سەھىبە سايرامئوغلى: «مەن ھاياتلا بولسام تاكى ئىنىم ئۆيگە قايتقۇچە سۆزلەشتىن توختىمايمەن»

0:00 / 0:00

بۇ يىل ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىرى تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق سەھىبە سايرامئوغلى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىز، X يەنى ئىلگىرىكى تىۋىتتېر سۇپىسىدا ئىنىسى قۇددۇسجان ئابدۇۋەلىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا رادىيومىز سەھبە بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ بورتالادا ياشاۋاتقان ئائىلىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ ئىنىسى ھەققىدىكى ھەر قانداق بىر ئۇچۇرنى خەلقئاراغا ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

بىز بۇ دېلونىڭ تەپسىلاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن، سەھىبە سايرامئوغلى بىلەن قايتا ئالاقە قىلدۇق. سەھىبە بۇ قېتىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىنىسىنىڭ قۇمۇلدىكى تۈرمىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى، ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن ھېچبىر خەۋەر يوقلۇقى، شۇنداقلا ئىنىسىنىڭ سەۋەبسىز ھەم قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سەھىبەنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىنىسى قۇددۇسجان ئابدۇۋەلى ، قاراماي كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنى بۇ يىل 6-ئايدا پۈتتۈرگەن ئىكەن. ئۇ، 7-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجادىن بورتالاغا قايتىش يولىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا يەرلىك ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ قۇمۇل ساقچىلىرى تەرىپىدىن قۇمۇل ۋىلايەتلىك تۈرمىگە يۆتكەپ كېتىلگەن. ھازىرچە قۇددۇسجاننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئائىلىسىدىكىلەرگە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مەزكۇر سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىغا قۇلاق سالغايسىلەر.