كەنت ساقچىسى: «يېزىمىزدىكى 8 مەسچىتتىن 6 سى چېقىلدى، 70 چە مەسچىت ھەيئىتىدىن 50 نەچچە نەپىرى كېسىلدى»
2023.02.09
مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ مازار يېزىسىدىكى 8 مەسچىتتىن 6 سى چېقىۋېتىلگەن؛ 2017-يىلى بۇ مەسچىتلەردىكى 70 چە مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتىدىن 50 نەچچىسى كېسىۋېتىلگەن. 50 ياشتىن تۆۋەن ئاياللارنىڭ بېشىغا بىر قېتىم ياغلىق ئارتقانلىقى بايقالسا، 24 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلۇش جازاسى بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارادىكى بىر قىسىم ئىسلام دۇنياسىغا ئائىت مەسىلىلەردە بىلدۈرگەن باياناتلىرىدا ئۆزلىرىنى «مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىچىسى» قىلىپ كۆرسىتىشنى ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ ئۆتكەن ھەپتدىكى ئاخبارات باياناتىدا، شىۋېتسىيەدىكى قۇرئان كۆيدۈرۈش ۋەقەسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ دىن ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا دىيالوگنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى، شۇڭا مۇسۇلمانلار دۇنياسى بىلەن ھەمكارلىقنى ياخشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تور دۇنياسىدىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ چاقىرىقى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتدىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان. ئىنكاسچىلار، خىتاينىڭ مەزكۇر بايانات ئارقىلىق، مۇسۇلمان دۇنياسىنى ئالداشقا ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بىزنىڭ يېقىندا غۇلجادىن ئىگىلىگەن بىر قىسىم ئۇچۇرلىرىمىزمۇ، خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇش ھەركەتلىرىنىڭ تىنىمسىز ۋە كەڭ-كۆلەمدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئىسپاتلىماقتا.
غۇلجا ناھىيەسىنىڭ مازار يېزىسىدىكى بىر كەنت ساقچىسى، مەزكۇر يېزىدا 2017-يىلنىڭ ئالدىدا 8 مەسچىت بارلىقى، 2017-يىلى بۇلاردىن 6 سىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا مەزكۇر يېزىدىكى مەسچىتلەرنىڭ، ئىمام، خاتىپ، مەزىن ۋە قانۇن ۋەكىللىرى بولۇپ جەمئىي 70چە مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتىدىن 50 نەچچىسى كېسىۋېتىلگەن. بۇلارنىڭ ئالدىغا 16 يىللىق، ئارقىسىغا 3-4 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلگەن.
خىتاي باياناتچى ماۋ نىڭ مەزكۇر باياناتىدا، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان غەرب دۇنياسىنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. ئەمما خىتاي ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىدا ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» نى «كېسەللىك ۋىرۇسى» غا ئوخشاتقان ۋە ئۆزلىرىنىڭ «كېسەل داۋالاۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلەرنىمۇ «دىنىي ئەسەبىيلىك» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ جازالاۋاتقانلىقىغا ئاساسەن، خىتاينىڭ ماھىيەتتە پۈتۈن ئىسلام دىنىنى «مەنىۋىي كېسەللىك» دەپ بېكىتكەنلىكى ۋە مۇشۇ مەنتىقە بويىچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ساھەسىدە قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
مەزكۇر كەنت ساقچىسى، ئۆز تەۋەلىكىدىن تۇتۇلغان بۇ دىنىي زاتلارنىڭ دېلولىرىنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، دائىرىلەرنىڭ باستۇرۇشىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى، «خۇراپىيلىق» ۋە «قالاقلىق» نى تۈگىتىش ئۈچۈن مەزكۇر جازالارنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۆزىنىڭ بۇ باستۇرۇش ھەركەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئېلىۋاتقانلىقىنى يوشۇرمىغان بۇ خادىم، غۇلجادا نۆۋەتتە 50 ياشتىن تۆۋەن ئاياللارنىڭ بېشىغا ياغلىق ئارتىشىغا رۇخسەت يوقلۇقى، ئەگەر بىر قېتىم ياغلىق ئارتقانلىقى بايقىلىپ قالسا، 24 سائەت تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇ، «ياغلىق ئارتىش خاتالىقى» نى بىر قېتىمدىن ئارتۇق سادىر قىلسا، قانداق جازا بېرىلىدىغانلىقىنى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
ئىلگىرى يېڭىسار ناھىيەسىدىن ئىگىلىگەن بىر ئۇچۇرىمىزدا، ھۆرىگۈل ناسىر ئىسىملىك 19 ياشلىق بىر قىزنىڭ بىر دوستىغا ياغلىق ئارتىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈنلا 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.
توردىكى ئىنكاسلاردا خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يولغا قويۇۋاتقان بىر مەزگىلىدە، خەلقئارا سەھنىدە مۇسۇلمانلار دوستى قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى بىر قىسىم مەنپەئەتپەرەست گۇرۇپپىلارنى ئىشەندۈرەلىسىمۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنى ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.