قورغاستىكى ئەسەت ئابدۇكېرىم ئائىلىسى چەتئەلگە چىققىنى ئۈچۈنلا قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان

0:00 / 0:00

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلى يىل ئاخىرى ۋە 2017-يىلى يىل بېشىدا باشلىغان ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرغا قاماش دولقۇنىدا، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلار ئەڭ دەسلەپكى تۇتقۇن ئوبيېكتلىرىغا ئايلانغان. كېيىن ئۇلار يەنە دائىرىلەر تەرىپىدىن لاگېر ئىچىدىلا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ تۈرمىلەرگە قامىلىشتەك ئېغىر جازاغا ئۇچرىغان.

غۇلجا قورغاستىكى ئەسەت ئابدۇكېرىم ۋە ئىنىسى ئەنۋەر ئابدۇكېرىملەر تۈركىيە ۋە گوللاندىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقى ئۈچۈنلا، 2017-يىلى يىل بېشىدا قورغاستا باشلانغان دەسلەپكى تۇتقۇن دولقۇنىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ۋە كېيىن ئائىلىسى بويىچە قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشتەك پاجىئەلىك قىسمەتكە يولۇققان.

ئەسەت ئابدۇكېرىمنىڭ تۈركىيەدىكى قىزى دىلبەر ئەسەت ئاپىسى ھەجەر ھەبىبۇللا، دادىسى ئەسەت ئابدۇكېرىم ۋە ئىنىسى سەيپىدىن ئەسەدنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامىلىش ۋە كېيىن تۈرمىگە قامىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2015-يىلى 3-ئايدا تۈركىيە فاتىخ سۇلتان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، ئىككى بالىسىنى بېقىشتا قىينالغانلىقى ئۈچۈن ئاپىسى ھەجەر ھەبىبۇللا تۈركىيەگە كېلىپ، 2016-يىلى 6-ئايغىچە بىر يىلدىن ئارتۇق نەۋرىلىرىگە قاراپ بەرگەن. دىلبەرنىڭ دادىسى ئەسەت ئابدۇكېرىم ۋە ئىنىسى سەيپىدىن ئەسەتلەرمۇ تۈركىيەدە قىسقا مەزگىللىك زىيارەتتە بولغان. ئەمما ھەجەر ھەبىبۇللا نەۋرىلىرىنى بىرنەچچە ئاي بېقىپ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، 2017-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە ئۇنىڭ قورغاستىكى تەربىيەلەش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىك خەۋىرى كەلگەن.

ئەسەت ئابدۇكېرىمنىڭ كانادادىكى سىڭلىسى مەرھابا ئابدۇكېرىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئائىلىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنىش پاجىئەسى ھەققىدە قورغاستىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

ئۇلارنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قورغاستا دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان ئەسەت ئابدۇكېرىم، ئۇنىڭ ئايالى ھەجەر ھەبىبۇللا، ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوغلى سەيپىدىن ئەسەت قاتارلىق ئۈچەيلەن بۇ ئائىلىنىڭ تۈركىيەدىكى قىزى دىلبەر ئەسەتنى يوقلاپ تۈركىيەگە كەلگىنى ئۈچۈنلا، 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا قورغاستىكى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. 2020-يىلى يىل بېشىدا ئۇلارنىڭ 5 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ ئەسەت ئابدۇكېرىم ۋە ئوغلى سەيپىدىن ئەسەدنىڭ شىخو تۈرمىسىگە قامالغانلىقى، ئايالى ھەجەر ھەبىبۇللانىڭ قورغاستىكى قوش ئېرىق تۈرمىسىگە قامالغانلىق خەۋىرى كەلگەن.

كانادادا ياشاۋاتقان مەرھابا ئابدۇكېرىم خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئوتتۇرانچى ئاكىسى ئەنۋەر ئابدۇكېرىم 2011-يىلىدىن2015-يىلغىچە گوللاندىيەدە ئوقۇۋاتقان قىزىنىڭ يېنىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قايتىپ كەتكەن. ئەنۋەر ئابدۇكېرىم بۇ جەرياندا قىزىنىڭ نورمال ئوقۇشىغا ياردەمدە بولغاندىن باشقا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغان. ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇ 2015-يىلى يۇرتى قورغاسقا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، قورغاستىكى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن پاسپورتى تارتىۋېلىنغان ۋە كۆپ قېتىم سوراق قىلىنىشقا ئۇچرىغان. 2016-يىلى 9-ئاي مەزگىلىدە قورغاستا باشلانغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماش دولقۇنىدا ئەنۋەر ئابدۇكېرىممۇ تۇتقۇن قىلىنىپ، دەسلەپ قورغاستىكى لاگېرغا قامالغان. كېيىن ئۇنىڭ 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ، شىخو تۈرمىسىگە قامالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلگەن. چەتئەلگە چىقمىغان ھەتتا پاسپورتىمۇ يوق ئايالى گۈلنار تۇرسۇنمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا بىر مەزگىل قامالغاندىن كېيىن، 4 يىللىق كېسىلىپ قورغاس قوشېرىق تۈرمىسىگە قامالغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.