قەشقەردە قامال مەزگىلىدە تۈرمىدىن چىققان ئالىمجان ئابدۇرېشىت 40 كۈندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان
2022.10.27

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۆلۈم-يېتىم ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ۋە رەتلەش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان «نۇرخېنىم ئۇيغۇر» ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ ئۆتكەن ھەپتە فەيسبوك بېتىدە خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن قەشقەر توققۇزاقلىق ئالىمجان ئابدۇرېشىت 2-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇشتۇمتۇت جان ئۈزگەن. خەۋەردە ئالىمجاننىڭ لاگېردىن چىقىپ ئۆلگەنلىك ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئالىمجان ئابدۇرېشىتنىڭ قاماقتىن چىقىپ قامال تۇتۇلغانلىقى، يەنى جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ 40 كۈندىن كېيىن، جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
«تىك-توك» تىكى ئۆلۈم-يېتىم ئۇچۇرلىرىنى ئىزچىل توپلاپ كېلىۋاتقان «نۇرخېنىم ئۇيغۇر» ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ فەيسبوك بېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، قەشقەر توققۇزاقلىق ئالىمجان ئابدۇرېشىت، قامال مەزگىلىدە يەنى مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى 27 يېشىدا ئۇشتۇمتۇت جان ئۈزگەن. خەۋەردە «تىك-توك» تىكى ئىنكاسلارغا ئاساسەن، ئالىمجان ئابدۇرېشىتنىڭ لاگېردىن چىقىپ ئۆلگەنلىك ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا توققۇزاقلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى ئالىمجان ئابدۇرېشىتنىڭ توققۇزاق بازار ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكى، لېكىن يېڭىشەھەر ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر مەزگىل قوغداش خىزمىتى ئىشلىگەنلىكى ۋە 2017-يىلى لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يېڭىشەھەر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بىر نۆۋەتچى خادىمى، بۇ مەكتەپتە ئىلگىرى ئالىمجان ئىسىملىك بىرسىنىڭ خىزمەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. يېڭىشەھەردىكى ئالاقىدار بىر ئاھالىلەر كومىتېتى خادىمى، ئالىمجان ئابدۇرېشىتنىڭ مەزكۇر مەكتەپتە قوغداش خىزمىتى ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەنلىكى ۋە بۇ يىل جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىپ 40 كۈندىن كېيىن جان ئۈزگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ ئالىمجاننىڭ ئۆلۈم سەۋەبىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
«نۇرخېنىم ئۇيغۇر» توپلىغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە ئۆلۈم ئۇچۇرى ئاشكارىلانغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلار بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى لاگېر ۋە تۈرمىلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى سەۋەبلىك تەنلىرى ئاجىزلاشقان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا قويۇپ بېرىلگەنلەر ئىكەن. شۇڭا ئالىمجان ئابدۇرېشىت ھەققىدىكى ئۇچۇردا، ئۇنىڭ لاگېردىن چىقىپ تۈگىگەنلىك ئېھتىماللىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئەمما يەنە بەزى ئىنكاسلاردا قەيت قىلىنىشىچە، لاگېر ۋە تۈرمىدىن چىققانلارنىڭ قاماقتىن قامالغا تۇتۇلۇشى، ئۇلارنى داۋالىنىش ۋە كۈتۈنۈش ئىمكانلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرغان ۋە تەنلىرىنى تېخىمۇ زەئىپلەشتۈرۈپ، ئۆلۈم قەدىمىنى تېزلەشتۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئۆزلىرىنىڭ بىر ئىچكى يىغىنىدا، ئۇيغۇر رايونىدا يۇقۇمدارلار سانىنىڭ زور دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە يۇقۇم قامالىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە كۈچلەندۈرۈشنى بۇيرۇق قىلغان ئىدى. رەسمىي ئاخباراتتا ئەمەس، تىك-توك ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغان بۇ بۇيرۇقتا، توكى ۋە سۈيى مەۋجۇتلا بولغان ئورۇننى كارانتىن ئورنى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ فەيسبوكىدىكى بىر سىن ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەتتا يېقىندا بىر ئاممىۋى ھاجەتخانا توك ۋە سۈيى بولغانلىقى ئۈچۈنلا كارانتىن ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن.
ئەمەلىيەتتە توك ۋە سۇ شارائىتى بولمىغان ئورۇنلارنىمۇ كارانتىن ئورنى قىلىپ ئىشلىتىش، رايوندا قامال باشلانغاندىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ رايوندىكى ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىنىڭ كۈپىيىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى بولغان.
مەسىلەن، غۇلجا كېپەكيۈزى ئاھالىلىرىدىن خالمۇرات، توك ۋە سۈيى بولمىغان بىر ئۆيگە قاماپ قويۇلغانلىقى ئۈچۈن ھاياتلىق ئىمكانىدىن ئايرىلىپ جان ئۈزگەن.
يۇقىرىقى ئالاقىدار ئاھالىلەر كومىتېتى خادىمى قەشقەر توققۇزاقلىق ئالىمجان ئابدۇرېشىتنىڭ تۈرمىدىن كېسەل ھالەتتە چىققانلىقى ۋە ياكى قامال مەزگىلىدە ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئەمما ئۇ، ئالىمجاننىڭ تۇتۇلۇشتىن ئىلگىرى تەن-سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.