غۇلجا «خىتاي بازىرى» دىكى تاختىيۇن ۋە سامانيولى مەسچىتى تاقىۋېتىلگەن، تۇنگان مەسچىتى ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا ئايلاندۇرۇلغان

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئايلاردا ئاچقان ئاخبارات يىغىنلىرىدا، ئۇيغۇر رايونىدا مەسچىتلەرنىڭ نورمال ئېچىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە خەلقئارا ئاخباراتلاردا ئاشكارىلانغان مەسچىتلەرنىڭ چېقىلغانلىقى ھەم تاقالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بىردەك ئىنكار قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، غۇلجا شەھىرىنىڭ قايناق ئورۇنلىرىدىن بىرى بولغان «خىتاي بازىرى» دىدىكى بۇرۇندىن بار بولغان 3 مەسچىتتىن ئىككىسىنىڭ مۇنارىسى ئېلىپ تاشلىنىپ تاقالغانلىقى، يەنە بىرىنىڭ بولسا ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاي دائىرىلىرى «مەسچىلتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا 2016‏-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۇيغۇر رايوندىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى مەسچىتلەرنى چېقىۋەتكەن ياكى تاقىۋەتكەن ۋە بۇ ئەھۋال كۆپ ساندا پاكىتلار بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلانغان ئىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدلىرىگە جاۋابەن، ئۇيغۇر رايونىدا «مەسچىتلەرنىڭ نورمال ئېچىلىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. دائىرىلەر بۇ يىل 4 ‏-ئاينىڭ 28‏-كۈنى ئۆتكۈزگەن بىر ئاخبارات يىغىنىدا خوتەندىكى بىر مەسچىتنىڭ ئىمامىنى سۆزلىتىپ، خوتەندە مەسچىتلەرنىڭ نورمال ئېچىلىۋاتقىنىدىن باشقا، مەسچىتلەر مۇھىتىنىڭ گۈزەللەشتۈرۈلگەنلىكى ۋە نامازخانلارغا ۋابا مەزگىلىدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ماسكا تارقىتىلغانلىقىنى بايان قىلغۇزغان ئىدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلى ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار بىر خادىمى ئۆزىنىڭ غۇلجىدىكى مەسئۇل تەۋەلىكىدە-يەنى غۇلجا شەھىرىدىكى قايناق ئورۇنلاردىن بىرى بولغان خىتاي بازىرىغا جايلاشقان تاختىيۇن مەسچىتىنىڭ ئۈچ يىل ئاۋۋال تاقالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، تاختىيۇن مەسچىتى غۇلجادىكى قەدىمىي مەسچىتلەردىن بىرى بولۇپلا قالماي، مەسچىت جامائىتىنىڭ دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە سانىنىڭ كۆپلىكى بىلەنمۇ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون بويىچە نۇقتىلىق مەسچىتلەردىن بىرى ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى تاختىيون مەسچىتىنى تاقاپلا قالماستىن، ئۇنىڭ مۇنارىسىنىمۇ چېقىپ تاشلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى مۇشۇنداق بۇزغۇنچىلىقلىرى داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە، بېيجىڭدىكى بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرى ئەلچىلىرىدىن ئۆمەك تەشكىللەپ، پەقەت كۆرگەزمىلىك ئۈچۈنلا ساقلاپ قالغان مەسچىلىرىنى زىيارەت قىلغۇزغان ئىدى. ئەرەپ دۆلەتلىرى زىيارەت ئۆمىكىدە ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرلەردە زىيارەتتە بولغان پەلەستىن ئەلچىسى، بۇ يىل خىتاينىڭ خەلقئاراغا يۈزلەنگەن تېلېۋىزىيەسى CGTN دە سۆز قىلىپ، ئۈرۈمچىدە مەسچىتلەر سانىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى.

غۇلجادىكى مەزكۇر ساقچى خادىمى غۇلجا خىتاي بازىرىدا ئەسلىدە 3 مەسچىت بارلىقى، بۇلاردىن ئىككىنچىسىنىڭ سامانيولى مەسچىتى، ئۈچىنچىسىنىڭ تۇنگان مەسچىتى ئىكەنلىكى، سامانيولى مەسچىتىنىڭمۇ مۇنارىسى چېقىلىپ دەرۋازىسىغا قۇلۇپ سېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ يەنە بايان قىلىشىچە، «خىتاي بازىرى» دىكى تۇنگان مەسچىتىنىڭمۇ مۇنارىسى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئاساسى قاتلام ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا ئايلاندۇرۇلغان.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا خوتەن ۋە قەشقەرلەردىكى مەسچىتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ چېقىلغانلىقى، ئامان قالغانلىرىنىڭ مۇنارىسى ئېلىۋېتىلگەن ياكى قىسقارتىلغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا، غۇلجا خىتاي بازىرىدىنلا ئۈچ مەسچىتنىڭ تاقالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مۇنارىسىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.