خەنا ھەسەن: «ئەگەر سىزنىڭ ئائىلىرىڭىزدىكىلەردىن بىرەرى ئاشۇنداق لاگېرلارغا قامالغان بولسا، سىزمۇ باشقىلارنىڭ سىز ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىنى ئارزۇ قىلغان بولاتتىڭىز!»

0:00 / 0:00

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، 18 ياشلىق ئامېرىكالىق مۇسۇلمان قىز خەنا ھەسەن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى-TikTok قا بىر فىلىم يوللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى. 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، 1 مىليون 800 مىڭدىن كۆپ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قۇرۇلغان جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

» مىسىر ئىلاھى» يەنى «goddessofegypt» نامىدىكى بۇ ياش قىزنىڭ TikTok سۇپىسىدا 884 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار. ئۇ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان سىن كۆرۈنۈشى كەڭ تارقالغان بولۇپ، باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى 4 مىليون 200 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ نەق مەيدان سىن يوللىشى چەكلەنگەن.

خەنا ھەسەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىشنى تاللىغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەمدى قەتئىي ئارقىغا چىكىنمەيدىغانلىقىنى، TikTok قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىقىغا قارشى داۋاملىق سۆزلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۆۋەندە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا خەنا ھەسەن بىلەن ئۆتگۈزگەن سۆھپىتىمىزنى سۇنىمىز.

مۇخبىر: سىز ئۇيغۇرلاغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ خەۋەرلەرنى نەردىن بىلدىڭىز؟

خەنا ھەسەن: بىر قانچە يىل ئىلگىرى مەن Instagram دا پاناھلىق تىلىگۈچى بىر مۇساپىر ئايالنىڭ ھېكايىىسى سۆزلەنگەن بىر سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ قالدىم. مەن دەسلەپتە قاتتىق ھەيران قالدىم، كىيىن كاللامغا «توختا، بۇنداق ئىش ھەقىقەتەن رىئاللىقتا قايتا يۈز بېرىۋاتامدۇ؟» دېگەن سوئال كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش توغرۇلۇق تەپسىلىيراق ئىزدەنمەكچى بولدۇم، ئەپسۇس، بۇ توغرىسىدا تۈزۈكرەك مەلۇماتقا ئېرىشەلمىدىم. مەن كۆرگەن ھېلىقى مۇساپىر ئايال توغرىسىدىكى سىن كۆرنۈشنىمۇ قايتا ئىزدەپ تاپالمىدىم. گەرچە بۇنداق ۋەقەلەرنى ئىككى يىل بۇرۇن ئاڭلىغان بولساممۇ، ئۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيتتىم.

مۇخبىر: ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىكى دەسلەپكى تەسىراتىڭىز نېمە بولدى ؟

خەنا ھەسەن: ئۇ خەۋەرلەرنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭكى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتەتتى. ئۇ ئۆز ئىرادىسىگە قارشى ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىنىپتۇ، نۇرغۇن ئاۋارىچىلىككە ۋە جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپتۇ، بۇندا قورقۇنچلۇق ئىشلارنى ئاڭلاپ مەن قورقۇپ كەتتىم. مەن: «تارىخ قايتا تەكرارلىنىۋاتامدىغاندۇ ؟» دەپ ئويلاپ قالدىم. مەن دىنىم (ئىسلام) نىڭ كېيىنكى يوقىتىش نىشانى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم. ئۇ ۋاقىتتا مەن بۇ ئىشلارنى قانداق چۈشىنىشىمنى ۋە زادى نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم.

مۇخبىر: سىزنىڭچە، ئۇيغۇرلارغا دائىر جىددىي خەۋەرلەرگە دۇنيانىڭ دەل ۋاقتىدا توغرا ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۈچۈن نېمىشقا شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەندۇ ؟

خەنا ھەسەن: ئەلۋەتتە، بىلمەسلىككە سېلىۋېلىشنىڭ ئۆزى [بىر سەۋەب]. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يەردە مەسىلە بارلىقىنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ، تازا ئىشىنىپ كەتمىگەچكە، كۆرمەسكە سېلىۋېلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئامېرىكا بۇ مەسىلىگە ئارىلاشمىغان شارائىتتا خىتاي ھەممىنى كۆزىتىپ بىلىپ تۇرىدۇ. بىز بۇ بىر ئەۋلاد ئامېرىكالىقلار بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزنىڭ بىزگە نېمىنىڭ مۇھىم ياكى ئەمەسلىكىنى دەپ بېرىشىگە تايىنىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كىشىلەر بۇنداق مەسىلە توغرىسىدا ئىزدىنىشنى خالىمىغاچقا، بۇ مەسىلىنى بىلمەسكە سېلىۋالىدۇ ياكى بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىشنى خالىمايدۇ.

مۇخبىر: ئۇنداقتا، سىزچە نېمە قىلىش كېرەك؟

خەنا: دەسلىپىدىلا بۇ ئىشنىڭ بۇ دەرىجىدە ئېغىرلاپ كېتىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك ئىدى. بىزدەك ياشلارنىڭ قىلالايدىغىنىمىز ناھايىتى چەكلىك دەپ قارايمەن، لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، دۆلىتىمىز بۇ مۇسۇلمانلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا قانداق ياردەم قىلىشنى بىلىدۇ، مەسىلەن، تىجارەتنى توختىتىش ياكى خىتينى «ۋاي ماقۇل، بۇ ئىشنى ئۆزگەرتەيلى» دېگۇزەلىگۈدەك بىر ئىش قىلالايدۇ، دەپ قارايمەن. چۈنكى ئاخىرقى ھېسابتا رەھبەرلەر يەنىلا ھوقۇق ۋە پۇلغا ھەممىدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇڭا مەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ تىلىدا سۆزلەشكە توغرا كەلسە، ئۇنداقتا، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئوخشىمايدىغان شەكىلدە قىلىمىز.

مۇخبىر: سىز قانداق بولۇپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟

خەنا: مەن TikTok نىڭ خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەت ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. گەرچە TikTok تا نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرىم بولسىمۇ، لېكىن بۇ شىركەتنىڭ داۋاملىق مەن يوللىغان سىنلارنى ئۆچۈرىۋەتكىنىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ مېنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارىم بارلىقىنى سىناپ باقماقچى بولدۇم. كۆڭلۈمدە TikTok تا ناھايىتى كۆپ ئەگەشكۈچۈم بار تۇرسا ئىشنى يەنىلا شۇ يەردىن باشلىمايمۇ، دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇچۇر تارقىتىشقا باشلىدىم. يوللىغان سىنلارنىڭ ئۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ تاكى شۇ سىنلار تاكى ئۆچۈرۈلگىچە قايتا-قايتا يوللاۋەردىم. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ بۇ ئەپنى ياخشى كۆرۈپ قوللىنىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. بۇ دەل ئۆزگىرىشنىڭ مەنبەسى بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

مۇخبىر: سىز يوللىغان سىنلارنىTik Tok قانچە قېتىم ئۆچۈرۈۋەتتى؟

خەنا ھەسەن: مەن تۆت قېتىم يوللىدۇم. ئالدىنقى ئۈچ قېتىمدا قارا رەڭلىك ىلىپ چەكلەپ قويغاچقا، كۆرۈلۈش قېتىم سانى نۆل بولدى، TikTok باشقۇرغىچىلىرى ھەرقانداق سىننى كۆزدىن كەچۈرمىگۈچە، بەتكە چىقارمايدۇ. شۇنداق قىلىپ بىرىنچى قېتىم يوللىغان سىننى ئۆچۈرۈۋەتتى، ئاندىن ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچىسىنىمۇ ئۆچۈرۈۋەتتى. ئەمما ئىككىنچى سىننى، كەم دېگەندە 12 ئادەم كۆرۈپتۇ. خۇداغا شۈكرى، ئۇ خېلى دىققەت قوزغىدى.

مۇخبىر TikTok: ھېساباتىڭىز توسۇۋېتىلگەن ياكى چەكلەنگەن ئەھۋاللار يۈز بېرىپ باقتىمۇ؟

خەنا ھەسەن: نۇرغۇن قېتىم. ئەمما مەن ھەر قېتىم ھۆكۈمەت ياكى سىياسەت توغرىسىدا سۆزلىسەم، ئۇلار ئادەتتە بۇ سىنلارنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. ئۇلار نەق مەيدان سىن تارقىتىشىمنى مەڭگۈلۈك چەكلىدى. كۆرسەتكەن سەۋەبى بەزى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىپتىمىشمەم. شۇ سەۋەب ھېسابىمنى كۆپ قېتىم بىرەر ھەپتىدەك چەكلەپ قويدى، شۇڭا نۇرغۇن سىنلىرىم ئۆچۈرۈلدى.

مۇخبىر: ئۇنداقتا، سىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى سىننى يوللىغاندىن كېيىن، ئەگەشكۈچىلىرىڭىزنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

خەنا ھەسەن: مېنىڭ كۆرگىنىم، ماڭا كەلگەن ئىنكاسلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى بىلمەيدىغانلىقى دېيىلگەن. ماڭا نۇرغۇنلىغان ئىنكاسلار كەلدى شۇنداقلا خەت ساندۇقۇممۇ ئىنكاسلارغا توشۇپ كەتتى، ياش ئۆسمۈلەر ۋە بالىلاردىن كەلگەن ئىنكاسلاردا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، لېكىن قانداق ياردەم قىلىشنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىشىپتۇ. ئۇلار ئىنكاسلىرىدا مەندىن ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم بەرسە بولىدىغانلىقىنى سوراپتۇ.

مۇخبىر: ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەشنى نېمە ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارايسىز؟

خەنا ھەسەن: ئەگەر ئائىلىرىڭىزدىكىلەردىن بىرەرى ياكى سىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەمدىن بىرەرى ئاشۇ لاگېرلارغا قامالغان بولسا، سىزمۇ باشقىلارنىڭ سىز ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىنى ئارزۇ قىلغان بولاتتىڭىز. مەن ئۇ لاگېرلاردا تۇتۇلغان ھىچكىمنى تونۇمايمەن. لېكىن مەن بۇ سىننى تارقاتقاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «نەۋرە تۇغقانلىرىم ئاشۇ جازا لاگېرلىرىدا. دادام لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكتىن مەن كۆرمىگىلى نەچچە يىل بولدى. . .» دېگەندەك ئۇچۇرلار كېلىشكە باشلىدى. مەن يوللىغان ئۇ سىنلارنىڭ راست شۇنداق ئائىلىسىدىكىلەر لاگېرلارغا سولانغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار تەرىپىدىن كۆرۈلۈشى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. شۇڭلاشقا مەن قانچە كۆپ كىشىلەر بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلسە، بۇنداق سىنلارنى تېخىمۇ كەڭ تارقاتسا، چوقۇم بىرەر ئۆزگىرىش بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.