خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ۋە جازا لاگېرلىرىنى ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

0:00 / 0:00

رىم پاپاسىنىڭ «بىچارە ئۇيغۇرلار» ئىبارىسى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. خىتاي قەشقەردىكى لاگىرلارنى «مەكتەپ، سانىتورىيە، باغچا» دەپ ئاتىدى.

گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتىنىڭ 29-نويابىردىكى «پاپانىڭ ‹بىچارە ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى› دېگەن سۆزلىرى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، رىم پاپاسى فرانسىسكۇس 1-دېكابىر نەشىردىن چىقىدىغان «چۈش كۆرۈشكە جۈرئەت قىلايلى» ناملىق كىتابدا تەھدىت ئاستىدا قالغان خەلقلەر ئۈستىدە توختالغاندا «خىتايدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. بۇنىڭغا قارىتا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىنكاسى تېزلىكتە يېتىپ كەلگەن.»

خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى پاپا فرانسىسكۇسنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەنقىدىنى رەت قىلدى. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن: «فرانسىسكۇسنىڭ يېڭى كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان خىتايدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ ئاساسى يوق،» دېگەن.

خەۋەردە ئۇلاپلا مۇنداق دېيىلىدۇ: «‹خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقى تولۇق ھوقۇققا ئىگە، › دېگەن جاۋ لىجيەن 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر قامالغان جازا لاگېرلىرىنى تىلغا ئالمىدى.»

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، پاپا فرانسىسكۇس «چۈش كۆرۈشكە جۈرئەت قىلايلى» ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ بىرى قاتارىدا سانىغان. ئۇ كىتابىدا «روھىنگالار، بىچارە ئۇيغۇرلار، يەزىدىلەر، بۇلارغا قىلىنىۋاتقانلىرى رەھىمسىزلىكتۇر،» دەپ يازغان.

رىم پاپاسى فرانسىسكۇس تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئۆز كىتابىدا تىلغا ئېلىپ «بىچارە ئۇيغۇرلار» ئىبارىسىنى قوللىنىشتىن ئىلگىرى، ئەنگىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى دۆلەتلەردىكى كاتولىك چېكاۋلىرىنىڭ ئېپىسكوپلىرى پاپادىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى.

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇ ئەپەندى رىم پاپاسىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سۆزى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسلىرى توغرىسىدا قاراشلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى.

«خىتاي ئىنتېرنېت ئۇچۇر مەركىزى» نىڭ گېرمانچە سەھىپىسىدە 29-نويابىر ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ غەرب ئاقىللار ئامبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى پۇقراۋىي ئورگانلارغا تۆھمەت قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە تىلغا ئېلىشىچە، «شىنجاڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى غەرب ئاقىللار ئامبىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھدىن تارتىلغان سۈرەتلەردىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ توغرىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى ۋە پۇقراۋى ئورگانلارغا بىمەنە تۆھمەت چاپلىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.»

خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەت جۈمە كۈنى قىلغان سۆزىدە، ئاۋىسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى شىنجاڭدىكى سېپىللىك بىنالارنى ‹تۈرمە، لاگېر› دەپ ئاتىماقتا. بۇ پەقەت ئاممىنى قايمۇقتۇرۇش تاكتىكىسىدۇر. ئەمەلىيەتتە بۇلار پۇقراۋى ئورگانلاردۇر. قەشقەردىكى بۇ ‹تۈرمە، لاگېر› لار ئەمەلىيەتتە يەرلىك ياشانغان كىشىلەرنىڭ سانىتورىيەلىرى، باغچىلار ۋە مەكتەپلەردىن ئىبارەت.»

ئېلىجان ئىنايەت سۆزىدە «شىنجاڭ تاشقىي دۇنياغا ئوچۇق. شىنجاڭنى چۈشىنىش ئۈچۈن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. شىنجاڭ ئوبىيېكتىپ ۋە بىتەرەپ چەتئەللىكلەرنىڭ ئاپتونون رايوننى زىيارەت قىلىپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشىنى قارشى ئالىدۇ،» دېگەنلەرنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكەن.

خەۋەردە يەنە مۇنداق سانلىق مەلۇماتلار تىلغا ئېلىنىدۇ: «شىنجاڭدىكى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› قا قارىتا ئېلىجان ئىنايەت بىرقانچە مەلۇماتنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2010-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سانى 2 مىليون 870 مىڭ كىشى ئېشىپ، نوپۇسى 12 مىليون 980 مىڭدىن 15 مىليون 860 مىڭغا يەتتى. يەنى 22. 14 پىرسەنت كۆپەيدى. ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 2 مىليون 540 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، نوپۇسى 10 مىليون 100 مىڭدىن 12 مىليون 720 مىڭغا يەتتى. يەنى 25. 04 پىرسەنت كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەنزۇلارنىڭ سانى 176 مىڭ 900 كىشى ئېشىپ، نوپۇسى 8 مىليون 830 مىڭدىن 9 مىليونغا يەتتى. يەنى 2 پىرسەنت كۆپەيدى. بۇ پاكىت ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى نەزەردە تۇتقاندا، ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېگەن گەپ نەدىن پەيدا بولدى؟»

ئۇيغۇر زىيالىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئېىجان ئىنايەت ئوتتۇرىغا قويغان بۇ سانلىق مەلۇماتلار توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ: «بۇ مەلۇماتلارنىڭ گۇمان قوزغايدىغانلىقى» ى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئېلىجان ئىنايەتنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئۇقۇمىدىن ساۋاتسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.