كەنت ئامانلىق مۇدىرى: مەسچىتىمىزدە 24 سائەت نۆۋەتچى كادىر بار، ئەمما ناماز ئوقۇيدىغانلار يوق

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.09.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
خىتاي دىنىي ئەركىنلىك بارلىقىنى بازارغا سېلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا دىنغا ئىشەنمەسلىك تەشۋىقاتىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇنارلىرى بىلەن ھىلال ئايلىرى چېقىۋېتىلگەن بىر مەسچىتنىڭ ئەسلى ۋە ھازىرقى ھالىتى.
Social Media

ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان مەسچىتلەر قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزگىرىشچان سىياسەتتىن چۆچۈپ كەتكەن ئاھالىلەر مەسچىتكە كەلمىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەسچىتلەر كۆرگەزمىلىك ئۈچۈن، يەنى خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچىلەر ئۈچۈن ئېچىلغاچقا، مەسچىتتە كادىرلار 24 سائەت نۆۋەتتە تۇرۇپ، مەسچىتلەرنى ئوچۇق تۇتقان. تەكشۈرگۈچىلەر كەلگەن چاغلاردا، كادىرلار ئاھالىلەرگە 120 يۈەندىن ھەق بېرىپ مەسچىتكە ئادەم توپلىغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، دائىرىلەر 2016-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تاقىۋەتكەن مەسچىتلەرنى 2019-يىلنىڭ ئاخىرى ۋە 2020-يىلنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن ئېچىشقا باشلىغان. ھالبۇكى، خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان بۇ يۇمشاش، تا ھازىرغىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەن. قولىمىزدىكى ئىنكاستا قەيت قىلىنىشىچە، غۇلجادا مەسچىتلەر قايتا ئېچىۋېتىلگىلى ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنقى 3 يىلدىكى تۇتۇلۇش ۋە كېسىلىشلەردىن چۆچۈپ كەتكەن ئاھالىلەر مەسچىتكە يېقىن يولىمىغان. دائىرىلەر رايونغا خەلقئارادىن تەكشۈرگۈچىلەر كەلگىنىدە، ئاھالىلەرگە كۈندىلىك ئىش ھەققى بېرىپ مەسچىتكە توپلىغان.

بۇ ئىنكاس ھەققىدە ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرى ئۆز تەۋەلىكىدە تاقىۋېتىلگەن ئىككى مەسچىتنىڭ ئىككى يىل ئاۋۋال قايتىدىن ئېچىلغانلىقى، ئەمما بۇ ئىككى مەسچىتنىڭ ھېچ بىرىدە ناماز ئوقۇغىلى كەلگەنلەرنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەسئۇل كادىرلار ۋە بەزى دىنىي ۋەزىپىدارلار، ئاھالىلەرگە مەسچىتلەرنىڭ قايتىدىن ئېچىلغانلىقىنى مەخسۇس ئۇقتۇرغان، ئەمما بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ قانچىلىك ۋە قاچانغىچە كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى شۇلارنىڭ ئۆزىگىمۇ ئېنىق بولمىغاچقا، ئۇلار ئاھالىلەرنى مەسچىتكە دەۋەت قىلىشتىمۇ بەك قەتئىي تەلەپپۇزدا بولمىغان.

ئالدىنقى يىلى قەشقەر توققۇزاققا قارىتا ئېلىپ بارغان بىر تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدىمۇ، بىر كەنت ساقچىسى تەۋەلىكتە دىنىي چەكلىمىلەر بىراز يۇمشىغان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشقا، جۈملىدىن روزا تۇتۇشقا جاسارەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى 2019‏-يىلى ئۆتكۈزگەن بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 2018-يىلى بىر يىل ئىچىدە 50 دۆلەتتىن كەلگەن 1000 دىن ئارتۇق دىپلومات ۋە ئاخباراتچىلارنى ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ بۇلتۇر ۋە بۇ يىلقى خەۋەرلىرىدىمۇ رايونغا چەت ئەللىك تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ كېلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بەرمەكتە. بۇ خەۋەرلەردە يەنە تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە بۇ سرۇنلاردىكى دىنىي كەيپىياتتىن مەمنۇن بولمىغانلىقى بايان قىلىنماقتا.

بىز مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرىدىن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ چەت ئەللىك تەكشۈرگۈچىلەرگە مەسچىتنى قانداق كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ مەلۇمات سورىدۇق. مەزكۇر خادىم، مەزكۇر كەنتتىكى مەسچىتتە كادىرلارنىڭ ئىزچىل نۆۋەتتە تۇرۇش ئارقىلىق، مەسچىتنى 24 سائەت ئوچۇق تۇتۇۋاتقانلىقى ۋە تەكشۈگۈچىلەر ئۇشتۇمتۇت كېلىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، كادىرلارنىڭ كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە «4 پېشقەدەم» دەپ ئاتالغان چوڭلارنى يىغىپ، سۈنئىي بىر مەسچىت جامائىتى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تىلغان ئالدى. ئۇنىڭ يەنە بايان قىلىشچە، ئەگەر تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ كېلىدىغانلىقى ئالدىن مەلۇم بولغان ئەھۋال ئاستىدا مەسچىتتىكى نۆۋەتچى كادىرلار، ئاھالىلەرگە ئىش ھەققى بېرىش يولى بىلەن مەسچىتكە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئادەم توپلىغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇنداق كۈنلىرى مەسچىتكە ناماز ئوقۇغۇلى كەلگەن كىشىلەرگە 120 يۈەندىن ئىش ھەققى بېرىلگەن.

ئۆتكەن يىلقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، توققۇزاقتىكى مەزكۇر كەنت ساقچىسى، خەلقئارادىن تەكشۈرگۈچىلەر كەلگەندە، مەسىلىنىڭ قانداق ھەل قىلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ 2017-يىلىدىن ئىلگىرى رايوندا ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» نىڭ ھەقىقەتەن ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىلگىرىكى قاتتىق دىنىي چەكلىمىلىرىنى ئاقلاش داۋامىدا، خىتاينىڭ ئارىلىقتىكى 3 يىللىق دىنىي باستۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن قايتا يۇمشاش سىياسىتىنى يول قويغانلىقى، ئەمما بۇ سىياسەتنىڭ رايوندا دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىگە كېلىشىگە ۋەسىلە بولالمىغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.

غۇلجادىكى يوقۇرىقى ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجادا مەسچىتلەر قايتا ئېچىلغىلى ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما مەسچىتلەر دىنىي پائالىيەت سورۇنى ھالىتىگە كېلەلمىگەن. مەسچىتلەر يەنىلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ۋە تۈرلۈك ۋەزىپە ئىجرا قىلىش سۇپىسىغا ئايلىنىپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.