ئۇيغۇر رايونىدا نىكاھ ئوقۇتۇشنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىرىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياش يۇرتىغا قايتىپ توي قىلىشنىڭ ئالدىدا نۆۋەتتە قەشقەردە توي قىلغانلارنىڭ نىكاھ ئوقۇتۇشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. ئۇ بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن توققۇزاق ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تېلېفون قىلغىنىدا ئالاقىدار خادىم بۇ ھەقتە تېلېفوندا جاۋاب بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. تولىمۇ ئاددىي بىر سوئالغا بىر ناھىيەلىك ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئوچۇق ۋە كەسكىن ھالدا جاۋاب بېرەلمەسلىكى رادىيومىزغا ئىلگىرى كەلگەن ئىنكاسلاردىكى ئۇيغۇر رايونىدا نىكاھ ئوقۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى ئىشارەتلىمەكتە.

ئۆتكەن ئايلاردا رادىيمىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا ئۇيغۇر رايونىدا نىكاھسىز ئۆيلىنىشنىڭ تەشەببۇس قىلىنىۋاتقانلىقى، ھەتتا بەزى جايلاردا نىكاھ مۇراسىمىنىڭ ئاشكارا ھالدا چەكلەنگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان ئىدى. ئۆزىنىڭ شاڭخەيدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ تۈنۈگۈن رادىيومىزغا يوللىغان بىر ئاۋاز خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ توي قىلىشنىڭ ئالدىدا قەشقەردە نىكاھ ئوقۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. ئۇ بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۇرتى توققۇزاق ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلغان. ئۇ تېلېفوننى قوبۇل قىلغان خادىمغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ۋە ئۆيلىنىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نىكاھ ئوقۇتۇشقا رۇخسەت بار ياكى يوقلۇقىنى سورىغان. مەزكۇر خادىم سوئالنىڭ ئۆزىگە جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا، بۇ ياشنىڭ نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە نەدىن تېلېفون ئۇرۇۋاتقانلىقىنى سورىغان. بۇ ياش ئۆزىنىڭ شاڭخەيدە ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر خادىم بۇ ھەقتە تېلېفوندا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ياش مەزكۇر خادىمغا ئۆزىنىڭ قەشقەردە نىكاھنى چەكلەندى دەپ ئاڭلىغانلىقى، خاتالاشماسلىق ئۈچۈنلا بۇ سوئالنى سوراۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. مەزكۇر خادىم بۇ ھەقتە قانۇن ئورۇنلىرىدىن، يەنى سوت مەھكىمىسىدىن مەلۇمات سورىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

بۇ ياش ئۆزىنىڭ سوئالىنىڭ تولىمۇ ئاددىي ئىكەنلىكى، نىكاھ ئوقۇتۇشقا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋالسا يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. مەزكۇر خادىم بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن مۇمكىن قەدەر ئۆزىنى قاچۇرغان. ئارقىدىن بۇ ياش ئۆزىنى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ نۆۋەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بۇ خادىمدىن بۇ ھەقتە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تەمىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ خادىم ئۇنىڭدىن يۇرتىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكى ۋە قايسى تەۋەلىكتىن ئىكەنلىكىنى سورىغان. بۇ ياش ئۆزىنىڭ توققۇزاق بازار ئىچىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بۇ خادىم سورالغان نومۇرنى تەمىنلەشنى رەت قىلغان. ئاندىن بۇ ياش ئۆزىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئاددىي بىر سوئالغا جاۋاب ئالالمىغانلىقىغا قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كەسكىن بىر مەيدان تالاش-تارتىش كېلىپ چىققان. ئاخىرىدا مەزكۇر خادىم بۇ ياشنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەنلىكى ۋە ئۇ ئۆزىنىڭ قايسى تەۋەلىكتە ياشايدىغانلىقىنى دەپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ ياشنىڭ مەزكۇر خاتىرىسى بىلەن يوللىغان ئېلخېتىدە ئەسكەرتىلىشىچە، توي قىلماقچى بولغان قىز تەرەپتىنمۇ نىكاھ ئوقۇشقا رۇخسەت يوقلۇقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. بۇ ھەقتە تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەردىكى ئالاقىدار دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. قازاقىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئۇيغۇر رايونىدا نىكاھ ئوقۇتۇشنىڭ چەكلەنگىنىگە بىر يىلدىن ئاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەر لاگېرلار قۇرۇلۇشتىن ئاۋۋال توي خېتى ئالماستىن نىكاھ ئوقۇتۇش بىلەنلا ئۆي-ئوچاقلىق بولغان جورىلارنى «قانۇنسىز توي قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ قاتتىق جازالىغان. لاگېرلار قۇرۇلغاندىن كېيىن بولسا توي خېتى ئېلىشنىڭلا كۇپايە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، نىكاھ ئوقۇتۇشنى «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى» دەپ بېكىتكەن ۋە ئۇنى قاتتىق چەكلىگەن.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز مەلۇم بولۇشىچە، ئۇزۇن بىر مەزگىل ساقال قويۇش ۋە ئۇزۇن كىيىنىشنى چەكلەپ كەلگەن خىتاي دائىرىلىرى 2015‏- ۋە 2016‏-يىللىرىغا كەلگەندە زاكات بېرىشنىمۇ چەكلىگەن. يېڭىشەھەرنىڭ ياپچان يېزىسىدا ئۇيغۇرلار بىر-بىرىگە 5 يۈەن ياردەم قىلىش ئۈچۈنمۇ ھۆكۈمەتكە تىزىملىتىشقا مەجبۇر بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر، ئىسلامدىكى 5 پەرزنىڭ بىرى بولغان زاكاتنى چەكلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىدى. ئەمدىلىكتە نىكاھنى چەكلەشتە دىندىن ئۇزاقلاشتۇرۇشتىن باشقا كونكرېت يەنە نېمىلەرنى كۆزلىگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.