نورۋېگىيەدىكى مەمتىمىن ھاجىم: ئوغلۇم رىشات مەمتىمىن مېنى يوقلاپ كەلگىنى ئۈچۈن لاگېرغا قامالدى

0:00 / 0:00

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئىمامى مەمتىمىن ھاجىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 2015-يىلى ئۇنى يوقلاپ نورۋېگىيەگە كەلگەن ئوغلى رىشات مەمتىمىن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تۇغقانلىرى ئارقىلىق تېلېفون قىلغۇزۇپ قايتىپ كېتىشكە مەجبۇرلىشى سەۋەبلىك يۇرتى غۇلجىغا مەجبۇرىي قايتىپ كەتكەن. يېقىندا ئۇلار ئوغلى رىشات مەمتىمىن ۋە باشقا تۇغقانلىرىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ تەربىيەلەش نامىدا لاگېرغا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلايدىغان «نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» دا ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان گۇۋاھلىق فىلىملىرىنىڭ بىرىدە نورۋېگىيەدىكى مەمتىمىن مەمەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي لاگېرىغا قامالغان ئوغلى رىشات مەمتىمىن ھەققىدە بەرگەن سىن كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلدى

«نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نىڭ رەئىسى، «نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ باشلىقى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر فىلىمدا ئوغلى رىشاتنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن كىشى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىمامى مەمتىمىن مەمەت ھاجىم بولۇپ، بۇ كىشى 1997-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ، كېيىن سىياسىي پاناھلىق يولى بىلەن 1999-يىلى دەسلەپكى مەزگىللەردە نورۋېگىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن بىرى ئىكەن.

مەمتىمىن مەمەت ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 2015-يىلى 3-ئاي مەزگىلىدە ئۇلارنى يوقلاپ نورۋېگىيەگە كەلگەن ئوغلى رىشاتنىڭ غۇلجىدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بېسىم ۋە تەھدىتلىرى سەۋەبىدىن يۇرتى غۇلجىغا كېتىش مەجبۇرىيىتىدە قالغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەمتىمىن ھاجىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 2013-2014-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا پاسپورت بېجىرىش رەسمىيەتلىرى نىسبەتەن ئاسانلاشقان مەزگىلدە، ۋىزا ئەۋەتىپ 1997-يىلى غۇلجىدىن ئايرىلغاندىن بۇيان كۆرۈشەلمىگەن ئانىسى رۇقىيە خانىم ۋە ئۆزى ۋەتەندىن ئايرىلغاندا ئاپىسى رۇقىيە خانىمغا بېقىشنى ھاۋالە قىلغان ئوغلى رىشات بىلەن 20 يىلدىن كېيىن، يەنى 2015-يىل 3-ئاي مەزگىلىدە نورۋېگىيەدە جەم بولغان.

ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ خۇشاللىقى ئۇزۇنغا بارمىغان. 2015-يىلى 6-ئايغا كەلگەندە غۇلجىدىكى ساقچى دائىرىلىرى مەمتىمىن ھاجىنىڭ غۇلجا شەھەر ئايدۆڭ مەھەللىسى روشەن كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىنىسى سەيدەخمەت مەمەتنى تۇتقۇن قىلىدىغانلىقى ۋە رىشات مەمتىمىننىڭ غۇلجىدا قالغان ئايالى ۋە ئىككى بالىسىنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارغا تەھدىت تېلېفونلىرىنى قىلغان. بۇ سەۋەبلىك مەمتىمىن ھاجىنىڭ ياشانغان ئانىسى رۇقىيە جۈماخۇن خانىم ۋە 20 يىلدىن كېيىن جەم بولغان ئوغلى رىشات مەمتىمىن غۇلجىغا مەجبۇرىي قايتىپ كەتكەن.

مەمتىمىن ھاجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئانىسى رۇقىيە خانىم ۋە ئوغلى رىشات كەتكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇلار بىلەن نورمال تېلېفون ئالاقىسى بىر مەزگىل داۋاملاشقان. ئەمما 2016-يىلى يىل ئاخىرىدىن كېيىن ئۇنىڭ غۇلجىدىكى ئانىسى رۇقىيە خانىم، ئوغلى رىشات ۋە ئىنىسى قاتارلىق بارلىق تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن.

2019-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى مەمتىمىن ھاجىم سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئانىسى رۇقىيە جۇماخۇن خانىمنىڭ ئۆيدە ئىكەنلىكىنى، ئىنىسى سەيدەخمەتنىڭ لاگېردا بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلگەن. ئەمما ئوغلى رىشات مەمتىمىننىڭ 2017-يىلى لاگېرغا قامالغاندىن بۇيان ئىز-دېرىكى يوقلۇقىدىن خەۋەر تاپقان.

مەمتىمىن مەمەت ھاجى تەمىنلىگەن غۇلجىدىكى ئادرېس بويىچە، غۇلجا قازانچى مەھەللىسى روشەن كوچىسى قاراشلىق قازانچى ساقچىخانىسى ۋە غۇلجا خەنبىڭ ساقچىخانىسى قاتارلىق ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاش سەۋەبىدىن «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاشقا تىرىشتۇق.

قازانچى ساقچىخانىسىغا قىلغان تېلېفوننى ئالغان خىتاي خادىم تېلېفوننىڭ قازانچى ساقچىخانىسىنىڭ تېلېفونى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. ئەمما ئۇنىڭدىن، «ئايدۆڭ مەھەللىسىدىن كەلگەن ياشلار قەيەردە ئۆگىنىش قىلىۋاتىدۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا بۇ خىتاي خادىم ئۆزلىرىنىڭ پەقەت مەلۇم قىلىنغان دېلولارغا مۇناسىۋەتلىك تېلېفوننى ئالىدىغان خادىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ساقچىخانىنىڭ ئۆزىگە كېلىپ ئەھۋال ئىگىلىشىمىزنى ئېيتىپ تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

غۇلجا شەھىرى خەنبىڭ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، چەتئەللەرگە تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن بارغانلارنىڭ تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلەمدۇ؟ دەپ سورىغىنىمىزدا، بۇ خادىم ئاۋۋال «مەن بۇ ئەھۋالنى بىلمەيدىكەنمەن»، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنىڭدىن يەنە ئىلگىرىلەپ، «ئاڭلىساق ياۋروپاغا تۇغقان يوقلاشقا بېرىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلىدىكەن، ئۇلار قەيەردە ئۆگىنىش قىلىۋاتىدۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ تېرىككەن ھالدا، «بۇ ئەھۋال ئىنكاس قىلىدىغان تېلېفون. مەن بىلمەيدىكەنمەن» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنىڭدىن يەنە ئەھۋالنى بىلىدىغان ساقچى خادىمىنىڭ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغىنىمىزدا بولسا، بۇ خادىم تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

توردىن ئىزدەش ئارقىلىق ئىلى ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ نومۇرىنى تېپىپ تېلېفون قىلدۇق.

بۇ نۆۋەت تېلېفوننى ئالغان خادىم تېلېفوننىڭ باش ئاپپاراتقا' ئۇلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كەلگەن تېلېفونلارنى ئۇلاپ بېرىشكە مەسئۇل خادىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن چەتئەلدىن تۇغقان يوقلاپ قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆگىنىش قىلىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ جاۋاب بەرمەي، تېلېفوننىڭ چەتئەلدىن كەلگەنلىكىنى ۋە چەتئەل زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى ئۆگىنىش مەركىزىگە ئەۋەتىلىدىغانلىقى سۈرۈشتە قىلىنىۋاتقانلىقىنى يېنىدىكى ھەمراھلىرىغا دوكلات قىلدى ۋە باشلىقىنىڭ بۇيرۇقىنى ئالغاندىن كېيىن تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رادىيومىز قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارغا لاگېرغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە بەرگەن ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ زور بىر قىسمىنى چەتئەللەرگە تۇغقان يوقلاش، ئوقۇش، تىجارەت ۋە ساياھەت بىلەن چىققان ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن.