خىتاينىڭ غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان
2022.10.25

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2010-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» پىلانى، ئۇنىڭ غەربنىڭ نېفىتىنى شەرققە يۆتكەش، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشلىرىدىن كېيىن يولغا قويغان ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقى، قۇمۇل قاتارلىق رايونلىرىدىكى كۆمۈر كانلىرىنىڭ ئەتراپىغا كەڭ كۆلەملىك كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇپ، كۆمۈرنى جايىدا سەرپ قىلىش، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ئېلېكتر توكىنى خىتاينىڭ شەرقىدىكى شەھەر ۋە سودا-سانائەت بازىلىرىنى تەمىنلەشنى نىشان قىلغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ياز ئايلىرىدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە قۇرغاقچىلىق ۋە ھاۋانىڭ قاتتىق ئېسىپ كېتىشى يۈز بېرىپ، ئېلېكترغا بولغان ئېھتىياج ئارتقاندا، «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنىڭ 3 چوڭ يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى خىتاي ئۆلكىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەشتە تارىخىي رېكورت ياراتقان.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ يىل ياز ھاۋاسى قاتتىق ئىسسىپ كەتكەن مەزگىلدە جياڭسۇ، شاڭخەي، خۇبېي، چوڭچىڭ قاتارلىق خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكە-شەھەرلىرىگە يوللىغان ئومۇمى توك مىقدارى 47 مىليارد كىلوۋاتتىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، كۈنلۈك يۆتكىگەن توك مىقدارىنىڭ ئۆزىلا 447 مىليون كىلوۋات بولغان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى «شىنجاڭ ئېلېكترى» نىڭ قاتتىق ئىسسىق ۋە قۇرغاقچىلىق مەزگىلىدە خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئېلېكترغا بولغان ئېھتىياجىنى زور مىقداردا قامدىغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئېلىپ كەلگەن مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەسىرى، شۇنداقلا خىتاينىڭ 2021-يىلى يەر شارى ھاۋا كىلىماتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تىلغا ئالمىغان. ئامېرىكدىكى «يەر شارى ئېنېرگىيە كۆزىتىش» ناملىق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇھىت، ئېنېرگىيە، ۋە ئىجتىمائىي ئادالەت مەسىلىلىرى بويىچە تەتقىقات ئانالىزچىسى فلورا چەمپېنوئىس، كۆمۈرنىڭ يېقىلغۇ قىلىنىشى ئاممىۋى سالامەتلىك كرىزىسىدىكى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى، كۆمۈرنىڭ ھاۋانى بۇلغىشى ھەر يىلى نۇرغۇن ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فلورا چەمپېنوئىس بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «كۆمۈر ھەم پاكىز بولمىغان ھەم قىممەتكە توختايدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى. مەلۇم بولغاندەك كۆمۈر ئاممىۋى سالامەتلىك كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، قايتا ئىشلىتىشكە بولىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەگە كۆچۈش قانچىلىك تېز بولسا، شۇنچىلىك مۇھىم. بىراق خىتاي بۇنىڭ سىرتىدا قالدى…. . ھاۋانىڭ كۆمۈردىن بۇلغىنىشى ھەر يىلى نۇرغۇن ئۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆم. رنى يېقىلغۇ قىلىش نۇرغۇن سۇ تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، ھازىرقى پەيتتە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ، يېڭىلاشقا بولىدىغان يېشىل ئېنېرگىيەگە كۆچۈش بەكمۇ مۇھىم.»
خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ زەھەرلىك كاربون قويۇپ بېرىدىغان دۆلەت بولۇپ، شى جىنپىڭ ئىلگىرى كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 2030-يىلىغا قەدەر زەھەرلىك كاربون گازىنى كونترول قىلىشنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشكە، 2060-يىلىغا بارغاندا نۆلگە چۈشۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا يېڭى ئوت ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇشنى تەستىقلىغانىدى.
فلورا چەمپېنوئىس، خىتايدا ئېلېكتر توكىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئۇنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۆمۈردىن پايدىلىنىشنى قايتا قارار قىلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈردى. فلورا چەمپېنوئىس مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەشتە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىدىن مۇستەسنا بىر دۆلەت بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ كىلىمات نىشانى دۆلەتنىڭ پىلاندىكى كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئازايتىشقا ئېلىپ بارمىدى. توكنىڭ كەمچىل بولۇشى ئۇنىڭ ئېنېرگىيە ئستراتېگىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۆمۈردىن پايدىلىنىشنى قايتا قارار قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ھۆكۈمەت 2022-يىلنىڭ باشلىرىدا 21 گىگابايتلىق يېڭى كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىسىغا ئىجازەت بەردى».
فلورا چەمپېنوئىسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇنىڭ ھاۋا كىلىمات ۋەدىسىگە تەسىر قىلمايدىغانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، بىراق ھاۋاغا زەھەرلىك كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدىكەن. ئۇ: «خىتاي كۆمۈر ئىستېمال مىقدارىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۇنىڭ كىلىمات ۋەدىسىگە خىلاپ ئەمەسلىكىنى قەيت قىلسىمۇ، لېكىن كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ يېقىلغۇ ئىستېمالىنى ئېشىپ كېتىشى زەھەرلىك كاربون گازىنى ئازايتىشقا ئۆتۈشنى قىيىنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ قىممەتكە توختىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى.
خىتاي «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشى 3 چوڭ يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتر توك لىنىيەسىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ 750 كىلوۋات يۇقىرى بېسىملىق شىنجاڭ-غەربىي شىمال ئېلېكتر توكى لىنىيەسى، 1100 كىلوۋات يۇقىرى بېسىملىق سانجى-گۇچۈەن ئېلېكتر توكى لىنىيەسى ۋە 800 كىلوۋات يۇقىرى بېسىملىق قۇمۇل-جېنجوۋ ئېلېكتر توكى لىنىيەسىنى ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 1100 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى 750 كىلوۋاتلىق شىنجاڭ-غەربىي-شىمال ئېلېكتر لىنىيەسى ئىككى لىنىيەگە بۆلۈنگەن.
ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئىشلىگەن، ھازىر ئامېرىكادا ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر ئېلىكېر قۇرۇلۇشى ئىنژېنېرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشى، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئانچە قوزغىمىغان بىر قۇرۇلۇش بولسىمۇ، بىراق بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى بۇزغۇچۇنچىلىق خاراكتېرى ئىنتايىن چوڭ ئىكەن. 2016-يىلى ئامېرىكاغا كەلگەنگە قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇرغۇن توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش پونكىتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، مەزكۇر خىتاي ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمىگە شاھىت بولغان بۇ ئىنژېنېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار قۇرغان توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش پونكىتلىرىنىڭ غايەت زور توك سىغىمى ئۆز ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقانىكەن.
ئامېرىكادىكى «ۋىلسون مەركىزى» گە ئوخشاش نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشى ئۇنىڭ شەرقىدىكى سودا-سانائەت مەركەزلىرىگە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئېلىپ كەلسىمۇ، بۇ بۇ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، مۇھىت سىستېمىسى ئىنتايىن نازۇك بولغان بۇ رايوندا سۇ ۋە يېمەكلىك مەسىلىسىدىكى مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىدىكەن. «ۋىلسون مەركىزى» نىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتىدا، خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلەر بىلەن ئۇنىڭ غەربىدىكى بۇ رايوننىڭ ئالدىنقى ئېھتىياجلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى، ئېھتىياجدىكى پەرقلەرنىڭ ئاجىز بىر ھالقا ھېسابلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكادىكى بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتا قەبىھلىك بىلەن كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشى، ئۇنىڭ «غەربنى توكىنى شەرققە يۆتكەش» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئامېرىكا نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، شۇنداقلا پاختىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەبىئىي بالىلىق ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭ ئاھالىلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش بىلەن بىر ئالاقىسى بارمۇ، دېگىنىمىزدە، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئالاقىسى بار».
شيا مىڭ، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئستراتېگىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا چېتىشلىق بولۇشىدا بىر قانچە سەۋەب بارلىقى، بۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرى، يەرلىك خەلقنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىغا بولغان ئىگىدارچىلىق تەلەپلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا شەرقتىكى تەرەققىي قىلغان سودا-سانائەت رايونلىرىنى بىمالال ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىكەن. شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭ بىرقانچە سەۋەبى بار. بىرىنچىسى، خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىدە دائىم سىلەر مەركىزى ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن بەرگەن ياردەمگە تايىنىسىلەر، دېگەن ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ئۇ بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر مەركەزنىڭ مالىيە ياردىمىگە تايىنىدۇ، شۇڭا سىلەر رەھمەت ئېيتىشىڭلار كېرەك، دېگەننىڭ بىر ئەپسانە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بىراق ئەمەلىيەتتە سىز مەيلى شىنجاڭنىڭ بايلىقىنى ئانالىز قىلسىڭىز ياكى مەركەزنىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەتتىن ئېرىشىۋاتقان بايلىقىنى ھېسابلىسىڭىز، مەركەزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بەرگەن مالىيە ياردىمىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرىسىز»
شيا مىڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى شەرقتىكى سانائەت بازىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئادالەتسىز بايلىق تەقسىماتىنى ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇش ئارقىلىق يوشۇرماقتىكەن. شيا مىڭ: «شۇڭا، بۇنداق ئەھۋالدا مەركىزى ھۆكۈمەت قاتتىق باستۇرۇش ئارقىلىق بايلىقتىن مەنپەئەتدار بولۇش، شەرقتىكى تەرەققىي قىلغان رايونلارنى ئالدى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت بۇ يولنى تۇتماقتا. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى شەرقتىكى رايونلار بىلەن غەربتىكى رايون ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا، ئۇ باستۇرۇش ئارقىلىق بۇ ۋەزىيەتنى ساقلىماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېدى.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ يىل ياز ئايلىرىدا خىتاي ئۆلكىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلىشى رېكورت يارىتىش بىلەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى توك بىلەن تەمىنلەش مىقدارى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن باشلاپلا كۆرۈنەرلىك ئېشىپ بارغان. ئۇنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا خىتاي ئۆلكىلىرىنى تەمىنلىگەن بىر ئاي ئىچىدىكى ئېلېكترى 10 مىليارد 400 مىليون 240 مىڭ كىلوۋات بولغان.
خىتايدىكى «نۇر» گېزىتىنىڭ بۇ يىل 4-ئايدا بەرگەن بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىنى تەمىنلىگەن بىر ئايلىق توكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە 3 مىليون 150 مىڭ توننا كۆمۈرنىڭ يېقىلىشى، 8 مىليون 510 مىڭ توننا كاربون دىئوكسىد ۋە 20 مىڭ 680 توننا گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدنىڭ ھاۋاغا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى تەكىتلەنگەن.