ئىلى ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىدىن پېنسىيەگە چىققان تۇرسۇن بارات ۋە ئۇنىڭ ئايالى 20 يىل كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.09.10
Shemsiye-tursun-barat-zahidem-xeypihaji.jpg ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شەمسىيە خانىمنىڭ دادىسى تۇرسۇن بارات ۋە ئانىسى زاھىدەم خېيپىھاجى.
RFA/Gülchéhre

7 يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شەمسىيەنىڭ 70 ياش قارىسىنى ئالغان، يۈرەك ۋە ئېغىر دىئابىت كېسىلىگە گىرپتار ئاتا-ئانىسىنىڭ 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئۇيغۇرلارغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش ۋە تۇتقۇن قىلىشتا ئۇلارنىڭ كېسەل ياكى ياشىنىپ قالغانلىقىنىمۇ قارىماي، قارا قويۇق، قانۇنسىز ھالدا، ئىنسانپەرۋەرلىككە پۈتۈنلەي يات تەدبىرلەر ئارقىلىق بۇ خىل باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى كۆپ تەرەپلەردىن ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

شەمسىيە خانىمنىڭ دادىسى تۇرسۇن بارات، ئەسلى ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىدا 30 نەچچە يىل خىزمەت قىلىپ پېنسىيەگە چىققان كادىر. شەمسىيەنىڭ ئانىسى زاھىدەم خېيپىھاجى ئىلى ئوبلاستلىق دوستلۇق دوختۇرخانىسىدىن پېنسىيەگە چىققان بوغالتىر. ئۇلار شەمسىيە توي قىلىپ تۈركىيەگە كەلگەندىن بۇيان تۈركىيەگە قىزىنى يوقلاپ 3 قېتىم كېلىپ كەتكەن. ئاخىرقى قېتىم ئۇلار قىزىنىڭ تۇغۇتىنى يوقلاش ئۈچۈن 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى كېلىپ 2017-يىلى-2 ئايلاردا قايتىپ كەتكەن. ئۇلار شەمسىيەگە شۇ چاغدا «بىز بېرىپ كۆرۈنۈپلا قويۇپ كېلىمىز» دەپ قايتىشقان ئىكەن. شەمسىيە «بۇ ئاپام دادام بىلەن ئاخىرقى كۆرۈشۈش بولۇپ قېلىشىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، تا ھازىرغىچە ئىشكاپىمدا ئۇلارنىڭ كىيىملىرى ئېسىقلىق تۇرىدۇ. . .» دەيدۇ ئازاب ئىچىدە.

شەمسىيە ئاتا-ئانىسى ئۈرۈمچىگە قايتىشى ھامان پاسپورتلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى، -2017 يىلى 10-ئايلاردا تەڭلا لاگېرغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. -2018يىلى-5 ئايدا ئۇ يېقىن ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن ئۇلارنىڭ 20 يىلدىن كېسىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان. شەمسىيە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىككىلىسىنىڭ ئېغىر دىئابىت كېسىلى بارلىقى، دادىسىنىڭ ئىلگىرى ئىككى قېتىم يۈرەككە تىيەك قويۇش ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 70 ياشلىق كېسەل ئاتا-ئانىسىنى 20 يىللىق كېسىلىشى ئۆلۈم جازاسىدىن پەرقى يوق، ئۇلار بۇنىڭغا ھېچ زامان لايىق ئەمەس، ھېچقاچان جىنايەت ئۆتكۈزۈپ باقمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت كادىرلىرى ۋە زىيالىيلارنى جازالاشتا، ئۇلاردىن جىنايەتكە ياتقۇدەك ھېچقانداق بىر باھانە تاپالمىغاندا، دىنىي ۋە مىللىي ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى بەكرەك ساقلاپ كەلگەنلىرىنى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن جازالاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

شەمسىيەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى-2012بىر قېتىم ھەجگە بېرىپ كەلگەن. ئەمما بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھەج قىلغانلىقىنى باھانە قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ 20 يىل كېسىلىشىگە ئەسلا باھانە بولالمايدۇ.

بىز تۇرسۇن بارات ۋە زاھىدەلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋە 20 يىللىق ئېغىر قاماققا كېسىلىشنىڭ ئاساسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتارلىق جايلارغا تېلېفون قىلىپ كۆردۇق.

پەقەت خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرلارغا مەسئۇل بۆلۈمىدىن بىر دېزورنى خادىم تېلېفوننى ئېلىپ، ئىدارىدە كادىرلارنىڭ ھەممىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىدىن باشقا ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى، تۇرسۇن باراتنىمۇ تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن باشقا جاۋاب بەرمىدى.

زاھىدە خانىم 30 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان ئىلى دوستلۇق دوختۇرخانىسى كادىرلار بۆلۈمىگە تېلېفون ئۇلانغان بولسىمۇ، تۇرۇپكىنى ئالغان خادىم ئۆزىنىڭ يېڭى ئىكەنلىكى پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنى تونۇمايدىغانلىقى ۋە ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

شەمسىيە ئۆزىمۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىشقا كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ ھېچ جاۋاب ئالالماي كەلگەن. ئۇ ھەتتا تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشىنى تەلەپ قىلغىلى بارغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. ۋەتەندە قالغان باشقا قېرىنداشلىرىنى بالاغا تىقىپ قويماسلىق ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرغان شەمسىيە ئاخىرى يېقىندا بىر تونۇشىدىن ئانىسىنىڭ دوختۇرغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، ئاجىزلاپ كەتكەن، چاچلىرى كېسىلگەن ئانىسىنىڭ دوختۇرغا ئېلىپ كېلىنگەندە ھەتتا كىشەنلىرىمۇ بوشىتىلمىغانلىقىدەك تەسۋىرلەرنى ئاڭلاپ قەتئىي چىداپ تۇرالماي ئاخىرى بۇ زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىكنى ئاڭلىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

شەمسىيەنىڭ بىر نەۋرە سىڭلىسى شەكىلە مەمتىمىن، زاھىدە خانىمنىڭ ئۆز ئاپىسىنىڭ ھەدىسى يەنى چوڭ ئاپىسى بولىدىغانلىقى، چوڭ دادا ۋە چوڭ ئاپىسىنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ قايتقاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، يېقىندا ئۇلارنىڭ 20 يىل كېسىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ھەيران بولغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە تۇرسۇن بارات ئەپەندى ۋە زاھىدە خانىم ئۆزلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىشى ئۈچۈن كېپىللىك بەرگەن ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى پاراكەندىچىلىككە قويماسلىق ئۈچۈن، قايتىپ كەتكەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.