈرمەكتە. مانا شۇلارنىڭ بىرى ئاتاقلىق ژۇرنالىست قۇربان مامۇتتۇر. قۇربان مامۇت 2017‏-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.

ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاش 30‏-ئىيۇل كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دادىسىنىڭ ھازىرغا قەدەر قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. بەھرام سىنتاش مۇنداق دېدى: «دادامدەك ھېچقانداق جىنايىتى يوق ئادەمنى ھازىرغىچە قويۇپ بەرمىگىنى بۇلارنىڭ دېگەن تەشۋىقاتىنىڭ يالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۆھرەت زاكىر ‹بىز مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق رادىكاللىقنى ئازايتتۇق› دەپتۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى دادامنىڭ تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولالمايدۇ. مۇستەقىل تەكشۈرگىلى بولمىغاندىكىن قانچە ئادەم تۇتۇلدى، قانچە ئادەم قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، پەقەت ئۇچۇر ئالاقىنى ئېچىۋەتسە، ئائىلىمىز بىلەن ئالاقىلىشەلىسەك، بېرىپ-كېلەلىسەك، بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز بىزنى يوقلاپ كېلەلىسە، ئاندىن بۇ ئۇچۇرلارغا ئىشەنسەك بولىدۇ، دەپ قارايمەن.»

كانادادا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرى ئەركىن موللائەيسا يېقىنقى 2 يىلدا 50 تەك ئائىلە ئەزاسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقىنى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا قامالغان ياكى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ 30‏-ئىيۇل كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىرغا قەدەر پەقەت ئىككى ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، قالغانلىقىنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوقلىغىنى بىلدۈردى.

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى بىراقلا قويۇۋېتىشنىڭ رېئال مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن. ئامېرىكادىكى ئادۋوكات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇن مالىيە ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئالدىدا ئوسال ئەھۋالدا قالغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارنى بۇنداق تۇيۇقسىز تاقىۋېتىدۇ، دەپ ئويلىمايمەن. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان بۇ ئەسلىھەلەر سىياسىي-ئىقتىسادنىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى. ئۆزىنىڭ كېلەچەك پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تەجرىبىخانا قىلىپ ئىشلىتىپ، 30 نەچچە دۆلەتكە بۇ تېخنىكىنى كېڭەيتىۋاتقان، پىلانىغا ئاساسى ئامىل بولۇۋاتقان مەسىلىنى بىر كېچىدە بىكار قىلىۋېتىدۇ، دەپ ئويلىمايمەن.»

نۇرىي تۈركلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىش ئەمەس، ئۇلارنى «قانۇنسىز ئەمگەك كۈچى» گە ئايلاندۇرۇۋېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە 3 تۈرلۈك ئېھتىماللىق بار. بىرى، قانۇنسىز قاماققا ئېلىنغان شەخسلەرنى، جەمئىيەت سەرخىللىرىنى ئاپىرىپ قانۇنسىز ئەمگەككە سېلىش مۇمكىنچىلىكى بار. ئىككىنچى مۇمكىنچىلىك، بۇلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار. ئۈچىنچىسى، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى جىنايەتچىلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى خىتاي جىنايەتچىلىرىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئەسلىھەلەرگە ئالماشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بار.»

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفىيە رىچاردسوننىڭ قارىشىچە بۇ خىل ئەندىشەنىڭ يېتەرلىك ئاساسى بار ئىكەن. ئۇ 30 ‏-ئىيۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بىز بۇ يىل توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا دائىر بىر قانچە دېلونى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلەرنىڭ يېتەرلىك سەۋەبى بارلىقىنى ھېس قىلدۇق. بەلكىم بۇ مەسىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا بەزى شىركەتلەرنىڭ شىنجاڭدىكى مەشغۇلاتى ھەققىدە سورالغان بۇ زاۋۇتلاردا مەجبۇر ئەمگەككە سېلىش ھادىسىلىرىنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىگە دائىر ئاددىي سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەسلىكىدۇر. مانا بۇ ئىزچىل ئەندىشە قوزغاپ كېلىۋاتقان بىر ھادىسە.»

لېكىن شۆھرەت زاكىر بىلەن ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان لاگېرلار ھەققىدىكى سۆزىنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىدا ھەر خىل بېرىلىشى چەتئەل تاراتقۇلىرىدا بەزى گۇمانلارنى پەيدا قىلدى. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئۇلار خاتا گەپ قىلىپ قويغاندەك، ئۇلارنىڭ سۆزىنى قايتۇرۇۋالىدىغاندەك خاھىش بار ئىكەن. بەزى تاراتقۇلاردا شۆھرەت زاكىرنىڭ «90 پىرسەنت كىشى جەمئىيەتكە قايتىپ كەلدى» دېگەنلىكى، يەنە بەزى تاراتقۇلاردا بولسا ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەن 90 پىرسەنت كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى دېگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت