غۇلجا دۆڭمازاردا 40 يىللىق پارتىيە ئەزاسى، 30 يىللىق ئاياللار مۇدىرى، 73 ياشلىق رۇقىيە ئوسمان 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن

0:00 / 0:00

ياش-قېرى ئايرىماسلىق، ئۆتمۈشىدىكى تۆھپىسى بىلەن ھېساپلاشماسلىق پەقەتلا خاتالىقىنى تارتىپ ئاچىقىش-ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى 4 يىلدا داۋام قىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ خاسلىقلىرىدىن بىرىدۇر. غۇلجا ناھىيە دۆڭمازار بازىرىدا 40 يىللىق پارتىيە ئەزاسى 73 ياشلىق رۇقىيە ئوسمان 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. خىتاي سوتى سابىق ئاياللار مۇدىرى رۇقىيە ئوسماننىڭ 30 يىللىق خىزمەت تارىخىدىكى تۆھپىلىرىنى نەزەرگە ئالمىغان، ئۇنىڭ پەقەت بىر قېتىملىق تەبلىغقە قاتنىشىپ قالغانلىقىنى ئۇنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئۆلچەم قىلغان

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمازار بازىرىدا 30 يىل كەنت ئاياللار مۇدىرى بولۇپ ئاكتىپ خىزمەت ئىشلىگەن رۇقىيە ئوسمان، خىزمەت جەريانىدا پىلانلىق تۇغۇتقا ئەمەل قىلماي قالغان كۆپ ساندا كىشىلەرنى سوراق قىلغان. ھامىلىدار ئاياللارنى بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن دوختۇرخانىلارغا يالاپ ئېلىپ بارغان. مۇقىملىققا ئائىت كۆپ ساندىكى ئاتالمىش «جىنايەت يىپ ئۇچلىرى» نى يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىدار ئورگانلارغا مەلۇم قىلغان. ئۇ بۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن يېزا، ناھىيە ۋە ۋىلايەت تەرىپىدىن كۆپ قېتىملاپ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئەمما 2017‏-يىلىغا كەلگەندە ئۇمۇ مەھەللەداشلىرى قاتارىدا خىتاي دۆلەت بىختەرلىك كۈچلىرىنىڭ تۆمۈر ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزۇلۇپ سوراق قىلىنغان. سوراقتا 10 يىل ئاۋۋال قاتناشقان بىر قېتىملىق ئۆلۈم مۇراسىمىدا تەبلىغ ئاڭلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن «ھېساب» بەرگەن. غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار خادىملار، رۇقىيە ئوسمان ھەققىدە گەپ ئېچىشتىن ئۆزىنى تاررتى. ئىنكاس قىلىنىشىچە، شۇ چاغدا 73 ياشلىق رۇقىيە ئوسمان سوراق جەريانىدا ئۆزىنىڭ 30 يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە قىلغان خىزمەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ دۆۋە-دۆۋە گۇۋاھنامىلىرىنى كۆرسەتكەن؛ ئەمما سوراقتا ھېچكىم بۇ پاكىتلارغا پەرۋا قىلمىغان. ئۇ يەنىلا بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈلۈپ سوراقاخانىدىن قاماقخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن.

غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر ساقچىخانا باشلىقى رۇقىيە ئوسماننىڭ دېلوسىنى سىياسىي قانۇنغا مەسئۇل سېكرىتارنىڭلا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز بۇ ساقچىخانا باشلىقى تەمىنلىگەن تېلېفون نومۇرىغا ئاساسەن ئەھۋالدىن خەۋەردار سىياسىي-قانۇن خادىمىدىن مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ دۆڭمازار بازىرىدىن تۇتۇلغانلار ئارىسىدا رۇقىيە ئوسمان ئىسىملىك بىرى بارلىقىنى دەلىللىدى.

ئىنكاسچىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇقىيە ئوسمانئىككىنچى قېتىملىق سوراقتا شۇ كۈنكى ئۆلۈم مۇراسىمىغا پايلاقچىلىق ئۈچۈن بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دىنىي ئەسەبىي» لەردىن چېگرا ئايرىپ باققان بولسىمۇ، ساقچىلار بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن. ئەكسىچە بۇ تەبلىغنى ئەينى ۋاقىتتا دوكلات قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ بېشىغا «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» تىن ئىبارەت تېخىمۇ چوڭ بىر قالپاقنىڭ كىيىلىشىگە سەۋەب بولغان ۋە يېزىلىق قاماقخانىدىن ناھىيەلىك قاماقخانىغا يۆتكەلگەن.

رۇقىيە ئوسمان ناھىيەدىكى سوراقتا ئۇ شۇ تەبلىغغە قاتناشقان يىللاردا تەبلىغنىڭ چەكلەنمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە تەبلىغدە زىيانلىق بىر مەزمۇننى بايقىمىغانلىقى ئۈچۈن دوكلات قىلمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنى ئاقلىغان. ئەمما سوراق نۆۋىتى باشقىلارغا يۆتكىلىپ، بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈلگەن ھالاتتە قاماقخانىغا يۆتكەلگەن.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، 2017-يىلى 6-ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەن رۇقىيە ئوسمان، قاماقتىكى 2 يىللىق ھاياتىدا بىر كۈنى بىرلىرى كېلىپ ئۇقۇشماسلىق بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قولىدىكى كويزىنى چىقىرىۋېتىشىنى كۈتۈپ ياتقان. 2019-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىداسوتقا تارتىلىپ، 17 يىللىق كېسىۋېتىلىشىنى پەرەز قىلمىغان. 50 يىللىق پارتىيە ئەزاسى رۇقىيە ئوسمان غۇلجا شەھىرىكى بايكۈل تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

خەۋەر ئارخىپلىرىمىزدىن كۆرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى كورلادا سابىق نەمۇنىچى سېكرېتار زىياۋۇدۇن چورۇقنى 82 يېشىدا تۇتقۇن قىلغان. تۇرپان چاتقالدا 30 يىللىق ساقچىخانا باشلىقى ھەبىبۇللا ئابدۇلنىمۇ 80 يېشىدا لاگېرغا ئەكەتكەن ئىدى.