3-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلانغان بۇ يىللىق رامىزان ئېيى ئاياقلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا. ھالبۇكى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى روزا تۇتۇش قاتارلىق رامىزانلىق ئىبادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۇ ئايدا، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان يەرلىك مىللەتلەر ئۈچۈن تاقالغان مەسچىتلەرنىڭ خىتاي ساياھەتچىلىرىگە ئېچىۋېتىلگەنلىكى ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلانماقتا.
رامىزان ھارپىسىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ «دوۋيىن»، يەنى تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مەسچىتلىرىگە كىرىپ ساياھەت قىلىۋاتقانلىقى، ھەتتا كۇچادىكى خانىقاھ جامەسى ئىچىدە بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ قەدىمكى كۈسەن ئۇسسۇلىنى ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلەر تارقىلىپ، غەرب دۇنياسىدىكى مۇستەقىل تاراتقۇلاردا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ئىدى.
خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتلىرىدە ئەركىن-ئازادە زىيارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەردىن يەنە بىرى، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالتايدا ساياھەتتە بولۇۋاتقان مەلۇم بىر خىتاي ساياھەتچى تەرىپىدىن تىك-توكقا يوللانغان.
مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدە خىتاي ساياھەتچى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئالتايدىكى «لاگېر مەسچىتى» دېگەن ۋېۋىسكا ئېسىلغان، ئەرەبچە ئىسمى «مەسچىت ئەكبەر» دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ مەسچىتتە زىيارەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي بەلگىلىمىلىرى سەۋەبلىك ھازىر بۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇشقا كېلىدىغانلارنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ساياھەتچى يەنە مەزكۇر سىن فىلىمى تارتىلغان كۈننى ئىشارە قىلىپ، شۇ كۈنى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى بولسىمۇ، ئەمما ئالتايدا قار يېغىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
مەزكۇر ئۇچۇرغا ئاساسەن بىز ئالتايغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، ئالتاي ساياھەت مېھمانخانىسىنىڭ خىتاي مۇلازىمەتچىسى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئالتايدىكى چوڭ مەسچىتتە ئەركىن-ئازادە زىيارەت قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز ئۇنىڭدىن «رامىزان مەزگىلىدە كىشىلەر مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇشقا بولامدۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئالتايدىكى يەنە بىر مېھمانخانىنىڭ قازاق مىللىتىدىن بولغان ئايال مۇلازىمەتچى خادىمى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سوئاللىرىمىزغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالتايدىكى مەسچىتلەردە ئايال ساياھەتچىلەرمۇ زىيارەت قىلسا بولىدىكەن، ئەمما ھازىر ناماز ئوقۇيدىغانلار ئىنتايىن ئاز ئىكەن.
ئۇ پەقەت ھۆكۈمەت تارقاتقان كىنىشكىسى بار ئىماملارلا مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇيالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە پەقەت كىنىشكىسى بار موللىلارلا مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇيالايدۇ. ئۇلارنىڭ موللا ئىكەنلىكىنى ھەققىدە كىنىشكىسى بار. بۇ يەردە مەسچىتكە كىرىش ئۈچۈن كىنىشكا كېرەك.»
ئۇنىڭدىن يەنە «سىز روزا تۇتتىڭىزمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «ياق، بىزنىڭ بۇ يەردە كۆپ ئادەملەر روزا تۇتالمايدۇ» دېدى.
ئۇنىڭدىن يەنە «نېمە ئۈچۈن؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ تېخىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن خىتايچە ۋە قازاقچىنى ئارىلاشتۇرۇپ جاۋاپ بەردى: «بىلمەيمەن، بىزنىڭ ئۆيدە روزا تۇتقانلار يوق». سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۇ ھازىر سىياسەت قاتتىق بولغىنى ئۈچۈن، كۆپ كىشىلەرنىڭ روزا تۇتالمايدىغانلىقى ۋە مەسچىتلەرگە بېرىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئالتايدىكى يەنە بىر مېھمانخانىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر قازاق ئايال تېخىمۇق ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆزى خىزمەتتە بولغىنى ئۈچۈن روزا تۇتمىغانلىقى، ھەتتا ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ روزا تۇتالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تاقىۋېتىلگەن مەسچىتلەرنىڭ خىتاي ساياھەتچىلىرىگە ئېچىۋېتىلىشى، ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى دەپسەندە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي غورۇرىنى سۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتلىرىنى ساياھەت ئورۇنلىرىغا ئايلاندۇرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
نىيۇ-يورك شەھرىدىكى تۇڭگان ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ما جۈنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇقەددەس رامىزان ئېيىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تارىخى مەسچىتلەرنىڭ خىتاي ساھياھەتچىلىرىگە ئېچىۋېتىلىشى، ئىسلام دۇياسى ئۈچۈنمۇ زور ھاقارەت ئىكەن.
ما جۈ مۇنداق دېدى: «ئۇزۇن يىللىق تارىخى بار مەسچىتلەر ھازىر ساياھەتچىلەرنىڭ زىيارەت ئورنىغا ئايلاندۇرۇلۇپتۇ. ھەتتا مەسچىتتە بۇددا ئۇسسۇلى ئوينىلىپتۇ. بەلكىم بەزىلەر بۇنى مەسچىتلەرگە بارىدىغان ئادەم قالمىغانلىقىدىن دەپ چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن. ئەمما بىز بىلىمىز، ئىلگىرى بۇ مەسچىتلەر ئادەم لىققىدە تولۇپ ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتلەر ئىدى. ئالتايدىكى مەسچىتكە مەن 2015-يىلى بارغان ئىدىم، ئۇ چاغلاردا كىشىلەر قورقۇپ تۇرسىمۇ، يەنىلا مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇيالايتى. ئەمما قىسقىغىنا بىر قانچە يىللىق ئېغىر چەكلىمە، باستۇرۇش ۋە زۇلۇم سەۋەبىدىن كىشىلەر قورقۇنۇچ ئىچىدە قېلىپ مەسچىتلەرگىمۇ كىرەلمەس ھالغا كەپتۇ. بۇنىڭ ئۆزى دەل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زوراۋانلىق ئارقىلىق يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قاراشى جىنايەتلىرىنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما مۇسۇلمان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى خىتايدىن ئالىدىغان مەنپەئەتتىن قۇرۇق قېلىشتىن قورقۇپ، ئىسلام دىنىغا قىلىنغان بۇ ھاقارەتلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن نومۇسسىزلىق ۋە رەزىللىك!»