غۇلجىدا پېنسىيەگە چىققان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئايالى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن
2019.09.10
غۇلجا شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىسى شېرىپجان مۇھەممەت مەزكۇر مەكتەپنىڭ 30 نەچچە يىللىق خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇ غۇلجىدىكى نوپۇزلۇق مائارىپچىلارنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن بۇ يىل 67 ياشلىق شېرىپجان مۇھەممەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى 2-ئايدا باشلىغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا ئايالى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، نۆۋەتتە غۇلجىنىڭ تەشلەپكە بازىرىدا دۇكان ئاچىدىغان ئايالى بۈخەلچەم ئەمەتھاجىنىڭ لاگېردا، شېرىپجان ئەپەندىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
قەيت قىلىنىشىچە، شېرىپجان ئەپەندى بىلەن بۈخەلچەم خانىملار 2018-يىلى 3-ئايدا غۇلجىنىڭ ئىلى دەريا يولىدىكى شەھەرلىك ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق قۇدا-باجىسى تۇرداخۇن جورىباي ۋە شادىيە زاكىرلار بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنغانىكەن. ئۆتكەن ھەپتە تۇرداخۇن جورىباي ۋە شادىيە زاكىرنىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق قىزى مەرھابا تۇرداخۇن رادىيومىزغا دادىسىنىڭ 8 يىللىق، ئانىسىنىڭ 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ 2014-ۋە 2015-يىللىرىدا ئىككى قېتىم گوللاندىيەگە كېلىپ ئۆزلىرىنى يوقلىشى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ شۇ كۈنى يەنە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆڭ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق قېيناتا، قېينانىسى ۋە قېينىنىسى ھەم قېينسىڭلىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
شېرىپجان ئەپەندىنىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئوغلى ئابدۇشۈكۈر شېرىپجانىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ئۇ دادىسىنىڭ كېسىۋېتىلىپ، شىخۇدىكى تۈرمىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى، ئانىسىنىڭ داۋاملىق لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، سىڭلىسى بىلەن ئىنىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن. يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بېرى گوللاندىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئابدۇشۈكۈر شېرىپجان ئۆتكەن ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئانىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئەمەسلىكى، دادىسىنىڭ ھېچقانداق ئىز دېرىكىنى ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇشۈكۈر شېرىپجان: «دادام بۇ يىل 67-68 لەردە بار. ئاپام 62-63 لەردە بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئايالىمنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى مەلۇم ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاڭلىغانلىقى، دادامنىڭ شىخۇغا كەتكەنلىكىنى بىلدىم. تۇغقانلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئاپامنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلالماي تۇرسا، بىر ئارىلىقتا ئاپامنىڭ يۈرەك كېسىلى بىنورمال بولۇپ، تۇغقانلاردىن يۈرەك كېسىلىنىڭ دورىسىنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ئاڭلىغان، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2 ئايلار ئاۋۋال، پەقەت شۇنداقلا دېدى، ئەمما ئاپامغا يۈرەكنىڭ دورىسىنى ئەكىرىپ بەردىمۇ، كىم ئەكىرىپ بەردى، ئۇنى ئۇقمايمەن. ئاپامنى شىخۇ ياكى باشقا جايغا يۆتكەپ كەتتى دېسەك، ئاپامنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى دېدى. بۇنى دېگەن ئادەمنىڭ ئىسمىنى دېمەي، ئۇ ئادەممۇ چىدىمايدىغۇ، ئاتا-ئانىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالالمايۋاتقانغا ئۇزۇن بولغاندىن كېيىن. ئاپامنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى مەلۇم بىر لاگېردا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. لېكىن دادامنى قېيناتام بىلەن شىخۇغا بىرگە يۆتكەپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. دادامنى شىخۇغا نېمە، دەپ ئاپىرىۋېتىدۇ؟. كەسكەنلەرنى شىخۇغا ياكى باشقا جايلارغا يۆتكەۋاتقانلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاۋاتىمىز. ماڭا بۇ ئۇچۇرنى مەلۇم قىلغۇچى دادام بىلەن قېيناتامنىڭ شىخۇغا ئەكېتىلگەنلىكىنى دېدى. قېيناتامنىڭ 7-8 يىل كېسىلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. دادام كېسىلدىمۇ، كېسىلگەن بولسا قانچە يىل كېسىلدى، بۇلارنى مەن ئۇقمايمەن. بۇنىڭدىن 3-4 ئاي ئاۋۋال دادامغا، قېيناتامغا سوت ئېچىلىدىكەن، دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان. شۇنىڭدىن بېرى ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىدۇق. كېيىن ماۋۇ تۇغقانلاردىن شىخۇدىكەن دېگەن گەپنى ئاڭلىدىم».
نۆۋەتتە، شېرىپجان ئەپەندى بىلەن بۈخەلچەم خانىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى مەلۇم ئەمەس. ئابدۇشۈكۈرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئاتا-ئانىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان «ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى» دەپ قارايدىكەن. ئۇ، بولمىسا چەتئەلگە چىقىپ باقمىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىشىنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوقلىغىنى بىلدۈردى.
ئابدۇشۈكۈر شېرىپجان: «مېنىڭ دادام غۇلجا شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپكە 30 يىل ئىشلەپ، مائارىپ جەھەتتە ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشقان ئادەم. بەلكىم چەتئەلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا غۇلجا شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپنى ئوقۇغان ھەرقانداق بىر ئوقۇغۇچىلىرى ياكى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن كەسىپداشلىرى بولسا شېرىپجان، دېسە تونۇيدۇ. دادام ئۆزى ناھايىتى ياۋاش، ئۆزىنىڭ كەسپىگە ناھايىتى مۇنتىزىم ئادەم ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىنى مەن، ھازىر بۇ ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال، ھەممىمىزنىڭ ئائىلىسى، پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن بىر ئىش بولغاچقا، ئۇلارنى ئومۇمىي سىياسەتنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى، دەپ ئويلايمەن.»
شېرىپجان ئەپەندى ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن 6-باشلانغۇچ مەكتىپى ئىلىنىڭ يېڭى زامان مائارىپ تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە نوپۇزلۇق مەكتەپلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ مەكتەپنى 1920-يىللاردا غۇلجىدىكى تاتارلار ئاچقان بولۇپ، «تاتار مەكتەپ» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان. بۇ مەكتەپ، شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئۇيغۇر 20-ئەسىر مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەرىكىتىدىكى نۇرغۇن شائىر، يازغۇچى، ئەدىب ۋە زىيالىيلارنىڭ ئۇلىنى سالغان باشلانغۇچ بىلىم يۇرتىدۇر. ئەمما بۇ مەكتەپ خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئۇيغۇر مائارىپىنى بىكار قىلىش ھەرىكىتىدە خىتاي باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلگەنىدى. بىز سەيشەنبە كۈنى بۇ مەكتەپكە تېلېفون قىلىپ، بۇ مەكتەپنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىزنى ھېچكىم ئالمىدى.
بىز 10-سېنتەبىر كۈنى شېرىپجان ئەپەندى ۋە بۈخەلچەم خانىملارنىڭ دۆڭ مەھەللە 11-كوچىدىكى ئۆيى قاراشلىق دۆڭ مەھەللە ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان بولساقمۇ، لېكىن مەزكۇر ساقچى پونكىتىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىز ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالماقچى بولساق، ساقچى پونكىتىغا كېلىشىمىز كېرەك ئىكەن. ئۇ، تۇتقۇنلارنىڭ ھازىر قايسى لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا: «بۇنى پونكىتىمىزغا ئۆزىڭىز كېلىپ سوراڭ، بولامدۇ. بۇنىڭغا جاۋاب بەرسەك بولمايدۇ. كەچۈرىسىز، بۇ ئىشلارنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىز كېلىشىڭىز كېرەك. سىز بۇ ئىشلارنى تېلېفوندا سورىسىڭىز بولمايدۇ» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
شېرىپجان مۇھەممەت ۋە بۇخەلچەم ئەمەتھاجىنىڭ ئامېرىكادىكى قۇدا-باجا تۇغقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئىككىيلەننىڭ 2018-يىلى 3-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان. مۇقەددەس زاكىر شېرىپجان مۇھەممەت ۋە بۇخەلچەم ئەمەتھاجىنىڭ قۇدا-باجىسىنىڭ سىڭلىسى. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇقەددەس خانىم 10-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شېرىپجان مۇھەممەت بىلەن بۈخەلچەم ئەمەتھاجىنى تۇتقۇن قىلىشىنىڭ ھېچقانداق سەۋەب يوق ئىكەن. ئۇ بۇخەلچەم ئەمەتھاجىنىڭ «بىر ئادەمگە ئازار بەرمەيدىغان شۇنچىلىك ئېسىل ئايال» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئوقۇتقۇچى شېرىپجان مۇھەممەتنىڭ ئاقىۋىتى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن چەتئەل تاراتقۇلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-ۋە 2018-يىللىرىدا نۇرغۇن كىشىنى قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەزگىل ئىچىدە 230 مىڭ كىشىنى قاماققا ۋە باشقا ھەر خىل جازالارغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تەپتىش ئورگانلىرى 2017-يىلى 227 مىڭ 661 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى، 2018-يىلى يەنە 114مىڭ 23 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى تەستىقلىغان. خەۋەردە، 2017-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 87 مىڭ كىشىگە قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.