ئۇچتۇرپاندا سابىق ۋالىبول كوماندا ھۇجۇمچىسى ئابلەت باۋۇدۇن لاگېردا يېتىپ ھاساتاياقلىق بولۇپ چىققان

0:00 / 0:00

ئۇچتۇرپان ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ سابىق ۋالىبول كوماندا ھۇجۇمچىسى ئابلەت باۋۇدۇن، 2017-يىلى يىل بېشىدا لاگېرغا ئەكېتىلىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن بۆرىكىدىن چاتاق چىققان ۋە بەدەنلىرى ئىششىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىپ لاگېرىنىڭ مەشغۇلاتلىرىغا ماسلىشالمىغاندىن كېيىن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن. تېخى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا بىر مېتىر 90 سانتا ئېگىزلىكتىكى بويى، كېلىشكەن تەقى-تۇرقى ۋە ۋالىبول مەيدانىدىكى چەبدەس ھەرىكەتلىرى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاپ كەلگەن ئابلەت باۋۇدۇن، نۆۋەتتە ئىككى قولتۇقى ھاساتاياقتىكى ئاجىزانە ھالىتى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقان ۋە مەھەللە كويلىرىنىڭ يۈرىكىنى ئەزمەكتە.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇچتۇرپانلىقلاردىن بىرى بىر شەخسىي سۆھبىتىمىز داۋامىدا، ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدىكى بىر ۋالىبولچى ياشنىڭ لاگېردا ئىككى يىل يېتىپ ھاساتاياقلىق بولۇپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى. بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئۇچتۇرپان ئىماملىرىمدىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇچتۇرپاندىكى سابىق ۋالىبول كوماندا ھۇجۇمچىسى ئابلەت باۋۇدۇن، 2017 ‏-يىلى لاگېرغا تۇتۇپ كېتىلىپ، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن. لاگېرغا ۋالىبول مەيدانىدا توپ ئۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە تۇتۇپ ئەكېتىلگەن ئابلەت باۋۇدۇن، كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەندە ئىككى قولتۇقى ھاساتاياقلىق ھالەتتە ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە ئۆيىگە كىرگەن. دېيىلىشىچە، بۆرىكى زەخىملەنگەن ئابلەت باۋۇدۇن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئۇنىڭ يۈز-كۆزىدىكى ئىششىق تېخى يانمىغان، ئىششىق بەزىدە پۈتۈن بەدىنىگە تارقالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، لاگېر ئۇنى ۋالىبول مەيدانلىرىدىن ئەبەدىي ۋىدالاشتۇرغان؛ تىرىكچىلىكىنىڭ مەنبەسى بولغان كەنت بوغالتىرلىقىدىنمۇ ئايرىپ تاشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابلەت باۋۇدۇننىڭ ھاياتىدىكى ئوڭۇشسىزلىق، 2008-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بىر نومۇرى كەملەپ قېلىش بىلەن باشلانغان. ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبلىك قايتا ئوقۇش ۋە ئىمتىھانغا قاتنىشىشىغا ئىمكان بولمىغان. ئۇ پەقەت ئوتتۇرا مەكتەپ ۋالىبول كوماندىسىدىكى مەزگىلىدە ئېتىراپقا ئېرىشكەن توپ ماھارىتىنى جارى قىلدۇرۇش يەنى ئۇچتۇرپاندىكى ئىشتىن سىرتقى ۋالىبول كوماندىلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىش ئارقىلىق، مەنىۋى دۇنياسىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشقان. بەدەن ساپاسى ۋە كېلىشكەن تەقى-تۇرقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئابلەت باۋۇدۇن تەڭرى ئاتا قىلغان بۇ بايلىقىدىنمۇ مەھرۇم قېلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن.

مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرى، ئابلەت باۋۇدۇنغا كەنت ۋە يېزا كادىرلىرى، خىزمەت گۇرۇپپلىرىنىڭ ياخشى قاراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما مەۋجۇت رېئاللىقتىن مەلۇمكى بۇ «خەير-خاھلىق»، ئۇنىڭ لاگېر سەۋەبلىك يوقاتقانلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قادىر ئەمەس. ئابلەت باۋۇدۇن بولسا، بۇ خەيخاھلىققا ئەھمەت ئېيتىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئەمما، يوقاتقانلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا، ھەتتا لاگېردا نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئەمەس. چۈنكى ئۇ باشتىنلا ئېنىق بولمىغان جازا مۇددىتىنى تېخى تۈگەتكىنى يوق، ئۇ يەنىلا كېپىللىك ئاستىدا. ئابلەت باۋۇدۇننىڭ ئىختىيارسىز ھالدا تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كۆز ياشلىرى، ئۆز قىسمىتىگە قارىتا ئىسياننىڭ ئىنكاسىمۇ ياكى ئېغىزدىن چىقىرالمايۋاتقان دەرت-ئەلەملىرىنىڭ پارتلاپ چىقىشىمۇ ۋە بۆرەك زەئىپلىشىشىنىڭ تەبىئىي كېسەللىك ئالامىتىمۇ بۇ ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.