تۈنۈگۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بېيجىڭدا قىلغان سۆزىدە ئاتالمىش «تەربىيەلەش» تىكى كىشىلەردىن 90 پىرسەنتىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۈگۈن مۇخبىرىمىز ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ھەقتە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. نەتىجىدە خوتەننىڭ بۇزاق يېزا 1-كەنتتىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن 250 كىشىدىن ھازىرغا قەدەر ئوبۇل ياسىن ئىسىملىك بىرلا كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، قۇمۇلدىكى بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن لاگېرغا ئەكىتىلگەن 100 چە كىشىدىن پەقەت 3 كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى نەچچە يۈز مىڭ كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ ۋىلايەتتە بىر ئايدا پەقەت 30 ئەتراپىدا كىشىنىڭ لاگېردىن چىقىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆتكەن ئايلاردا لاگېر ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئاخباراتتا دېيىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپتۈرمە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئېنىق ساننى ئېغىزغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىدى. شۆھرەت زاكىر تۈنۈگۈنكى سۆزىدىمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا ئېنىق ھالدا قانچىلىك كىشى بارلىقىنى تىلغا ئالمىغان. ئۇ پەقەت ئاتالمىش «تەربىيەلەش» تىكىلەرنىڭ 90 پىرسەنتىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ خادىمى لاگېردىكىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەن ياكى بېرىلمىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.
خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمىمۇ شۆھرەت زاكىرنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېيەلمىدى.
«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خوتەننىڭ بۇزاق يېزىسى 17 كەنتتىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، 33 مىڭ نوپۇسقا ئىگە ئىكەن. بۇزاق يېزىسىدىكى بىر ساقچى خادىمىمۇ ئۆزىنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ يېزىدىكى ھەرقانداق بىر كەنتتىن «تەربىيەلەش» تىكى ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنداق بىر ئۇچۇردىن بىر ساقچى خادىمىنىڭ خەۋەرسىز قېلىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ساقچى خادىمى ئۇ ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق ھەم مەسئۇل بولغان 1-كەنتتە 1700 دەك نوپۇس بارلىقى، بۇنىڭدىن 250 چە كىشىنىڭ «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكى، ھازىرغا قەدەر بۇلاردىن پەقەت ئوبۇل ياسىن ئىسىملىك بىرەيلەننىڭلا لاگېرىدىن قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
قۇمۇل شەھەر ئىچىدىكى بىر ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىمى ئۆزى ئىشلەيدىغان بۇ ئاھالىلەر كومىتېتىدا 500 دەك نوپۇس بارلىقى، بۇنىڭدىن يۈز نەچچە كىشىنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى، ئىككى يىلدىن بېرى بۇلاردىن پەقەت 3 كىشىنىڭلا قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. خوتەن شەھەر ئىچى سۇلتانەم مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەردىن بىرى ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان كوچىنىڭ لاگېر قۇرۇلغاندىن بۇيان قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقى، كوچىدىكى ئۆيلەرگە قۇلۇپ سېلىقلىق ئىكەنلىكى، تا ھازىرغىچە قوشنىلىرىنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋىلايىتى لاگېر قۇرۇلۇشى ئەڭ بالدۇر باشلانغان، تۇتقۇن قىلىش ئەڭ قاتتىق ئېلىپ بېرىلغان بىر ۋىلايەتتۇر. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خوتەن ۋىلايىتىدە ئاز دېگەندە بىرقانچە يۈز مىڭ كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىز خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسىگە قايتا تېلېفون قىلغىنىمىزدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر خادىممۇ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ لاگېردىن قويۇۋېتىلگەنلىكىدەك بىر ئۇچۇردىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن كونكرېت ھالدا كۈندە ياكى ئايدا ۋىلايەت بويىچە قانچىلىك كىشىنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش» تىن قويۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ۋىلايەت بويىچە ئايدا ئاران 30 چە كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۆتكەن ئايدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، قويۇۋېتىلگەنلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك سالامەتلىكى ناچارلاشقان ۋە ئۆلۈم گىردابىغا كېلىپ قالغان ياكى ياشانغانلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كۇچا ناھىيە خانىقىتام يېزىلىق بىر ساقچى خادىمى بۇ يېزىدىن ھازىرغا قەدەر 5000 چە كىشىنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى، ئەمما بىرىنىڭمۇ تېخى قويۇۋېتىلمىگەنلىكىنى پاش قىلغان ئىدى.
يۇقىرىدا ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلار ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ 90 پىرسەنت كىشى «تەربىيەلەش» تىن قويۇۋېتىلدى دېگەن سۆزلىرىنىڭ ساختىلىقىنى دەلىللىمەكتە.
0:00 / 0:00