ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا كەلگەن بىر نامسىز ئىنكاستا توقسۇن ناھىيەسىنىڭ بوستان يېزىسىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن شاھزادىگۈل تۆمۈر ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ بۇلتۇر 9-ئايدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بىر فابرىكادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بايان قىلىنغان. خەتتە دېيىلىشىچە، شاھزادىگۈل تۆمۈر لاگېرغا ئەكىتىلىپ بىر يىلدىن كېيىن ئاشقازىنى ئاغرىشقا باشلىغان. شاھزادىگۈل سالامەتلىكىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى لاگېر مەسئۇللىرىغا مەلۇم قىلغنىدا، مەسئۇل خادىملار ئۇنىڭ بۇ خىل شىكايەتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ شىكايىتىگە پەرۋا قىلمىغان. نەتىجىدە ئاشقازان ئاغرىقى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ بۇلتۇر9-ئايغا كەلگەندە مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانىدا قان قۇسۇپ ھۇشىدىن كەتكەن ۋە ھاياتىدىن ئايرىغان. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئۆلۈم خەۋەرىنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، شاھزادىگۈل تۆمۈر توقسۇن ناھىيەسىنىڭ بوستان يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇ 2018-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى لاگېرغا ئەكىتىلگەن ۋە ئۆتكەن يىلى 9-ئايلاردا لاگېردىن جەسىتى چىققان. دېيىلىشىچە، ئۇ سالامەتلىكىدىن مەسىلە چىقىپ جان ئۈزگەن مەزگىلىدە توقسۇننىڭ ئالغۇي يېزىسىدىكى بىر پايپاق زاۋۇتىدا، زور بىر تۈركۈم لاگېر تۇتقۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئىكەن. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن توقسۇن ناھىيەلىك ۋە بوستان يېزىلىق ئالاقىدار ئىدارە ئورانلارغا تېلېفون قىلدۇق.
رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا يەنە شاھزادىگۈلنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە مۇنۇلار قەيت قىلىنغان: ئەزەلدىنلا تاماق ئىشتىھاسى ياخشى بولمىغان شاھزادىگۈل تۆمۈر لاگېرغا ئەكىتىلگەندىن كېيىن، خېلى كۈنلەرگىچە گېلىدىن تاماق ئۆتمىگەن. بۇ ئەھۋال لاگېر خادىملىرى تەرىپىدىن «ئاچلىق ئېلان قىلىش» دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ قاتتىق سوراق قىلىنىشى ۋە قېيىن-قىستاققا ئېلىنىشىغا سەۋەپ بولغان. ئۇنىڭ بۇرۇندىن بار بولغان تاماق تاللاش ئادىتىنى چۈشەندۈرۈشكىمۇ پۇرسەت بولمىغان.
بىز بوستان يېزىسىدىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ بىرىدىن «بۇ يېزىدا ئۆتكەن يىلى جوڭتەي لاگېرىدىكى ئىش مەيدانىدا جان ئۈزگەن ئايال كىم؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ «شاھزادىگۈل تۆمۈر» دەپ جاۋاپ بەردى، ئەمما ئۇ شاھزادىگۈلنىڭ لاگېرغا تۇتۇلۇشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
ئىنكاستا دېيىلىشىچە، لاگېردىكى سوئال-سوراق ۋە قېيىن-قسىتاقتىن كېيىن، شاھزادىگۈل لاگېر تاماقلىرىغا قارىماققا كۆنگەندەك قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاشقازىنىدا بىر مەزگىل بىئارامچىلىق داۋام قىلغان، كېيىنچە قاتتىق ئاغرىشقا باشلىغان. ئەمما شاھزادىگۈل سالامەتلىكىدىكى بۇ ناچارلىشىشنى لاگېر خادىملىرىغا دوكلات قىلىشقىمۇ پېتىنالمىغان. ئارىلىقتا قۇسۇپ-ياندۇرۇپ يۈرگىنىدە لاگېر خادىملىرى ئەھۋالغا شاھىت بولغان بولسىمۇ، ئەمما خادىملار يەنىلا شاھزادىگۈلنىڭ راست ئاغرىلقىقىغا گۇمان بىلەن قارىغان. ئۇ ئاخىرىقى قېتىم ئىش مەيدانىغا ئېلىپ مېڭىلغاندا، ئۆزىنىڭ بېشى قېيىۋاتقانلىقى ۋە ماغدۇرسىزلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، خادىملار مىڭلارچە مەجبۇرىي ئىشچى قاتارىدا ئۇنىمۇ سەپكە تىزىلدۇرۇپ ئىش مەيداىغا ئېلىپ بارغان. ئىنكاستا دېيلىشىچە، ئۇ ئۆزى ئىشلەۋاتقان پايپاق زاۋۇتىدا ئىشقا چۈشۈپ ئىككى سائەتتىن كېيىن ھۇشىدىن كەتكەن ۋە قان-قۇسۇپ يەرگە يېقىلغان. خادىملار ئۇنى لاگېر دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ ئەھۋالنىڭ خەتەرلىكىنى كۆرگەن، ئاخىرىدا ئۇنى يول ئۈستىدىكى بىر يېزا دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كىرگەن، ئەمما ئۇ بۇ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇشقا ئۆلگۈرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان.
توقسۇندىكى ساقچى خادىملىرىدىن بىرى، شاھزادىگۈل تۆمۈرنىڭ لاگېردىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقى ۋە داۋالاش كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، ئۆيىگە قايتۇرۇلۇپ ئۆيىدە جان ئۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. مەزكۇر خادىم يەنە شاھزادىگۈل مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان زاۋۇتنىڭ پايپاق زاۋۇتى ئىكەنلىكىنىمۇ دەلىللىدى.
ئۇ يەنە شاھزادىگۈل تۆمۈرنىڭ «ئۆپكىسىدىن مەسىلە چىقتى» دەپ ئاڭلىغانلىقى، ئەمما دىياگنوز ۋە كېسەل تارىخىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئاشقازان كېسىلىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.
ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر لاگېر ساقچسى لاگېردىكىلەرنىڭ تاماق تاللاش ھوقۇقى يوقلۇقى، ئالدىغا كەلگەن تاماقنى يېيىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى، مەجبۇرى يېگۈزلگەن بۇ تاماقلارنىڭ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىلەن ھېساپلاشمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلغان ئىدى. تىببىي مۇتەخەسسىسلەرمۇ لاگېرنىڭ تاماق شارائىتىنىڭ كۆپ ساندىكى تۇتقۇنلارنىڭ زەئىپلىشىشى ۋە سالامەتلىكىنىڭ كېرەكتىن چىقىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشقان ئىدى.
يۇقۇرىدا لاگېر تۇتقۇنى شاھزادىگۈل تۆمۈرنىڭ لاگېردا ئاشقازىنىدىن مەسىلە چىققانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان فابرىكادا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.