قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى خادىمى: «ۋىلايىتىمىزدە نىكاھ ئوقۇتۇشقا رۇخسەت يوق»
2020.08.21
توققۇزاق ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى خادىمىنىڭ بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ نىكاھ ئوقۇتۇشقا رۇخسەت بار-يوقلۇقىنى ھەققىدىكى سوئالىنى جاۋابسىز قالدۇرغانلىقى ھەققىدىكى ئاۋاز خاتىرىسى قولىمىزغا چۈشكەندىن كېيىن، قەشقەردىكى ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار خادىملارغا تېلېفون قىلدۇق. قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خادىمى نۆۋەتتە قەشقەردە نىكاھ ئوقۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى؛ پاختەكلى يېزىسىدىكى بىر خادىم بولسا مەزكۇر يېزىدا نىكاھسىز ئۆيلىنىشنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.
بىز ئۇيغۇر رايونىدا نىكاھ ئوقۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان خادىم دەسلىپىدە بۇ ھەقتە دىنىي ئىشلار كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورگانلارنى ئىزدىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. بىز ئۇنىڭدىن بەزى ئورۇنلاردا ئۆيلىنىش مۇراسىمىدا نىكاھ ئوقۇتۇشقا رۇخسەت يوقلۇقى، يەنى دىنىي قائىدىلەر بويىچە نىكاھ ئوقۇقتۇشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىمىز ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ قەشقەردە قانداق ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «قەشقەردە بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دەپ ئوچۇق جاۋاب بەردى. ئەمما بۇ تۈزۈمنىڭ قەشقەردىن باشقا جايلاردا قانداق ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. قەشقەردە نىكاھ ئوقۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خادىمى تەرىپىدىن دەلىللەنگەندىن كېيىن، بىز بۇ چەكلىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە قەشقەردىكى يېزا دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن مەلۇمات سورىدۇق.
پاختەكلى يېزىسىدىكى بىر كەنت كادىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پاختەكلىدە يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئۆيلەنگەنلەر نىكاھ ئوقۇتمىغان، ئۆيلىنىش رەسمىيىتى پەقەت توي خېتى ئېلىش بىلەنلا تاماملانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، پاختەكلىدىكى كادىرلار ئاھالىلەرگە نىكاھ ئوقۇتۇشنى چەكلەشنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش» دەپ كۆرسەتكەن ۋە كۆپ ئادەم توپلىنىدىغان ۋە ياكى باردى-كەلدى قىلىدىغان ھەرقانداق بىر مۇراسىمنىڭ مۇقىملىققا تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. بۇ چەكلىمىنىڭ نەتىجىسىدە نىكاھ ئوقۇتۇشلا ئەمەس، ئىككى يىلدىن بۇيان پاختەكلىدە توي مۇراسىمىمۇ ئۆتكۈزۈلمىگەن.
نىكاھ ئوقۇتۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىنىش مۇراسىمىدىكى ئىنتايىن زۆرۈر ۋە نازۇك بىر ھالقا بولۇپ، بۇ مۇراسىم توي كۈنى ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلىدۇ. توي قىلىدىغان قىز-يىگىت قولداشلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تۈركۈم جامائەتنىڭ ئالدىدا ۋە بىر دىنىي زاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە دۇئا-تىلاۋەتلەرلەر بىلەن نىكاھ ئوقۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدۇ. نىكاھسىز پەرزەنتلىك بولۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ. پاختەكلى يېزىسىدىكى مەزكۇر كادىر پاختەكلىدە نۆۋەتتە نىكاھسىز ئۆيلىنىشنىڭ ئومۇملىشىپ بولغانلىقىنى، ھەتتا كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا نورمال كۆز بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يېقىنقى بىر مىسالنى تىلغا ئېلىپ، پاختەكلى 5-كەنت2 -مەھەللىسىدىكى نىيازئاخۇن دېگەن كىشىنىڭ 22 ياشلىق ئوغلىنىڭ قوشنا كەنتتىكى بىر قىز بىلەن توي خەت ئېلىپلا ئۆي تۇتقانلىقىنى ۋە نىكاھسىز ھالدا ئېغىرئاياغ بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
يۇقىرىدا قەشقەردە نىكاھ ئوقۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن رەسمىي دەلىللىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.