دوغان ئەردوغان: «تۇرسۇنجان ئەمەت شېئىر ئوقۇغانلىقى، قىزىنى ماڭا ياتلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەن»

0:00 / 0:00

ھازىر قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان تۈركىيە پۇقراسى دوغان ئەردوغان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا تونۇلغان شائىر، يەنى قېيناتىسى تۇرسۇنجان ئەمەت بىلەن ئۇنىڭ ئايالى، يەنى قېينانىسى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ سىڭلىسىنىڭ جازا لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قېيىن ئاتىسى تۇرسۇنجان ئەمەت 18 يىل بۇرۇن يېزىپ دېكلاماتسىيە قىلغان بىر پارچە شېئىرى ۋە ئۇنىڭ قىزىنىڭ ئۆزىدەك تۈرك بىلەن توي قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھازىر قازاقىستاندا تۇرۇۋاتقان دوغان ئەردوغان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيەنىڭ دىيارباقىر ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان تۈرك پۇقراسى، ئىسمىم ۋە فامىلەم دوغان ئەردوغان. مەن تۇنجى بولۇپ 2013-يىلىدا ئۈرۈمچىگە ئىشلىگىلى بېرىپ، بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتقان ئىدىم».

دوغان ئەردوغان ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم بارغىنىدا ئۇيغۇر قىزى بىلەن توي قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «2016-يىلى قايتا ئۈرۈمچىگە باردىم. ئۇ يەردىن غۇلجىغا باردىم. ئۇ يەردە ھازىرقى ئايالىم بىلەن توي قىلدىم. لېكىن خىتاي ماڭا تۇرۇش رۇخسىتى بەرمىگەچكە ھەر ئۈچ ئايدا ياكى 6 ئايدا بىر قېتىم تۈركىيەگە بېرىپ يېڭىدىن ۋىزا ئېلىپ ئايالىمنىڭ يېنىغا باراتتىم. ئايالىمدىن پەرزەنت كۆردۈم، بىز ھەر جەھەتتىن ياخشى كېتىۋاتاتتۇق».

خىتاي ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگۈزمىگەچكە ھازىر ئۇيغۇر دىيارى بىلەن قازاقىستان چېگراسىدا تۇرۇۋاتقان دوغان ئەردوغان ئەپەندى قېيناتىسى بىلەن ئايالىنىڭ سىڭلىسىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان جازا لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ۋە پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولغىنىدەك ئىككى يىلدىن بۇيان جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىش يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ ۋەقەدە قىزىنى تۈرك بىلەن توي قىلدۇرغانلىقى ۋە 2002-يىلى يېڭى يىل كېچىلىكى پائالىيىتىدە دېكلاماتسىيە قىلغان بىر پارچە شېئىرى تۈپەيلى قېيىن ئاتام تۇرسۇنجان ئەمەت بىلەن ئايالىمنىڭ سىڭلىسى نازىلە تۇرسۇن بىر يىلدىن بۇيان جازا لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. بىر يىلدىن بۇيان ماڭا ۋىزا بەرمىگەچكە قازاقىستان-خىتاي يىپەك يولى ئورتاق بازىرى بولغان قورغاستا تۇرۇۋاتىمەن».

«سىز تۈركىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ توغرىلىق تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنى ئىزدىدىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىغا كۆپ قېتىم تېلېفون قىلىپ ئىلتىماس قىلدىم، ھازىر مېنىڭ قىزىم بىر يېرىم ياشتا قېينانام ئېغىر كېسەل، يېقىندا ئايالىمنىمۇ لاگېرغا ئېلىپ كېتىپتۇ. تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ھەر قېتىم تېلېفون قىلغىنىمدا مۇناسىۋەتلىك يەرلەرنى ئىزدەۋاتىمىز ئەمما جاۋاب كەلمەيۋاتىدۇ دەيدۇ. شۇڭا تۈرك ئەلچىخانىسىدىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئىلتىماس قىلدىم. ئاۋازىمىز بولۇشۇڭلارنى ئىلتىماس قىلىمەن» ›

دوغان ئەردوغان ئەپەندى قېيناتىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قېيناتام ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر ئەدەبىياتچىلار ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئابرۇيلۇق شەخس ئىدى. ئۇيغۇرنىڭ ئولتۇرۇشلىرىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلاتتى. غۇلجىغا كەلگەن داڭلىق كىشىلەر چوقۇم ئۇنى ئىزدەپ كۆرۈشۈپ كېتەتتى. 2002-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىدە شېئىر ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن كۆپ قېتىم تۇتۇپ كېتىلىپ قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما بۇ قېتىمقى دولقۇندا ئۇنى سولاپ بىر يىلدىن بۇيان قويۇپ بەرمىدى».

دوغان ئەردوغان ئەپەندى ئۇلارنىڭ تېررورىزم بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىغىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قېيناتام تۇرسۇنجان ئەمەت بىلەن ئۇنىڭ قىزى نازىلە تۇرسۇننىڭ تېررورچىلىق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. تېررورچىلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان بولسا مەن قۇتۇلدۇرىمەن دەپ تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلىرىگە تېلېفون قىلىپ يۈرمەيتتىم. قىزىنى مەن بىلەن توي قىلدۇرغانلىقى ۋە 18 يىل بۇرۇن يېزىپ دېكلاماتسىيە قىلغان بىر پارچە شېئىرى تۈپەيلى ئەكىركېتىپتۇ».

بىز تۇرسۇنجان ئەمەت توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن غۇلجا شەھەرلىك يېڭى يەر ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ جاۋاب ئالالمىدۇق.

تۇرسۇنجان ئەمەت، شائىر ۋە يازغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى نۇرغۇن ناخشىچىلار ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇغان. ھازىر گېرمانىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكار ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى تۇرسۇنجان ئەپەندىنى ياخشى تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆز مىلىتىنى سۆيىدىغان تالانتلىق شائىر يازغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۇرسۇنجان ئەمەت 2001-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئاتاقلىق تەمبۈرچى نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ تەمبۈر كېچىلىكىدە سەھنىگە چىقىپ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن خىزمەتتىن ھەيدىۋېتىلگەنىدى. شۇ ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش» نامىدا ھەرىكەت باشلىغانىدى.