سانجى ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەكرەم ئىسلام تۇتقۇندا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سانجى ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەكرەم ئىسلام مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
سانجى ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەكرەم ئىسلام مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Rizwan’gül teminligen

يېقىندا رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن رىزۋانگۈل خانىم رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، سانجىدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر-قازاق ئوتتۇرا مەكتىپى بولغان ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان مۇئاۋىن مۇدىرى ئەكرەم ئىسلام، مەكتەپ مۇدىرى ئىسھاق مۇئەللىم ۋە بىرقانچە ئوقۇتقۇچىنىڭ 2018-يىلى قىشلىق تەتىلدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

21-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى رىزۋانگۈل خانىم، رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مەكتەپتىن تۇتقۇن قىلىنغان مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەكرەم ئىسلامنىڭ ئۆزىنىڭ قېيىن ئاكىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى سانجىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن يېقىندا خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

رىزۋانگۈل خانىم يەنە مەزكۇر مەكتەپنىڭ باش مۇدىرى ئىسھاق مۇئەللىم ۋە ئۇنىڭ مەزكۇر مەكتەپتىكى ئايالى شائادەت مۇئەللىم، رەيھان مۇئەللىم قاتارلىقلارنىڭمۇ 2018-يىلى قىشلىق تەتىلدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

رىزۋانگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەكرەم ئىسلام، 1971-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ 1989-يىلغىچە سانجى ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1994-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئانا مەكتىپى سانجى ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ تەقسىم قىلىنغان. شۇندىن بۇيان ئەكرەم ئىسلام ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈپ كۆپ قېتىم ئىلغار ئوقۇتقۇچى بولۇپ تەقدىرلەنگەن. 2013-يىلى مەزكۇر مەكتەپ سانجىدىكى خىتاي تىللىق مەكتەپلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا سانجىدىكى گۇڭخۇئا ئوتتۇرا مەكتىپىگە يۇقىرى مائاش بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئەكرەم ئىسلام 2015-يىلى سانجى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن سانجى ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى قىلىپ تەيىنلەنگەنىكەن.

بىز سانجى ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن تۇتقۇن قىلىنغان مەكتەپ مۇدىرى ئىسھاق ۋە مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەكرەم ئىسلام ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن، گوگۇل تورىدىن ئىزدەش ئارقىلىق سانجى ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە، سانجى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە سانجى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق جايلارغا تېلېفون قىلدۇق.

گوگۇل تورىدىن ئىزدەش ئارقىلىق، ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرقانچە تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلدۇق. ئەمما قىلغان تېلېفونلىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇلانمىدى. مەكتەپ ئىلمىي باشقارمىسىغا قىلغان تېلېفونىمىزنى ئالغان ئەر خادىم، تېلېفوننىڭ سانجى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىگە ئۇلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خادىمدىن سانجى ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەكرەم ئىسلامنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئاۋۋال سانجى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان مۇئاۋىن مۇدىرنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئاندىن ئۇ تېلېفوننىڭ سانجى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىگە ئۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىدىن سورىشىمىزنى ئېيتتى.

ئەمما ئۇ يەنە ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلگىرى ھەقىقەتەن مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپ ئىكەنلىكىنى، ئەمما كېيىنچە خىتايچە مەكتەپ بىلەن قوشۇۋېتىلگەنلىكىنى، قالغان كونكرېت ئەھۋالدىن ئۆزىنىڭ خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇنىڭ ئاۋازى ئاياغلاشمايلا تېلېفون ئۈزۈلۈپ كەتتى.

تەكرار ئۇرغان تېلېفونىمىزنى ئالغان سانجى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر خادىمىدىن، سانجى ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئىسھاق ۋە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئەكرەم ئىسلامنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئەھۋالدىن ئېنىق خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىگە قىلغان تېلېفونىمىزنى بىر ئايال خادىم ئالدى.

ئۇنىڭدىن ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەكچى ئىكەنلىكىمىزنى سورىدۇق، ئۇ جاۋاب بېرىپ نېمە ئەھۋال ئىگىلىمەكچى ئىكەنلىكىمىزنى سورىدى.

ئاندىن ئۇ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەكرەم ئىسلامنىڭ تەربىيەلەش مەركىزىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋىرى بار يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، «شۇنداق» دەپ تەستىقلىدى.

ئەمما ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «بۇ ئىشلار بىزنىڭ دائىرىمىزدە ئەمەس، بىز ھازىرچە سەۋەبىنى ئېنىق بىلمەيمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئەمما ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بۇ ئايال خادىمىدىن سانجى ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تېلېفونىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇلانمىدى، مەكتەپ يەنىلا مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپ ھالىتىدىمۇ ياكى ئۆزگەرتىلدىمۇ؟ دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ جاۋاب بېرىپ، ھازىر بۇ مەكتەپنىڭ مىللىي-خىتاي بىرلەشتۈرۈلگەن مەكتەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2014-يىلى ئامېرىكاغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن رىزۋانگۈل خانىم يەنە ئۆزىنىڭ ئانا مەكتىپى سانجى ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىتاي مەكتىپى بىلەن قوشۇۋېتىلىشتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سانجى ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپ، 1980-1990-يىللاردا سانجىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر-قازاق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغان مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپ ئىكەن. مەزكۇر مەكتەپكە سانجى ئوبلاستىغا قاراشلىق ناھىيىلەردىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق بالىلىرى كېلىپ ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىكەن. ئۇ 1995-يىلى مەزكۇر مەكتەپنى تۈگەتكەن چاغدا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا قىسمىدىلا 2 سىنىپ ئۇيغۇر، ئىككى سىنىپ قازاق ئوقۇغۇچى بولۇپ، شۇ يىلى 160 ئوقۇغۇچى مەكتەپ تۈگەتكەن. شۇ يىلى مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانى 1000 نەپەردىن ئاشىدىكەن.

رىزۋانگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2013-يىلى مەزكۇر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا قىسمى، سانجىدىكى خىتاي مەكتىپى يەنى سانجى 1-ئوتتۇرا مەكتىپىگە قوشۇۋېتىلگەن. مەكتەپنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قىسمى سانجىدىكى مىللىي 4-باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ يەنىلا سانجى ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپ نامىدا ئاتالغان. تاكى 2018-يىلى ئۇنىڭ قېيىناكىسى ئەكرەم ئىسلام تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر، مەكتەپنىڭ باش مۇدىرى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرلىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۇيغۇر ۋە قازاق ئوقۇتقۇچىلار ئۆتىگەن. مىللىي ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ كەلگەنىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت