گېرماىيە مۇخبىرى خىتاينىڭ توسالغۇسى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىگەن

0:00 / 0:00

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا خىتايدا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا تىجارەت قىلىۋاتقان گېرمانىيەنىڭ داڭلىق شىركەتلىرىگە بولغان ئاگاھلاندۇرۇش سادالىرى كۈچەيدى.

14-ئىيۇل ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا چەكلىگەن 14 خىتاي شىركىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ئىككى كۈندىن بۇيان گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلىنىپ، ھەپتىلەردىن بۇيان داۋاملاشقان «خىتاينىڭ بۇ يىلقى ئېكىسپورت سوممىسىنىڭ گېرمانىيەدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن» لىكىگە دائىر بەس-مۇنازىرىلەرنى كۆمۈپ تاشلىدى.

گېرمانىيەنىڭ بارلىق داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» توغرىسىدا بەس-بەستە خەۋەرلەر تارقاتتى. خەۋەرلەردە سېناتور ماركو رۇبىيونىڭ «بىز خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمالمايمىز، شۇنداقلا ھەرقانداق شىركەتنىڭ بۇ دەھشەتلىك زۇلۇمغا شېرىك بولۇپ پايدا ئېلىشىغا يول قويمايمىز» دېگەن سۆزلىرى مۇقەددىمە قىلىندى. ئارقىدىنلا سېناتور جېف مېركلېينىڭ «ھىچقانداق بىر ئامېرىكا شىركىتى بۇ زىيانكەشلىكلەردىن پايدا ئالماسلىقى كېرەك. ھېچقانداق ئامېرىكالىق ئىستىمالچى بىلىپ-بىلمەي مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىقى كېرەك» دېگەن سۆزلىرى تەكىتلەندى. بۇنىڭ ئارقىدىن ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان 14 خىتاي شىركىتىنى جازالىغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلۈپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ۋە يەنە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قۇللىرىغا ئايلانغانلىق قىسمەتلىرى بايان قىلىندى.

ئۇيغۇر زىيالىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، ئامېرىكادا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ گېرمانىيە ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ ئۈلگە بولۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى، گېرمانىيە شىركەتلىرىگە بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دەل مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ARD، يەنى گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلى 15-ئىيۇل كۈنى «شىنجاڭدىكى گېرمان شىركەتلىرى: مەجبۇرىي ئەمگەكمۇ؟ يىپ ئۇچى بايقالمىدى» ناملىق بىر زىيارەت خاتىرىسىنى تارقاتتى. بۇ زىيارەت خاتىرىسىنى ARD نىڭ شاڭخەيدىكى ۋاكالەتچىسى ئۈرۈمچىدىن ئەۋەتكەن ئىدى.

مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىدا بايان قىلىنىشىچە، ARD نىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق ئوبزورچىسى ھەم مۇخبىرى بولغان شىتېفېن ۋۇرسېل جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار يىپ ئۇچىغا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇشۇ ھەپتە ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان. بىراق خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قەدەمدە بىر توسۇشى، سوئال-سوراق قىلىشى، مۇنازىرىلىشىشى، رودىپايدەك چاپلىشىۋېلىشى ۋە ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشى نەتىجىسىدە ئۇلار كۆزلىگەن مەقسىدىگە يىتەلمىگەن. ئاقىۋەت ئۇلار گېرمانىيەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى شىركەتلىرىنى زىيارەت قىلىش نىيىتىگە كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ۋەزىيەت بىردىنلا ئۆزگەرگەن. خىتايلارنىڭ مۇئامىلىسى سىلىقلىشىپ، ئۇلارغا قىممەتلىك مېھمانغا ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتقان

شىتېفېن ۋۇرسېل ئالدى بىلەن كورلاغا بېرىپ، 2016-يىلى قۇرۇلغان، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونلىرىنى خېمىيەىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدىغان گېرمانىيەنىڭ خىمىيە سانائەت زاۋۇتى بولغان BASF نى زىيارەت قىلغان. بۇ شىركەتنىڭ شۇ رايوندىكى مەسئۇلى برۇگمان ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالغان ۋە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ شىركەتتە 120 مۇتەخەسسىسنىڭ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، ھەممىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىلار ئىكەنلىكىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي يولغا قويۇۋاتقان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شىركەتنىڭ ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرى بويىچە بۇ ساھەدە قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

شىتېفېن ۋۇرسېل گېرمانىيەنىڭ كورلادىكى خىمىيە سانائەت زاۋۇتى بولغان BASF قا بىرقانچە كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان 3 جازا لاگېرىنىڭ ئىسخىمىسىنى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن كۆرگەن بولغاچ، بۇ جايلارنى كۆزىتىش ئۈچۈن يولغا چىققان. ئەمما يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا توساتتىن پەيدا بولغان خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ يولىنى كېسىپ، دەرھال بۇ رايوندىن يىراقلىشىشقا بۇيرۇغان.

شىتېفېن ۋۇرسېل كورلادىن قايتىپ، گېرمانىيەنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان. بىراق بۇ زىيارەت ۋولكسۋاگېننىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىلا ئاخىرلىشقان. شىركەت ئۇلارنى قارشى ئالمىغان، ئىچىگە كىرىپ كۆرۈپ بېقىشقىمۇ رۇخسەت قىلمىغان. زامانىدا ھىتلېر ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، ھازىر خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىنى ساقچى ماشىنىسى بىلەن تەمىنلەپ، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا شېرىك بولۇۋاقانلىق گۇناھى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ۋولكىسۋاگېن ھېچكىمنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نەتىجە ئىتىبارى بىلەن، شىتېفېن ۋۇرسېلنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «شىنجانغا كېلىپ ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ كېتىڭلار» دېگەن يالغان تەشۋىقاتىنىڭ ساختا ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بەرگەن. شىتېفېن ۋۇرسېل ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار ھىچقانداق يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمەي ئۆز بېشىدىن ئۆتكەنلەر ئاساسىدا مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىنى ھازىرلاپ، 15-ئىيۇل ئۈرۈمچىدىن ARD غا يوللىغان.

گېرمانىيەدە يېقىندا ماقۇللىغان تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىغا بىنائەن خىتايدىكى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى گېرمان شىركەتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇلماقتا. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، گېرمانىيە ۋە ياۋروپادا بۇ جەھەتتە ئىجابىي قەدەملەرنىڭ ئېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى 2022-يىلىدىن باشلاپ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 1000 دىن تۆۋەن بولغان گېرمان شىركەتلىرىگە، 2023-يىلىدىن باشلاپ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 1000 دىن يۇقىرى بولغان گېرمان شىركەتلىرىگە رەسمىي تەدبىقلىنىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار شىركەتلەر بايقالسا، مەزكۇر قانۇنغا بىنائەن جازالىنىپلا قالماي، بۇ شىركەتلەردە خىزمەت قىلغان كىشىلەرنىڭ شەخسىي مەسئۇلىيىتىمۇ سۈرۈشتە قىلىنىدىكەن. ھازىر خىتايدا 5 مىڭدىن ئارتۇق گېرمان شىركەتلىرى تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقتا ئىكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ 13-ئىيۇل كۈنى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس نىزامنامە ئېلان قىلىپ، ياۋروپا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكىگە چېتىلىپ قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.